< زەبۇر 131 >
«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى پەرۋەردىگار، كۆڭلۈم تەكەببۇر ئەمەس، نەزىرىممۇ ئۈستۈن ئەمەس؛ مەن چوڭ ئىشلار بىلەنمۇ، ياكى چامىم يەتمەيدىغان كارامەت ئىشلار بىلەنمۇ مەشغۇل بولمايمەن؛ | 1 |
Jehová, no se ensoberbeció mi corazón, ni mis ojos se enaltecieron: ni anduve en grandezas, ni en cosas maravillosas más de lo que me pertenecía.
بەرھەق، ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ياتقان ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالىدەك، ئۆز جېنىمنى بېسىۋېلىپ تىنچلاندۇردۇم؛ كۆڭلۈم ئىچىمدە ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالىدەكتۇر. | 2 |
Si no puse, e hice callar mi alma, sea yo como el destetado de su madre, como el destetado de mi vida.
ئىسرائىل پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلىسۇن؛ ھازىردىن باشلاپ، ئەبەدىلئەبەدگىچە! | 3 |
Espera, o! Israel, a Jehová desde ahora y hasta siempre.