< زەبۇر 132 >
«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» ئى پەرۋەردىگار، داۋۇت ئۈچۈن ئۇ تارتقان بارلىق جەبىر-جاپالارنى ياد ئەتكەيسەن؛ | 1 |
上主,求您以慈愛懷念達味,和他所有的一切焦思勞瘁:
ئۇ پەرۋەردىگارغا قانداق قەسەم ئىچكەن، ياقۇپتىكى قۇدرەت ئىگىسىگە قانداق ۋەدە قىلغان: ــ | 2 |
因為他曾向上主立過了誓言,向雅各伯的全能者許過願:
«پەرۋەردىگارغا تۇرار جاينى، ياقۇپنىڭ قۇدرەتلىك ئىگىسىگە ماكاننى تاپمىغۇچە، ئۆيۈمدىكى ھۇجرىغا كىرمەيمەن، كارىۋاتتىكى كۆرپەمگە چىقمايمەن، كۆزۈمگە ئۇيقۇنى، قاپاقلىرىمغا مۈگدەشنى بەرمەيمەن». | 3 |
我決不進入我住家中的帳幔,也決不登上我躺臥的床沿,
直到我給上主尋找到一個處所,給雅各伯的全能者將居地覓妥。
مانا، بىز ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئەفراتاھدا ئاڭلىدۇق؛ ئۇنى ئورمانلىق ئېتىزلاردىن تاپتۇق؛ | 6 |
看,我們聽說約櫃在厄弗辣大,我們在雅阿爾的平原找到了它。
ئۇنىڭ تۇرار جايلىرىغا بېرىپ كىرەيلى، ئۇنىڭ تەختىپەرى ئالدىدا سەجدە قىلايلى؛ | 7 |
大家一同進祂的居所,並在祂的腳凳下崇拜說:
ئورنۇڭدىن تۇرغىن، ئى پەرۋەردىگار، سەن قۇدرىتىڭنىڭ ئىپادىسى ئەھدە ساندۇقۇڭ بىلەن، ئۆز ئارامگاھىڭغا كىرگىن! | 8 |
上主,請您和您威嚴的約櫃,起來駕臨到您安息的住宅,
كاھىنلىرىڭ ھەققانىيلىق بىلەن كىيىندۈرۈلسۇن، مۆمىن بەندىلىرىڭ تەنتەنىلىك ئاۋازنى ياڭراتسۇن! | 9 |
願您的司祭身披正義,願您的信徒踴躍歡喜。
قۇلۇڭ داۋۇت ئۈچۈن، ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغىنىڭنىڭ يۈزىنى ياندۇرمىغايسەن؛ | 10 |
為了您僕人達味的情面,不要將您的受傅者輕看!
پەرۋەردىگار ئۆز ھەقىقىتى بىلەن داۋۇتقا شۇ قەسەمنى قىلدى، ئۇ ئۇنىڭدىن ھېچ يانمايدۇ: ــ ئۇ: ــ «ئۆز پۇشتىڭدىن چىققان مېۋىدىن بىرسىنى تەختىڭدە ئولتۇرغۇزىمەن؛ | 11 |
上主既然向達味起了誓,真理的約言決不再收回:我要使您的親生兒子,榮登上您自己的王位;
پەرزەنتلىرىڭ مېنىڭ ئەھدەمنى، ھەم مەن ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان ئاگاھ-گۇۋاھلىرىمنى تۇتسا، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى مەڭگۈگە تەختىڭدە ئولتۇرىدۇ» ــ دېگەن. | 12 |
若您的子孫遵守我的誓言,也遵守我教訓他們的法典,連他們的子孫代代世世,也必定要坐上您的王位。
چۈنكى پەرۋەردىگار زىئوننى تاللىغان؛ ئۇ ئۆز ماكانى ئۈچۈن ئۇنى خالىغان. | 13 |
的確上主特別揀選了熙雍,希望熙雍作為自己的王宮:
مانا ئۇ: ــ «بۇ مەڭگۈگە بولىدىغان ئارامگاھىمدۇر؛ مۇشۇ يەردە تۇرىمەن؛ چۈنكى مەن ئۇنى خالايمەن. | 14 |
就是我的永遠安息之處,我希望的是常在這裏居住。
مەن ئۇنىڭ رىزقىنى ئىنتايىن زور بەرىكەتلەيمەن؛ ئۇنىڭ يوقسۇللىرىنى نان بىلەن قاندۇرىمەن؛ | 15 |
我要祝福這裏的食糧充裕,窮人都無憂並且吃得飽飫,
ئۇنىڭ كاھىنلىرىغا نىجاتلىقنى كىيگۈزىمەن، ئۇنىڭ مۆمىن بەندىلىرى شادلىقتىن تەنتەنىلىك ئاۋازنى ياڭرىتىدۇ. | 16 |
使這裏的司祭得蒙救助,使這裏的信徒踴躍歡愉。
مەن بۇ يەردە داۋۇتنىڭ مۈڭگۈزىنى بىخلاندۇرىمەن؛ ئۆزۈمنىڭ مەسىھ قىلغىنىم ئۈچۈن يورۇق بىر چىراغ بېكىتكەنمەن؛ | 17 |
在這裏我要使達味的頭角高聳,我要給我的受傅者備妥明燈,
ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىگە شەرمەندىلىكنى كىيگۈزىمەن؛ ئەمما ئۇنىڭ كىيگەن تاجى بېشىدا روناق تاپىدۇ» ــ دېدى. | 18 |
我要使他的敵人個個恥辱備嘗,我要使他的王冠在頭上發光。