< زەبۇر 139 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنى تەكشۈرۈپ چىقتىڭ، ھەم مېنى بىلىپ يەتتىڭ؛ | 1 |
Nǝƣmiqilǝrning bexiƣa tapxurulup oⱪulsun dǝp, Dawut yazƣan küy: — I Pǝrwǝrdigar, Sǝn meni tǝkxürüp qiⱪting, Ⱨǝm meni bilip yǝtting;
ئۆزۈڭ ئولتۇرغىنىمنى، تۇرغىنىمنىمۇ بىلىسەن؛ يىراقتا تۇرۇقلۇق كۆڭلۈمدىكىنى بىلىسەن. | 2 |
Ɵzüng olturƣinimni, turƣinimnimu bilisǝn; Yiraⱪta turuⱪluⱪ kɵnglümdikini bilisǝn.
باسقان قەدەملىرىمنى، ياتقانلىرىمنى ئۆتكەمەڭدىن ئۆتكۈزدۇڭ؛ بارلىق يوللىرىم ساڭا ئاياندۇر. | 3 |
Basⱪan ⱪǝdǝmlirimni, yatⱪanlirimni ɵtkǝmǝngdin ɵtküzdung; Barliⱪ yollirim Sanga ayandur.
بەرھەق، تىلىمغا بىر سۆز كېلە-كەلمەستىنلا، ئى پەرۋەردىگار، مانا سەن بۇنى ئەينى بويىچە بىلمەي قالمايسەن. | 4 |
Bǝrⱨǝⱪ, tilimƣa bir sɵz kelǝ-kǝlmǝstinla, i Pǝrwǝrdigar, Mana Sǝn buni ǝyni boyiqǝ bilmǝy ⱪalmaysǝn.
سەن مېنى ئالدى-كەينىمدىن ئوراپ تۇرىسەن، قولۇڭنى مېنىڭ ئۈستۈمگە قوندۇرغانسەن. | 5 |
Sǝn meni aldi-kǝynimdin orap turisǝn, Ⱪolungni mening üstümgǝ ⱪondurƣansǝn.
بۇنداق بىلىم ماڭا شۇنچىلىك تىلسىمات بىلىنىدۇ! شۇنداق يۈكسەككى، مەن ئۇنى بىلىپ يېتەلمەيدىكەنمەن. | 6 |
Bundaⱪ bilim manga xunqilik tilsimat bilinidu! Xundaⱪ yüksǝkki, mǝn uni bilip yetǝlmǝydikǝnmǝn.
روھىڭدىن نېرى بولۇشقا نەلەرگىمۇ بارالايتتىم؟ ھۇزۇرۇڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ نەلەرگە بارالايتتىم؟ | 7 |
Roⱨingdin neri boluxⱪa nǝlǝrgimu baralayttim? Ⱨuzurungdin ɵzümni ⱪaqurup nǝlǝrgǝ baralayttim?
ئاسمانلارغا چىقسام، مانا سەن ئاشۇ يەردە؛ تەھتىسارادا ئورۇن سالساممۇ، مانا سەن شۇ يەردە؛ (Sheol ) | 8 |
Asmanlarƣa qiⱪsam, mana Sǝn axu yǝrdǝ; Tǝⱨtisarada orun salsammu, mana Sǝn xu yǝrdǝ; (Sheol )
سەھەرنىڭ قاناتلىرىنى ئېلىپ ئۇچۇپ، دېڭىزنىڭ ئەڭ چەت يەرلىرىدە تۇرسام، | 9 |
Sǝⱨǝrning ⱪanatlirini elip uqup, Dengizning ǝng qǝt yǝrliridǝ tursam,
ھەتتا ئاشۇ جايدا قولۇڭ مېنى يېتەكلەيدۇ، ئوڭ قولۇڭ مېنى يۆلەيدۇ. | 10 |
Ⱨǝtta axu jayda ⱪolung meni yetǝklǝydu, Ong ⱪolung meni yɵlǝydu.
مەن: «قاراڭغۇلۇق مېنى ياپسا، ئەتراپىمدىكى يورۇقلۇق چوقۇم كېچە بولىدۇ» ــ دېسەم، | 11 |
Mǝn: «Ⱪarangƣuluⱪ meni yapsa, Ətrapimdiki yoruⱪluⱪ qoⱪum keqǝ bolidu» — desǝm,
قاراڭغۇلۇقمۇ سەندىن يوشۇرۇنالمايدۇ، كېچىمۇ ساڭا كۈندۈزدەك ئايدىڭدۇر، قاراڭغۇلۇقمۇ [ساڭا] يورۇقتەكتۇر. | 12 |
Ⱪarangƣuluⱪmu Sǝndin yoxurunalmaydu, Keqimu Sanga kündüzdǝk aydingdur, Ⱪarangƣuluⱪmu [Sanga] yoruⱪtǝktur.
بەرھەق، سەن مېنىڭ ئىچلىرىمنى ياسىغانسەن؛ ئانامنىڭ قورسىقىدا مېنى توقۇغانسەن؛ | 13 |
Bǝrⱨǝk, Sǝn mening iqlirimni yasiƣansǝn; Anamning ⱪorsiⱪida meni toⱪuƣansǝn;
مەن سېنى مەدھىيىلەيمەن، چۈنكى مەن سۈرلۈك ۋە كارامەت ياسالغانمەن؛ سېنىڭ قىلغانلىرىڭ كارامەت تىلسىماتتۇر؛ بۇنى جېنىم ئوبدان بىلىدۇ. | 14 |
Mǝn Seni mǝdⱨiyilǝymǝn, Qünki mǝn sürlük wǝ karamǝt yasalƣanmǝn; Sening ⱪilƣanliring karamǝt tilsimattur; Buni jenim obdan bilidu.
مەن يوشۇرۇن جايدا ياسالغىنىمدا، يەر تەگلىرىدە ئەپچىللىك بىلەن توقۇلۇپ شەكىللەندۈرۈلگىنىمدە، ئۇستىخانلىرىم سەندىن يوشۇرۇن ئەمەس ئىدى. | 15 |
Mǝn yoxurun jayda yasalƣinimda, Yǝr tǝgliridǝ ǝpqillik bilǝn toⱪulup xǝkillǝndürülginimdǝ, Ustihanlirim Sǝndin yoxurun ǝmǝs idi.
ئەزالىرىم تېخى ئاپىرىدە بولمىغان كۈنلەردە، ئۇلار ياسىلىۋاتقان كۈنلەردە، كۆزۈڭ تېخى شەكىللەنمىگەن جىسمىمنى كۆرۈپ يەتكەنىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللىبۇرۇن دەپتىرىڭدە يېزىلغانىدى. | 16 |
Əzalirim tehi apiridǝ bolmiƣan künlǝrdǝ, Ular yasiliwatⱪan künlǝrdǝ, Kɵzüng tehi xǝkillǝnmigǝn jismimni kɵrüp yǝtkǝnidi; Ularning ⱨǝmmisi alliburun dǝptiringdǝ yezilƣanidi.
ئاھ تەڭرىم، ئويلىرىڭ ماڭا نەقەدەر قىممەتلىكتۇر! ئۇلارنىڭ يىغىندىسى شۇنچە زوردۇر! | 17 |
Aⱨ Tǝngrim, oyliring manga nǝⱪǝdǝr ⱪimmǝtliktur! Ularning yiƣindisi xunqǝ zordur!
ئۇلارنى ساناي دېسەم، ئۇلار دېڭىزدىكى قۇملاردىنمۇ كۆپتۇر؛ ئۇيقۇدىن كۆزۈمنى ئاچسام، مەن يەنىلا سەن بىلەن بىللىدۇرمەن! | 18 |
Ularni sanay desǝm, ular dengizdiki ⱪumlardinmu kɵptur; Uyⱪudin kɵzümni aqsam, mǝn yǝnila Sǝn bilǝn billidurmǝn!
ئاھ، سەن رەزىللەرنى ئۆلتۈرۈۋەتسەڭ ئىدىڭ، ئى خۇدا! قانخور كىشىلەر، مەندىن يىراق بولۇش! | 19 |
Aⱨ, Sǝn rǝzillǝrni ɵltürüwǝtsǝng iding, i Huda! Ⱪanhor kixilǝr, mǝndin yiraⱪ bolux!
چۈنكى ئۇلار سېنىڭ توغرۇلۇق ھىيلىلىك بىلەن سۆزلەيدۇ؛ سېنىڭ شەھەرلىرىڭ ئۇلار تەرىپىدىن ئازدۇرۇلدى. | 20 |
Qünki ular Sening toƣruluⱪ ⱨiylilik bilǝn sɵzlǝydu; Sening xǝⱨǝrliring ular tǝripidin azduruldi.
ساڭا ئۆچمەن بولغانلارغا، ئى پەرۋەردىگار، مەنمۇ ئۆچقۇ؟ ساڭا قارشى چىققانلارغا مەنمۇ يىرگىنىمەنغۇ؟ | 21 |
Sanga ɵqmǝn bolƣanlarƣa, i Pǝrwǝrdigar, mǝnmu ɵqⱪu? Sanga ⱪarxi qiⱪⱪanlarƣa mǝnmu yirginimǝnƣu?
ئۇلارغا چىش-تىرنىقىمغىچە ئۆچتۇرمەن؛ ئۇلارنى ئۆز دۈشمەنلىرىم دەپ ھېسابلايمەن. | 22 |
Ularƣa qix-tirniⱪimƣiqǝ ɵqturmǝn; Ularni ɵz düxmǝnlirim dǝp ⱨesablaymǝn.
مېنى كۆزىتىپ تەكشۈرگەيسەن، ئى تەڭرىم! مېنىڭ قەلبىمنى بىلىپ يەتكەيسەن! مېنى سىناپ، غەملىك ئويلىرىمنى بىلگەيسەن؛ | 23 |
Meni kɵzitip tǝkxürgǝysǝn, i Tǝngrim! Mening ⱪǝlbimni bilip yǝtkǝysǝn! Meni sinap, ƣǝmlik oylirimni bilgǝysǝn;
مەندە [ئۆزۈڭگە] ئازار بەرگۈدەك يولنىڭ بار-يوقلۇقىنى كۆرگەيسەن؛ ۋە مېنى مەڭگۈلۈك يولۇڭدا يېتەكلىگەيسەن! | 24 |
Mǝndǝ [Ɵzünggǝ] azar bǝrgüdǝk yolning bar-yoⱪluⱪini kɵrgǝysǝn; Wǝ meni mǝnggülük yolungda yetǝkligǝysǝn!