< زەبۇر 12 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، شېمىنىت بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ قۇتقۇزغايسەن، پەرۋەردىگار، چۈنكى ئىخلاسمەن ئادەم تۈگەپ كەتتى؛ ئادەملەر ئارىسىدىن سادىق مۆمىنلەر غايىپ بولدى. | 1 |
Dawid dwom. Boa yɛn, Awurade, na nyamesurofo asa; nokwafo ayera wɔ nnipa mu.
ھەربىرسى ئۆز يېقىنلىرىغا يالغان ئېيتىدۇ؛ خۇشامەتچى لەۋلەردە، ئالىكۆڭۈللۈك بىلەن سۆزلىشىدۇ. | 2 |
Obiara di atoro kyerɛ ne yɔnko; wɔn ano a ɛdɛfɛdɛfɛ no ka nnaadaasɛm.
پەرۋەردىگار بارلىق خۇشامەتچى لەۋلەرنى، ھاكاۋۇرلارچە سۆزلەيدىغان تىلنى كېسىۋەتكەي! | 3 |
Ma Awurade ntwa nnaadaa ano ne tɛkrɛma biara a ɛhoahoa ne ho nkyene;
ئۇلار: «تىلىمىز بىلەن غەلىبە قىلىمىز؛ لەۋلىرىمىز بولسا ئۆزىمىزنىڭكىدۇر؛ كىم بىزگە رەب بولالىسۇن؟» ــ دەيدۇ. | 4 |
nea ɛka se, “Yɛde yɛn tɛkrɛma bedi nkonim; yɛn ano bedi ama yɛn, na hena na odi yɛn so tumi?”
«ئېزىلگۈچى ئاجىزلارنى باسقان زۇلۇم ۋەجىدىن، مىسكىنلەرنىڭ ئاھۇزارلىرى ۋەجىدىن، ھازىرلا ئورنۇمدىن تۇراي» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، «مەن ئۇلارغا، ئۇلار زارىقىپ كۈتكەن ئازادلىقنى يەتكۈزىمەن». | 5 |
“Esiane ɔhyɛ a wɔde hyɛ mmɔborɔni ne ohiani apinisi no nti, mɛsɔre afei,” Awurade na ose. “Mɛbɔ wɔn ho ban afi wɔn a wɔhaw wɔn no ho.”
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى بولسا ساپ سۆزلەردۇر؛ ئۇلار يەتتە قېتىم ساپلاشتۇرۇلغان، ساپال قازاندا تاۋلانغان كۈمۈشتەكتۇر. | 6 |
Awurade asɛm yɛ nokware te sɛ dwetɛ a wɔasɔn so wɔ fononoo mu, na wɔahoa ho mpɛn ason.
سەن پەرۋەردىگار، ئۇلارنى ساقلايسەن؛ سەن [مۆمىنلەرنى] مۇشۇ دەۋردىن مەڭگۈگە قوغدايسەن؛ | 7 |
Awurade, wobɛkora mmɔborɔni na woabɔ yɛn ho ban afi saa nnipa yi ho afebɔɔ.
[چۈنكى] رەزىل ئادەملەر ھەرياندا غادىيىپ يۈرۈشىدۇ، پەسكەشلىك ئىنسان بالىلىرى ئارىسىدا ئالىيجانابلىق دەپ ماختالماقتا! | 8 |
Amumɔyɛfo nenam sɛnea wɔpɛ, bere a adesamma de nidi ma afide. Wɔde ma dwonkyerɛfo.