< زەبۇر 130 >
«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» چوڭقۇر يەرلەردىن ساڭا پەرياد كۆتۈرىمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ | 1 |
Dal profondo a te grido, o Signore; Canto delle ascensioni.
ئى رەب، ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن؛ قۇلاقلىرىڭنى يېلىنىش سادايىمغا سالغايسەن؛ | 2 |
Signore, ascolta la mia voce. Siano i tuoi orecchi attenti alla voce della mia preghiera.
ئەگەر سەن ياھ، قەبىھلىكلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ سانىساڭ، ئەمدى رەب، كىم تىك تۇرالايدۇ؟ | 3 |
Se consideri le colpe, Signore, Signore, chi potrà sussistere?
بىراق سەندە مەغپىرەت-كەچۈرۈم باردۇر؛ شۇڭا سەندىن ئەيمىنىشكە بولىدۇ. | 4 |
Ma presso di te è il perdono: e avremo il tuo timore.
پەرۋەردىگارنى كۈتۈۋاتىمەن؛ جېنىم كۈتۈۋاتىدۇ؛ ئۇنىڭ سۆزىگە ئۈمىد باغلىدىم. | 5 |
Io spero nel Signore, l'anima mia spera nella sua parola.
تۈن جېسەكچىلىرىنىڭ سەھەرگە بولغان تەشناسىدىن ئارتۇق، بەرھەق، تۈن جېسەكچىلىرىنىڭ سەھەرگە بولغان تەشناسىدىن ئارتۇق، جېنىم رەبكە تەشنا بولۇپ كۈتمەكتە. | 6 |
L'anima mia attende il Signore più che le sentinelle l'aurora.
ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلاڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگاردا ئۆزگەرمەس مۇھەببەت باردۇر؛ ئۇنىڭدا زور نىجاتلىقلارمۇ بار؛ | 7 |
Israele attenda il Signore, perché presso il Signore è la misericordia e grande presso di lui la redenzione.
ئۇ ئىسرائىلنى بارلىق قەبىھلىكلىرىدىن بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزىدۇ. | 8 |
Egli redimerà Israele da tutte le sue colpe.