< زەبۇر 124 >
«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» ئەگەر بىز تەرەپتە تۇرغىنى پەرۋەردىگار بولمىغان بولسا، ــ ئاھ، ئىسرائىل شۇنداق دېسۇن ــ | 1 |
Une chanson d'ascension. Par David. Si ce n'était pas Yahvé qui était de notre côté, qu'Israël dise maintenant,
بىز تەرەپتە تۇرغىنى پەرۋەردىگار بولمىغان بولسا، كىشىلەر بىزگە ھۇجۇمغا قوزغالغاندا، | 2 |
si Yahvé n'avait pas été de notre côté, quand les hommes se sont soulevés contre nous,
ئۇلارنىڭ غەزىپى بىزگە تۇتاشقاندا، ــ شۇ چاغدا ئۇلار بىزنى تىرىك يۇتۇۋېتەتتى؛ | 3 |
alors ils nous auraient engloutis vivants, quand leur colère s'est enflammée contre nous,
[شۇ چاغدا] سۇلار بىزنى غەرق قىلىۋېتەتتى؛ كەلكۈن بېشىمىزدىن ئۆتەتتى؛ | 4 |
alors les eaux nous auraient submergés, le ruisseau aurait passé sur notre âme.
داۋالغۇغان سۇلار بېشىمىزدىن ئۆتەتتى! | 5 |
Alors les eaux orgueilleuses auraient passé sur notre âme.
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە بولغاي! ئۇلارنىڭ چىشلىرىغا ئوۋ بولۇشقا بىزنى قويۇپ بەرمىدى. | 6 |
Béni soit Yahvé, qui ne nous a pas livrés en proie à leurs dents.
جېنىمىز تۇتقۇچىلارنىڭ باسمىقىدىن قېچىپ چىققان قۇشتەك قاچتى؛ باسماق سۇندۇرۇلۇپ، بىز قاچتۇق! | 7 |
Notre âme s'est échappée, comme un oiseau, du piège de l'oiseleur. Le piège est brisé, et nous nous sommes échappés.
ئېرىشكەن ياردىمىمىز پەرۋەردىگارنىڭ نامىدىدۇر، ئاسمان-زېمىن ياراتقۇچىنىڭ نامىدىدۇر! | 8 |
Notre secours est dans le nom de l'Éternel, qui a fait le ciel et la terre.