< زەبۇر 123 >
«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» ئى ئەرشلەردە تۇرغۇچىسەن، ساڭا بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارايمەن؛ | 1 |
A song of degrees. I lift vp mine eyes to thee, that dwellest in the heauens.
مانا، قۇللىرىڭنىڭ كۆزى ئۆز خوجايىنىنىڭ قوللىرىغا قانداق قارىغان بولسا، دېدەكلەرنىڭ كۆزى ئۆز ساھىبەسىنىڭ قوللىرىغا قانداق قارىغان بولسا، بىزنىڭ كۆزىمىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا شۇنداق قارايدۇ. تا بىزگە شەپقەت كۆرسەتكۈچە قارايدۇ. | 2 |
Behold, as the eyes of seruants looke vnto the hand of their masters, and as the eyes of a mayden vnto the hand of her mistres: so our eyes waite vpon the Lord our God vntil he haue mercie vpon vs.
بىزگە شەپقەت كۆرگۈزگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار، بىزگە شەپقەت كۆرگۈزگەيسەن؛ چۈنكى بىز يەتكۈچە خورلۇق تارتقانمىز. | 3 |
Haue mercie vpon vs, O Lord, haue mercie vpon vs: for we haue suffered too much contempt.
جېنىمىز غوجاملارنىڭ مازاقلىرىنى، ھاكاۋۇرلارنىڭ خورلۇقلىرىنى يەتكۈچە تارتقاندۇر. | 4 |
Our soule is filled too full of ye mocking of the wealthy, and of the despitefulnes of the proude.