«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» كۆزلىرىمنى تاغلار تەرەپكە كۆتۈرۈپ قارايمەن؛ مېنىڭ ياردىمىم قەيەردىن كېلۇر؟ | 1 |
שיר למעלות אשא עיני אל ההרים מאין יבא עזרי׃ |
مېنىڭ ياردىمىم پەرۋەردىگاردىندۇر؛ ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچىدىندۇر. | 2 |
עזרי מעם יהוה עשה שמים וארץ׃ |
ئۇ پۇتۇڭنى ھېچ تېيىلدۇرمايدۇ؛ سېنى ساقلىغۇچى ھېچ مۈگدىمەيدۇ! | 3 |
אל יתן למוט רגלך אל ינום שמרך׃ |
مانا، قارا، ئىسرائىلنى ساقلىغۇچى ھەم مۈگدىمەيدۇ، ھەم ئۇخلىمايدۇ! | 4 |
הנה לא ינום ולא יישן שומר ישראל׃ |
پەرۋەردىگار سېنىڭ ساقلىغۇچىڭدۇر؛ پەرۋەردىگار ئوڭ يېنىڭدىكى سايىۋەندۇر. | 5 |
יהוה שמרך יהוה צלך על יד ימינך׃ |
قۇياش كۈندۈزدە، ئاي كېچىدە ساڭا زەرەر يەتكۈزمەيدۇ؛ | 6 |
יומם השמש לא יככה וירח בלילה׃ |
پەرۋەردىگار بارلىق يامانلىقتىن سېنى ساقلايدۇ؛ ئۇ جېنىڭنى ساقلايدۇ؛ | 7 |
יהוה ישמרך מכל רע ישמר את נפשך׃ |
پەرۋەردىگار چىقىشىڭنى، كىرىشىڭنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئەبەدىلئەبەدگىچە ساقلايدۇ. | 8 |
יהוה ישמר צאתך ובואך מעתה ועד עולם׃ |