< زەبۇر 13 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە؟ سەن مېنى مەڭگۈگە ئۇنتۇمسەن؟ قاچانغىچە دىدارىڭنى مەندىن يوشۇرىسەن؟ | 1 |
Pour la fin, psaume de David.
قاچانغىچە ھەركۈنى قايغۇرۇپ، قەلبىمدە؟ قاچانغىچە دۈشمىنىم مەندىن شادلىنىپ غالىب يۈرىدۇ؟ | 2 |
Jusques à quand formerai-je des projets dans mon âme, et donnerai-je du tourment à mon cœur pendant le jour? Jusques à quand mon ennemi s’élèvera-t-il au-dessus de moi?
ماڭا قارا، ماڭا جاۋاب بەرگىن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم! ئۆلۈم ئۇيقۇسى مېنى بېسىپ كەلگۈچە، كۆزۈمنى يورۇتقايسەن، | 3 |
Regardez et exaucez-moi, Seigneur mon Dieu. Eclairez mes yeux, que jamais je ne m’endorme dans la mort:
دۈشمىنىمنىڭ: «مەن كۈچىيىپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىم» دېمەسلىكى ئۈچۈن، رەقىبلىرىم سەنتۈرۈلگەنلىكىمنى كۆرۈپ شادلانماسلىقى ئۈچۈن، [كۆزۈمنى يورۇتقايسەن]! | 4 |
De peur qu’un jour mon ennemi ne dise: J’ai prévalu contre lui. Ceux qui me tourmentent tressailliront de joie, si je suis ébranlé;
بىراق مەن بولسام سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭگە ئۆزۈمنى تاپشۇردۇم؛ يۈرىكىم سېنىڭ نىجاتلىقىڭدىن شادلىنىدۇ؛ | 5 |
Mais moi, j’ai espéré dans votre miséricorde. Mon cœur tressaillira d’allégresse dans votre salut;
مەن پەرۋەردىگارغا ناخشا ئېيتىمەن؛ چۈنكى ئۇ ماڭا زور مېھرىبانلىقنى كۆرسەتتى. | 6 |
je chanterai le Seigneur qui m’a comblé de biens; je chanterai le nom du Dieu Très-Haut.