< زەبۇر 132 >

«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» ئى پەرۋەردىگار، داۋۇت ئۈچۈن ئۇ تارتقان بارلىق جەبىر-جاپالارنى ياد ئەتكەيسەن؛ 1
שיר המעלות זכור יהוה לדוד את כל ענותו׃
ئۇ پەرۋەردىگارغا قانداق قەسەم ئىچكەن، ياقۇپتىكى قۇدرەت ئىگىسىگە قانداق ۋەدە قىلغان: ــ 2
אשר נשבע ליהוה נדר לאביר יעקב׃
«پەرۋەردىگارغا تۇرار جاينى، ياقۇپنىڭ قۇدرەتلىك ئىگىسىگە ماكاننى تاپمىغۇچە، ئۆيۈمدىكى ھۇجرىغا كىرمەيمەن، كارىۋاتتىكى كۆرپەمگە چىقمايمەن، كۆزۈمگە ئۇيقۇنى، قاپاقلىرىمغا مۈگدەشنى بەرمەيمەن». 3
אם אבא באהל ביתי אם אעלה על ערש יצועי׃
4
אם אתן שנת לעיני לעפעפי תנומה׃
5
עד אמצא מקום ליהוה משכנות לאביר יעקב׃
مانا، بىز ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئەفراتاھدا ئاڭلىدۇق؛ ئۇنى ئورمانلىق ئېتىزلاردىن تاپتۇق؛ 6
הנה שמענוה באפרתה מצאנוה בשדי יער׃
ئۇنىڭ تۇرار جايلىرىغا بېرىپ كىرەيلى، ئۇنىڭ تەختىپەرى ئالدىدا سەجدە قىلايلى؛ 7
נבואה למשכנותיו נשתחוה להדם רגליו׃
ئورنۇڭدىن تۇرغىن، ئى پەرۋەردىگار، سەن قۇدرىتىڭنىڭ ئىپادىسى ئەھدە ساندۇقۇڭ بىلەن، ئۆز ئارامگاھىڭغا كىرگىن! 8
קומה יהוה למנוחתך אתה וארון עזך׃
كاھىنلىرىڭ ھەققانىيلىق بىلەن كىيىندۈرۈلسۇن، مۆمىن بەندىلىرىڭ تەنتەنىلىك ئاۋازنى ياڭراتسۇن! 9
כהניך ילבשו צדק וחסידיך ירננו׃
قۇلۇڭ داۋۇت ئۈچۈن، ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغىنىڭنىڭ يۈزىنى ياندۇرمىغايسەن؛ 10
בעבור דוד עבדך אל תשב פני משיחך׃
پەرۋەردىگار ئۆز ھەقىقىتى بىلەن داۋۇتقا شۇ قەسەمنى قىلدى، ئۇ ئۇنىڭدىن ھېچ يانمايدۇ: ــ ئۇ: ــ «ئۆز پۇشتىڭدىن چىققان مېۋىدىن بىرسىنى تەختىڭدە ئولتۇرغۇزىمەن؛ 11
נשבע יהוה לדוד אמת לא ישוב ממנה מפרי בטנך אשית לכסא לך׃
پەرزەنتلىرىڭ مېنىڭ ئەھدەمنى، ھەم مەن ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان ئاگاھ-گۇۋاھلىرىمنى تۇتسا، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى مەڭگۈگە تەختىڭدە ئولتۇرىدۇ» ــ دېگەن. 12
אם ישמרו בניך בריתי ועדתי זו אלמדם גם בניהם עדי עד ישבו לכסא לך׃
چۈنكى پەرۋەردىگار زىئوننى تاللىغان؛ ئۇ ئۆز ماكانى ئۈچۈن ئۇنى خالىغان. 13
כי בחר יהוה בציון אוה למושב לו׃
مانا ئۇ: ــ «بۇ مەڭگۈگە بولىدىغان ئارامگاھىمدۇر؛ مۇشۇ يەردە تۇرىمەن؛ چۈنكى مەن ئۇنى خالايمەن. 14
זאת מנוחתי עדי עד פה אשב כי אותיה׃
مەن ئۇنىڭ رىزقىنى ئىنتايىن زور بەرىكەتلەيمەن؛ ئۇنىڭ يوقسۇللىرىنى نان بىلەن قاندۇرىمەن؛ 15
צידה ברך אברך אביוניה אשביע לחם׃
ئۇنىڭ كاھىنلىرىغا نىجاتلىقنى كىيگۈزىمەن، ئۇنىڭ مۆمىن بەندىلىرى شادلىقتىن تەنتەنىلىك ئاۋازنى ياڭرىتىدۇ. 16
וכהניה אלביש ישע וחסידיה רנן ירננו׃
مەن بۇ يەردە داۋۇتنىڭ مۈڭگۈزىنى بىخلاندۇرىمەن؛ ئۆزۈمنىڭ مەسىھ قىلغىنىم ئۈچۈن يورۇق بىر چىراغ بېكىتكەنمەن؛ 17
שם אצמיח קרן לדוד ערכתי נר למשיחי׃
ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىگە شەرمەندىلىكنى كىيگۈزىمەن؛ ئەمما ئۇنىڭ كىيگەن تاجى بېشىدا روناق تاپىدۇ» ــ دېدى. 18
אויביו אלביש בשת ועליו יציץ נזרו׃

< زەبۇر 132 >