< زەبۇر 129 >
«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» «ياشلىقىمدىن تارتىپ ئۇلار كۆپ قېتىم مېنى خار قىلىپ كەلدى» ــ ــ ئاھ، ئىسرائىل ھازىر بۇنى دېسۇن ــ | 1 |
«Yuⱪiriƣa qiⱪix nahxisi» «Yaxliⱪimdin tartip ular kɵp ⱪetim meni har ⱪilip kǝldi» — — Aⱨ, Israil ⱨazir buni desun —
«ئۇلار ياشلىقىمدىن تارتىپ كۆپ قېتىم مېنى خار قىلىپ كەلدى، بىراق ئۈستۈمدىن غەلىبە قىلغان ئەمەس. | 2 |
«Ular yaxliⱪimdin tartip kɵp ⱪetim meni har ⱪilip kǝldi, Biraⱪ üstümdin ƣǝlibǝ ⱪilƣan ǝmǝs.
قوش ھەيدىگۈچىلەر دۈمبەمدە ھەيدىگەن، چۆنەكلىرىنى ئىنتايىن ئۇزۇن تارتقان». | 3 |
Ⱪox ⱨǝydigüqilǝr dümbǝmdǝ ⱨǝydigǝn, Qɵnǝklirini intayin uzun tartⱪan».
پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛ ئۇ رەزىللەرنىڭ ئاسارەتلىرىنى سۇندۇرۇۋەتتى؛ | 4 |
Pǝrwǝrdigar ⱨǝⱪⱪaniydur; U rǝzillǝrning asarǝtlirini sunduruwǝtti;
ئۇلار شەرمەندە بولۇپ ئارقىسىغا ياندۇرۇلسۇن، زىئوندىن نەپرەتلىنىدىغانلارنىڭ ھەممىسى! | 5 |
Ular xǝrmǝndǝ bolup arⱪisiƣa yandurulsun, Ziondin nǝprǝtlinidiƣanlarning ⱨǝmmisi!
ئۇلار ئۆگزىدە ئۈنۈپ چىققان چۆپتەك بولسۇن؛ ئۈزۈلمەي تۇرۇپلا سولىشىپ كېتىدىغان؛ | 6 |
Ular ɵgzidǝ ünüp qiⱪⱪan qɵptǝk bolsun; Üzülmǝy turupla solixip ketidiƣan;
ئوت-چۆپ ئورىغۇچىغا ئۇنىڭدىن بىر تۇتاممۇ چىقمايدۇ؛ باغ باغلىغۇچىغا بىر قۇچاقمۇ چىقمايدۇ؛ | 7 |
Ot-qɵp oriƣuqiƣa uningdin bir tutammu qiⱪmaydu; Baƣ baƣliƣuqiƣa bir ⱪuqaⱪmu qiⱪmaydu;
ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارمۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى ئۈستۈڭلاردا بولغاي؛ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سىلەرگە بەخت تىلەيمىز!» ــ دېگەن سالامنى ھېچ بەرمەيدۇ. | 8 |
Ɵtüp ketiwatⱪanlarmu: «Pǝrwǝrdigarning bǝrikiti üstünglarda bolƣay; Pǝrwǝrdigarning nami bilǝn silǝrgǝ bǝht tilǝymiz!» — degǝn salamni ⱨeq bǝrmǝydu.