< زەبۇر 133 >
«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ داۋۇت يازغان كۈي: ــ قارا، مانا، قېرىنداشلار بىرلىكتە تۇرۇش نېمىدېگەن ياخشى، نېمىدېگەن شېرىندۇر! | 1 |
Cantique graduel. De David. Voyez! qu'il est beau, qu'il est doux que des frères vivent ainsi dans l'union!
ئۇ ھارۇننىڭ بېشىغا تۆكۈلۈپ، ساقىلىدىن ئاققان ئاۋۇ قىممەتلىك مايدەك، ئۇ ھارۇننىڭ ساقىلىدىن ئېقىپ، كىيىم-كېچەكنىڭ ياقىسىغا چۈشكەن قىممەتلىك مايغا ئوخشايدۇ؛ | 2 |
Telle l'huile exquise, qui de la tête descend sur la barbe, sur la barbe d'Aaron, qui descend jusqu'au bord de son vêtement;
ئۇ يەنە ھەرمون تېغىدىكى شەبنەمنىڭ زىئون تاغلىرىغا چۈشۈشىگە ئوخشايدۇ؛ چۈنكى شۇ يەردە پەرۋەردىگار بەرىكەتنى ــ يەنى مەڭگۈلۈك ھاياتنى بۇيرۇغان! | 3 |
telle la rosée de l'Hermon, et celle qui descend sur les montagnes de Sion! Car c'est là que l'Éternel envoie bénédiction et vie pour l'éternité.