< زەبۇر 135 >
ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلەڭلار، ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قۇللىرى! | 1 |
Halleluja! Loven HERRENS namn, loven det, i HERRENS tjänare,
ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تۇرغانلار، خۇدايىمىزنىڭ ھويلىلىرىدا تۇرغانلار! | 2 |
I som stån i HERRENS hus, i gårdarna till vår Guds hus.
ياھنى مەدھىيىلەڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر؛ ئۇنىڭ نامىغا كۈي ئېيتىڭلار؛ چۈنكى مۇشۇنداق قىلىش شېرىندۇر؛ | 3 |
Loven HERREN, ty HERREN är god, lovsjungen hans namn, ty det är ljuvligt.
چۈنكى ياھ ياقۇپنى ئۆزىنىڭكى بولۇشقا، ئىسرائىلنى ئۆز مىراسى بولۇشقا تاللىۋالدى. | 4 |
Se, HERREN har utvalt Jakob åt sig, Israel till sin egendom.
چۈنكى ئۆزۈم بىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر؛ رەببىمىز بارلىق ئىلاھلاردىن ئۈستۈندۇر. | 5 |
Ty jag vet att HERREN är stor, att vår Herre är förmer än alla gudar.
پەرۋەردىگار نېمە ئىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن بولسا، ئۇ ئاسمانلاردا، زېمىندا، دېڭىزلاردا ھەم ئۇنىڭ بارلىق تەگلىرىدىمۇ شۇنى قىلغاندۇر. | 6 |
HERREN kan göra allt vad han vill, i himmelen och på jorden, i haven och i alla djup;
ئۇ يەر چەتلىرىدىن بۇلۇت-تۇمانلارنى ئۆرلىتىدۇ؛ يامغۇرلارغا چاقماقلارنى ھەمراھ قىلىدۇ؛ شامالنى ئۆز خەزىنىلىرىدىن چىقىرىدۇ. | 7 |
han som låter regnskyar stiga upp från jordens ända, han som låter ljungeldar komma med regn och för vinden ut ur dess förvaringsrum;
ئۇ مىسىردىكى تۇنجى ئوغۇللارنى ھالاك قىلدى، ئىنسانلارنىڭ بولسۇن، ھايۋانلارنىڭ بولسۇن ھەممىنى ئۇرۇپ ھالاك قىلدى. | 8 |
han som slog de förstfödda i Egypten, både människor och boskap;
ئۇ ئالامەتلەرنى، مۆجىزىلەرنى ئاراڭلارغا ئەۋەتتى، ئى مىسىر؛ پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ ھەممە قۇللىرى ئۈستىگە ئەۋەتتى. | 9 |
han som sände tecken och under över dig, Egypten, över Farao och alla hans tjänare;
ئۇ ئۇلۇغ ئەللەرنى ئۇرۇۋەتتى، قۇدرەتلىك پادىشاھلارنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ | 10 |
han som slog stora folk och dräpte mäktiga konungar:
ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننى، باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنى، قانائاندىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنى ئۇرۇۋەتتى. | 11 |
Sihon, amoréernas konung, och Og, konungen i Basan, med alla Kanaans riken,
ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مىراس قىلىپ، ئۆز خەلقى ئىسرائىلغا مىراس بولۇشقا تەقدىم قىلدى. | 12 |
och gav deras land till arvedel, till arvedel åt sitt folk Israel.
سېنىڭ نامىڭ، پەرۋەردىگار، مەڭگۈگە، شۆھرەت-خاتىرەڭ دەۋردىن-دەۋرگىچىدۇر. | 13 |
HERRE, ditt namn varar evinnerligen, HERRE, din åminnelse från släkte till släkte.
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ دەۋاسىنى سورايدۇ؛ ئۆز قۇللىرىغا رەھىم قىلىدۇ. | 14 |
Ty HERREN skaffar rätt åt sitt folk, och över sina tjänare förbarmar han sig.
ئەللەرنىڭ بۇتلىرى بولسا پەقەتلا كۈمۈش-ئالتۇندىن ئىبارەتتۇر، ئۇلارنى ئىنساننىڭ قوللىرى ياسىغاندۇر، خالاس. | 15 |
Hedningarnas avgudar äro silver och guld, verk av människohänder.
ئۇلارنىڭ ئاغزى بار، بىراق سۆزلىمەيدۇ؛ كۆزلىرى بار، بىراق كۆرمەيدۇ؛ | 16 |
De hava mun och tala icke, de hava ögon och se icke,
قۇلاقلىرى بار، بىراق ئاڭلىمايدۇ، ئاغزىدا ھېچ نەپەس يوقتۇر. | 17 |
de hava öron och lyssna icke till, och ingen ande är i deras mun.
ئۇلارنى ياسىغانلار ئۇلارغا ئوخشاپ قالىدۇ، ئۇلارغا تايانغانلارمۇ شۇنداقتۇر. | 18 |
De som hava gjort dem skola bliva dem lika, ja, alla som förtrösta på dem.
ئىسرائىل جەمەتى، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار؛ ھارۇن جەمەتى، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار؛ | 19 |
I av Israels hus, loven HERREN; I av Arons hus, loven HERREN;
لاۋىي جەمەتى، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار؛ پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغانلار، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار! | 20 |
I av Levis hus, loven HERREN; I som frukten HERREN, loven HERREN.
يېرۇسالېمدا ماكانلاشقان پەرۋەردىگارغا زىئوندىن تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىلسۇن! ھەمدۇسانا! | 21 |
Lovad vare HERREN från Sion, han som bor i Jerusalem! Halleluja!