< زەبۇر 126 >
«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» پەرۋەردىگار زىئوندىن سۈرگۈن بولغانلارنى قايتۇرۇپ كەلگەندە، بىز چۈش كۆرگەندەكلا بولدۇق؛ | 1 |
Wenn Jehovah die Gefangenen Zions zurückbringt, werden wir sein wie Träumende.
ئاغزىمىز كۈلكىگە، تىلىمىز شادلىنىشقا تولدى؛ شۇ تاپتا ئەللەر ئارىسىدا ئۇلار: ــ «پەرۋەردىگار ئۇلارغا زور ئىشلارنى قىلىپ بەردى» ــ دېيىشتى. | 2 |
Da wird des Lachens voll sein unser Mund, und unsere Zunge von Jubelsang. Da werden sie unter den Völkerschaften sagen: Großes hat Jehovah getan.
پەرۋەردىگار دەرۋەقە بىز ئۈچۈن زور ئىشلارنى قىلدى، بىز بۇلاردىن شادلىنىمىز. | 3 |
Jehovah hat Großes mit uns getan. Wir sind froh.
جەنۇبتىكى قۇرۇق ئېرىقلار [شار-شار سۇلارغا] ئايلاندۇرۇلغاندەك، بىز تۇتقۇنلارنىمۇ ئۆز ئەركىمىزگە قايتۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ | 4 |
Bringe unsere Gefangenschaft zurück, Jehovah, wie die Gießbäche im Mittagsland.
كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ تېرىغانلار شادلىق بىلەن ئورار؛ | 5 |
Die, so mit Tränen säen, werden mit Jubelsang ernten.
يىغلاپ يۈرۈپ چاچىدىغان ئۇرۇقنى كۆتۈرگەن كىشى، بەرھەق، شادلىق-تەنتەنە بىلەن ئورىغان باغلىرىنى كۆتۈرۈپ قايتىپ كېلىدۇ. | 6 |
Weinend geht dahin der den Samenwurf trägt, er kommt mit Jubelsang, er trägt seine Garben.