< زەبۇر 136 >
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، ئۇ مېھرىباندۇر؛ چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ | 1 |
Дя́куйте Господу, — добрий бо Він, бо навіки Його милосе́рдя!
ئىلاھلارنىڭ ئىلاھىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ | 2 |
Дя́куйте Богу богі́в, бо навіки Його милосердя!
رەبلەرنىڭ رەببىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ | 3 |
Дя́куйте Влади́ці влади́к, бо навіки Його милосердя!
زور كارامەتلەرنى بىردىنبىر يۈرگۈزگۇچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ | 4 |
Тому, хто чу́да великі Єди́ний вчиня́є, бо навіки Його милосердя!
ئەقىل-پاراسەت ئارقىلىق ئاسمانلارنى ياسىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ | 5 |
Хто розумом небо вчинив, бо навіки Його милосердя!
زېمىننى سۇلار ئۈستىدە سوزۇپ تۇرغۇزغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ | 6 |
Хто землю простя́г над водою, бо навіки Його милосердя!
ئۇلۇغ نۇر جىسىملىرىنى ياسىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ | 7 |
Хто світи́ла великі вчинив, бо навіки Його милосердя!
كۈندۈزنى باشقۇرىدىغان قۇياشنى ياسىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ | 8 |
сонце, щоб вдень панува́ло воно, бо навіки Його милосердя!
كېچىنى باشقۇردىغان ئاي ھەم يۇلتۇزلارنى ياسىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ | 9 |
місяця й зорі, щоб вони панува́ли вночі, бо навіки Його милосердя!
ئۇلارنىڭ تۇنجىلىرىنى ئۇرۇپ، مىسىرغا زەرب بەرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ | 10 |
Хто Єгипет побив був у їхніх перворі́дних, бо навіки Його милосердя!
ئىسرائىلنى ئۇلار ئارىسىدىن چىقارغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ | 11 |
і Ізраїля вивів з-між них, бо навіки Його милосердя!
كۈچلۈك قول ھەم ئۇزاتقان بىلەك بىلەن ئۇلارنى چىقارغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ | 12 |
рукою міцно́ю й раме́ном простя́гненим, бо навіки Його милосердя!
قىزىل دېڭىزنى بۆلەك-بۆلەك بۆلگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ | 13 |
Хто море Червоне розтя́в на части́ни, бо навіки Його милосердя!
ھەم ئىسرائىلنى ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكۈزگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ | 14 |
і серед нього Ізраїля перепрова́див, бо навіки Його милосердя!
قىزىل دېڭىزدا پىرەۋننى قوشۇنلىرى بىلەن سۈپۈرۈپ تاشلىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ | 15 |
і фараона та ві́йсько його вкинув у море Червоне, бо навіки Його милосердя!
ئۆز خەلقىنى چۆل-باياۋاندىن يېتەكلىگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ | 16 |
Хто провадив наро́д Свій в пустині, бо навіки Його милосердя!
بۈيۈك پادىشاھلارنى ئۇرۇۋەتكۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ | 17 |
Хто великих царів повбива́в, бо навіки Його милосердя!
ھەم مەشھۇر پادىشاھلارنى ئۆلتۈرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ | 18 |
і поту́жних царів переби́в, бо навіки Його милосердя!
جۈملىدىن ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننى ئۆلتۈرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ | 19 |
Сиго́на, царя аморе́ян, бо навіки Його милосердя!
ــ ھەم باشان پادىشاھى ئوگنى ئۆلتۈرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ | 20 |
і О́ґа, Баша́ну царя, бо навіки Його милосердя!
ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مىراس ئۈچۈن بەرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ | 21 |
і Хто землю їхню дав на спа́дщину, бо навіки Його милосердя!
بۇنى بەندىسى ئىسرائىلغا مىراس قىلىپ بەرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ | 22 |
на спа́док Ізра́їлеві, Своєму рабові, бо навіки Його милосердя!
ھالىمىز خاراب ئەھۋالدا، بىزلەرنى ئەسلىگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ | 23 |
Хто про нас пам'ята́в у пони́женні нашім, бо навіки Його милосердя!
بىزنى ئەزگەنلەردىن قۇتۇلدۇرغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ | 24 |
і від ворогів наших ви́зволив нас, бо навіки Його милосердя!
بارلىق ئەت ئىگىلىرىگە ئوزۇق بەرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ | 25 |
Хто кожному тілові хліба дає, бо навіки Його милосердя!
ئەرشلەردىكى تەڭرىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر! | 26 |
Дя́куйте Богу небесному, бо навіки Його милосердя!