< زەبۇر 14 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئەخمەق كىشى كۆڭلىدە: «ھېچبىر خۇدا يوق» ــ دەيدۇ. ئۇلار چىرىكلىشىپ، يىرگىنچلىك قەبىھلىكنى قىلىشتى؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدە مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوقتۇر؛ | 1 |
To the chief Musician, [A Psalm] of David. The fool hath said in his heart, [There is] no God. They are corrupt, they have done abominable works, [there is] none that doeth good.
پەرۋەردىگار ئەرشتە تۇرۇپ، ئادەم بالىلىرىنى كۆزىتىپ: «بۇ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئىنساپنى چۈشىنىدىغان بىرەرسى بارمىدۇ؟ خۇدانى ئىزدەيدىغانلار بارمىدۇ؟ | 2 |
The LORD looked down from heaven upon the children of men, to see if there were any that did understand, [and] seek God.
ھەممە ئادەم يولدىن چىقتى، ھەممە ئادەم چىرىكلىشىپ كەتتى، مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوق، ھەتتا بىرىمۇ يوقتۇر. | 3 |
They are all gone aside, they are [all] together become filthy: [there is] none that doeth good, no, not one.
ناننى يېگەندەك مېنىڭ خەلقىمنى يۇتۇۋالغان بۇ قەبىھلىك قىلغۇچىلار ھېچنېمىنى بىلمەمدۇ؟» ــ دەيدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارغا ھېچبىر ئىلتىجا قىلمايدۇ. | 4 |
Have all the workers of iniquity no knowledge? who eat up my people [as] they eat bread, and call not upon the LORD.
مانا ئۇلارنى غايەت زور قورقۇنچ باستى؛ چۈنكى خۇدا ھەققانىيلارنىڭ دەۋرىدىدۇر. | 5 |
There were they in great fear: for God [is] in the generation of the righteous.
«سىلەر ئېزىلگەنلەرنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن ئۈمىدىنى يوق قىلماقچى بولىسىلەر؛ بىراق پەرۋەردىگار ئۇنىڭ باشپاناھىدۇر!» | 6 |
Ye have shamed the counsel of the poor, because the LORD [is] his refuge.
ئاھ، ئىسرائىلنىڭ نىجاتلىقى زىئوندىن چىقىپ كەلگەن بولسا ئىدى! پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى ئاسارەتتىن چىقىرىپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرگەن چاغدا، ياقۇپ شادلىنىدۇ، ئىسرائىل خۇشاللىنىدۇ! | 7 |
Oh that the salvation of Israel [were come] out of Zion! when the LORD bringeth back the captivity of his people, Jacob shall rejoice, [and] Israel shall be glad.