< زەبۇر 119 >
(ئالەف) يولدا مۇكەممەل بولغانلار، پەرۋەردىگار تەۋرات-قانۇنىدا ماڭىدىغانلار بەختلىكتۇر! | 1 |
Happy are they who are upright in their way, Who walk in the law of the LORD!
ئۇنىڭ ئاگاھ-گۇۋاھلىرىنى تۇتقانلار، ئۇنى چىن قەلبى بىلەن ئىزدىگەنلەر، | 2 |
Happy are they who observe his ordinances, And seek him with their whole heart;
ھېچبىر ھەقسىزلىقنى قىلمىغانلار بەختلىكتۇر! ئۇلار ئۇنىڭ يوللىرىدا ماڭىدۇ. | 3 |
Who also do no iniquity, But walk in his ways!
كۆرسەتمىلىرىڭگە ئەستايىدىل ئەمەل قىلىشىمىز ئۈچۈن، ئۆزۈڭ ئۇلارنى بېكىتكەنسەن. | 4 |
Thou hast commanded us to keep thy precepts diligently.
ئاھ، يوللىرىمنىڭ يۆنىلىشى بەلگىلىمىلىرىڭگە ئەمەل قىلىشقا بېكىتىلگەي! | 5 |
O that my ways were directed to keep thy statutes!
شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىڭنى ئەتىۋارلىسام، مەن يەرگە قاراپ قالمايمەن. | 6 |
Then shall I not be put to shame, When I have respect to all thy commandments.
سېنىڭ ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭنى ئۆگىنىپ، دۇرۇس كۆڭۈلدىن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن. | 7 |
I will praise thee in uprightness of heart, When I shall have learned thy righteous laws.
مەن بەلگىلىمىلىرىڭنى چوقۇم تۇتىمەن؛ مېنى پۈتۈنلەي تاشلىۋەتمىگەيسەن! | 8 |
I will keep thy statutes; Do not utterly forsake me!
(بەت) ياش بىر يىگىت قانداق قىلىپ ئۆز يولىنى پاك تۇتالايدۇ؟ سېنىڭ سۆز-كالامىڭنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلىش بىلەنلا. | 9 |
How shall a young man keep his way pure? By taking heed to it according to thy word.
پۈتۈن قەلبىم بىلەن مەن سېنى ئىزدىدىم؛ مېنى ئەمرلىرىڭدىن ئاداشتۇرمىغايسەن؛ | 10 |
With my whole heart have I sought thee; O let me not wander from thy commandments!
گۇناھ قىلىپ ساڭا قارشى چىقماسلىقىم ئۈچۈن، سۆزۈڭنى كۆڭلۈمگە مەھكەم پۈكۈۋالدىم. | 11 |
Thy word have I hid in my heart, That I might not sin against thee.
مۇبارەكدۇرسەن پەرۋەردىگار، ماڭا ئۆز بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن. | 12 |
Blessed be thou, O LORD! O teach me thy statutes!
لەۋلىرىم بىلەن مەن بايان قىلىمەن، ئاغزىڭدىكى بارلىق ھۆكۈملىرىڭنى. | 13 |
With my lips do I declare All the precepts of thy mouth.
تۈرلۈك بايلىقلاردىن شادلانغاندەك، ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا ئەگەشكەن يولدا شادلاندىم. | 14 |
In the way of thine ordinances I rejoice As much as in all riches.
مەن كۆرسەتمىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن؛ ئىزلىرىڭغا قاراپ ئويلىنىمەن. | 15 |
I meditate on thy precepts, And have respect unto thy ways.
بەلگىلىمىلىرىڭنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن؛ سۆز-كالامىڭنى ئۇنتۇمايمەن. | 16 |
I delight myself in thy statutes; I do not forget thy word.
(گىمەل) قۇلۇڭغا مېھرىبانلىقنى كۆرسەتكەيسەن، شۇنىڭ بىلەن مەن ياشايمەن، كالامىڭغا بويسۇنىمەن. | 17 |
Deal kindly with thy servant, that I may live, And have regard to thy word!
تەۋرات-قانۇنۇڭدىن كارامەت سىرلارنى كۆرۈشۈم ئۈچۈن، كۆزلىرىمنى ئاچقايسەن! | 18 |
Open thou mine eyes, That I may behold wondrous things out of thy law!
مەن بۇ دۇنيادا مۇساپىرمەن؛ ئەمرلىرىڭنى مەندىن يوشۇرمىغايسەن. | 19 |
I am a stranger in the earth; O hide not thy precepts from me!
ھۆكۈملىرىڭگە ھەرقاچان ئىنتىزار بولۇپ، يۈرىكىم ئېزىلىپ كېتەي دەپ قالدى. | 20 |
My soul breaketh within me, On account of longing for thy judgments at all times.
سەن لەنەتكە بۇيرۇلغان تەكەببۇرلارغا تەنبىھ بېرىسەن، ئۇلار ئەمرلىرىڭدىن ئادىشىپ كېتىدۇ. | 21 |
Thou rebukest the proud, the accursed, Who wander from thy commandments.
مەندىن ئاھانەت ھەم مەسخىرىنى يىراققا كەتكۈزگەيسەن؛ چۈنكى ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى تۇتىمەن. | 22 |
Remove from me reproach and contempt, For I have kept thine ordinances!
ئەمىرلەر ئولتۇرۇپ يامان گېپىمنى قىلىشماقتا؛ سېنىڭ قۇلۇڭ بولسا بەلگىلىمىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلايدۇ. | 23 |
Princes sit and speak against me, But thy servant meditateth on thy statutes.
سېنىڭ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكىم، مېنىڭ مەسلىھەتچىلىرىمدۇر. | 24 |
Thine ordinances are my delight; Yea, they are my counsellors.
(دالەت) مېنىڭ جېنىم تۇپراققا يېپىشقان؛ سۆز-كالامىڭ بويىچە مېنى يېڭىلاندۇرغايسەن. | 25 |
My soul cleaveth to the dust; O revive me, according to thy word!
ئۆز يوللىرىمنى ئالدىڭدا ئوچۇق بايان قىلدىم، سەن ماڭا جاۋاب بەردىڭ؛ ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن. | 26 |
I have declared my ways, and thou hast heard me; Teach me thy statutes!
مېنى كۆرسەتمىلىرىڭنىڭ يولىنى چۈشىنىدىغان قىلغايسەن، ئاندىن مەن كارامەتلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن. | 27 |
Make me to understand the way of thy precepts! So will I meditate upon thy wonders.
جېنىم قايغۇ بىلەن ئېرىپ كېتىدۇ؛ سۆز-كالامىڭ بويىچە مېنى كۈچلەندۈرگەيسەن. | 28 |
My soul weepeth for trouble; O lift me up according to thy promise!
مەندىن ئالدامچى يولنى نېرى قىلغايسەن؛ شەپقەت قىلىپ ماڭا تەۋرات-قانۇنۇڭنى بېغىشلىغايسەن؛ | 29 |
Remove from me the way of falsehood, And graciously grant me thy law!
مەن ھەقىقەت-ساداقەت يولىنى تاللىۋالدىم؛ ھۆكۈملىرىڭنى ئالدىمدا قويدۇم. | 30 |
I have chosen the way of truth, And set thy statutes before me.
ئاگاھ-گۇۋاھلىرىڭنى چىڭ تۇتىمەن؛ پەرۋەردىگار، مېنى ئۇياتقا قالدۇرمىغايسەن. | 31 |
I cleave to thine ordinances; O LORD! let me not be put to shame!
سەن مېنىڭ قەلبىمنى كەڭ-ئازادە قىلىشىڭ بىلەن، ئەمرلىرىڭ يولىغا ئەگىشىپ يۈگۈرىمەن. | 32 |
I will run in the way of thy commandments, When thou shalt enlarge my heart.
(خې) ئى پەرۋەردىگار، بەلگىلىمىلىرىڭنىڭ يولىنى ماڭا ئايان قىلغايسەن؛ مەن ئۇنى ئاخىرغىچە تۇتىمەن. | 33 |
Teach me, O LORD! the way of thy statutes, That I may keep it to the end!
مېنى يورۇتقايسەن، مەن تەۋرات-قانۇنۇڭنى تۇتىمەن، شۇنداقلا پۈتۈن قەلبىم بىلەن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىمەن. | 34 |
Give me understanding, that I may keep thy law; That I may observe it with my whole heart!
مېنى ئەمرلىرىڭنىڭ يولىدا ماڭىدىغان قىلغايسەن؛ چۈنكى ئۇلارنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن. | 35 |
Cause me to tread in the path of thy commandments, For in it I have my delight.
مېنىڭ قەلبىمنى شەخسىي مەنپەئەتكە ئەمەس، بەلكى ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا مايىل قىلغايسەن. | 36 |
Incline my heart to thine ordinances, And not to the love of gain!
كۆزلىرىمنى ساختىنى كۆرۈشتىن ياندۇرغايسەن؛ مېنى يولۇڭدا جانلاندۇرغايسەن؛ | 37 |
Turn away mine eyes from beholding vanity, And quicken me in thy law!
سەن قۇلۇڭغا بولغان ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن خەقلەر سەندىن ئەيمىنىدۇ. | 38 |
Fulfill to thy servant thy promise, Which thou hast made to him who feareth thee!
مەن قورققان شەرمەندىلىكنى نېرى كەتكۈزگەيسەن؛ چۈنكى سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭ ئەلادۇر. | 39 |
Turn away the reproach which I fear; For thy judgments are good.
مانا، مەن كۆرسەتمىلىرىڭگە تەشنا بولۇپ كەلدىم؛ ئۆز ھەققانىيىتىڭدە مېنى جانلاندۇرغايسەن؛ | 40 |
Behold, I have longed for thy precepts; O quicken thou me in thy righteousness!
: (ۋاۋ) ۋە مېھىر-مۇھەببەتلىرىڭ يېنىمغا كەلسۇن، ئى پەرۋەردىگار؛ ۋەدەڭ بويىچە نىجاتلىقىڭ يېنىمغا كەلسۇن؛ | 41 |
Let thy mercies come to me, O LORD! And thy help according to thy promise!
شۇندا مەندە مېنى مەسخىرە قىلغۇچىغا بەرگۈدەك جاۋاب بولىدۇ؛ چۈنكى سۆزۈڭگە تايىنىمەن. | 42 |
So shall I be able to answer him that reproacheth me; For I trust in thy promise.
ۋە ئاغزىمدىن ھەقىقەتنىڭ سۆزىنى ئېلىپ تاشلىمىغايسەن؛ چۈنكى ھۆكۈملىرىڭگە ئۈمىد باغلىدىم؛ | 43 |
O take not the word of truth utterly out of my mouth! For I trust in thy judgments.
شۇندا مەن سېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭنى ھەر قاچان تۇتىمەن، بەرھەق، ئەبەدىلئەبەدگىچە تۇتىمەن؛ | 44 |
So shall I keep thy law continually, For ever and ever.
شۇندا مەن ئازادىلىكتە ماڭىمەن؛ چۈنكى كۆرسەتمىلىرىڭنى ئىزدىدىم. | 45 |
I shall walk in a wide path; For I seek thy precepts.
شۇندا مەن پادىشاھلار ئالدىدا ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ توغرۇلۇق سۆزلەيمەن، بۇ ئىشلاردا مەن يەرگە قاراپ قالمايمەن. | 46 |
I will speak of thine ordinances before kings, And will not be ashamed.
ۋە ئەمرلىرىڭنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن، چۈنكى ئۇلارنى سۆيۈپ كەلدىم؛ | 47 |
I will delight myself in thy commandments, which I love;
مەن سۆيۈپ كەلگەن ئەمرلىرىڭگە قوللىرىمنى سوزۇپ ئىنتىلىمەن، ۋە بەلگىلىمىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن. | 48 |
I will lift up my hands to thy precepts, which I love; I will meditate on thy statutes.
(زائىن) سەن قۇلۇڭغا بەرگەن سۆزۈڭنى، يەنى ماڭا ئۈمىد بېغىشلىغان كالامىڭنى ئەسلىگەيسەن. | 49 |
Remember thy promise to thy servant, Because thou hast caused me to hope!
ئۇ بولسا دەردىمگە بولغان تەسەللىدۇر؛ چۈنكى سۆز-ۋەدەڭ مېنى جانلاندۇردى. | 50 |
This is my comfort in my affliction; For thy promise reviveth me.
تەكەببۇرلار ئەشەددىي ھاقارەتلىگىنى بىلەن، لېكىن تەۋرات-قانۇنۇڭدىن ھېچ چەتنىمىدىم. | 51 |
The proud have had me greatly in derision; Yet have I not swerved from thy law.
قەدىمدە بېكىتىلگەن ھۆكۈملىرىڭنى يادىمغا كەلتۈردۈم، ئى پەرۋەردىگار، شۇنداق قىلىپ ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم. | 52 |
I remember thy judgments of old, O LORD! And I comfort myself.
تەۋرات-قانۇنۇڭنى تاشلىۋەتكەن رەزىللەر ۋەجىدىن، ئوتلۇق غەزەپ مەندە قايناپ تاشتى. | 53 |
Indignation burneth within me, On account of the wicked who forsake thy law.
مۇساپىر بولۇپ تۇرغان جايىمدا، كۆرسەتمىلىرىڭ مېنىڭ ناخشىلىرىم بولدى. | 54 |
Thy statutes have been my song In the house of my pilgrimage.
كېچىدە، ئى پەرۋەردىگار، نامىڭنى ئەسلەپ يۈردۇم، تەۋرات-قانۇنۇڭنى تۇتۇپ كەلدىم. | 55 |
In the night, O LORD! I think of thy name, And keep thy law!
مەن بۇنىڭغا نېسىپ بولدۇم، چۈنكى مەن كۆرسەتمىلىرىڭكە ئىتائەت قىلىپ كەلدىم. | 56 |
This have I as my own, That I keep thy precepts.
(خەت) ئۆزۈڭ مېنىڭ نېسىۋەمدۇرسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ «سېنىڭ سۆز-كالامىڭنى تۇتاي» ــ دېدىم. | 57 |
Thou art my portion, O LORD! I have resolved that I will keep thy precepts.
مەن پۈتۈن قەلبىم بىلەن دىدارىڭغا ئىنتىلىپ يېلىندىم؛ ۋەدەڭ بويىچە ماڭا شاپائەت كۆرسەتكەيسەن. | 58 |
I have sought thy favor with my whole heart; Be gracious unto me according to thy promise!
مەن يوللىرىڭ ئۈستىدە ئويلاندىم، ئاياغلىرىمنى ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا قارىتىپ بۇرىدىم. | 59 |
I think on my ways, And turn my feet to thy statutes;
مەن ئالدىرىدىم، ھېچ كېچىكمىدىم، سېنىڭ ئەمرلىرىڭگە ئەمەل قىلىشقا. | 60 |
I make haste, and delay not, To keep thy commandments.
رەزىللەرنىڭ ئاسارەتلىرى مېنى چىرمىۋالغىنى بىلەن، مەن تەۋرات-قانۇنۇڭنى ھېچ ئۇنتۇمىدىم. | 61 |
The snares of the wicked surround me; Yet do I not forget thy law.
ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭ ئۈچۈن، تۈن كېچىدە تەشەككۈر ئېيتقىلى قوپىمەن. | 62 |
At midnight I rise to give thanks to thee On account of thy righteous judgments.
مەن سەندىن قورقىدىغانلارنىڭ، كۆرسەتمىلىرىڭگە ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈلپىتىدۇرمەن. | 63 |
I am the companion of all who fear thee, And who obey thy precepts.
جاھان، ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن تولدى؛ ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن. | 64 |
The earth, O LORD! is full of thy goodness; O teach me thy statutes!
(تەت) سۆز-كالامىڭ بويىچە، ئى پەرۋەردىگار، ئۆز قۇلۇڭغا مېھرىبانلىقنى كۆرسىتىپ كەلگەنسەن. | 65 |
Thou dost bless thy servant, O LORD! According to thy promise!
ماڭا ئوبدان پەرق ئېتىشنى ۋە بىلىمنى ئۆگەتكەيسەن؛ چۈنكى مەن ئەمرلىرىڭگە ئىشەندىم. | 66 |
Teach me sound judgment and knowledge! For I have faith in thy commandments.
مەن ئازابقا ئۇچراشتىن بۇرۇن يولدىن ئازغان، بىراق ھازىر سۆزۈڭنى تۇتىمەن. | 67 |
Before I was afflicted, I went astray; But now I keep thy word.
سەن مېھرىباندۇرسەن، مېھرىبانلىق قىلىسەن، ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن. | 68 |
Thou art good and doest good; O teach me thy statutes!
تەكەببۇرلار ماڭا قارا چاپلاشتى؛ بىراق كۆرسەتمىلىرىڭگە پۈتۈن قەلبىم بىلەن ئىتائەت قىلىمەن. | 69 |
The proud forge lies against me, But I keep thy precepts with my whole heart.
ئۇلارنىڭ قەلبى تۇيماس بولۇپ كەتتى؛ بىراق مەن بولسام تەۋرات-قانۇنۇڭنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن. | 70 |
Their heart is senseless like fat; But I delight in thy law.
ئازابقا ئۇچرىغىنىم ياخشى بولدى، شۇنىڭ بىلەن بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەندىم. | 71 |
It is good for me that I have been afflicted, That I might learn thy statutes.
مەن ئۈچۈن ئاغزىڭدىكى قانۇن-تەلىم، مىڭلىغان ئالتۇن-كۈمۈش تەڭگىدىن ئەۋزەلدۇر. | 72 |
The law of thy mouth is better to me Than thousands of gold and silver.
(يود) سېنىڭ قوللىرىڭ مېنى ياسىغان، مېنى مۇستەھكەملىدى؛ مېنى يورۇتقايسەن، ئەمرلىرىڭنى ئۆگىنىمەن. | 73 |
Thy hands have made and fashioned me; Give me understanding, that I may learn thy commandments!
سەندىن ئەيمىنىدىغانلار مېنى كۆرۈپ شادلىنىدۇ؛ چۈنكى مەن سۆز-كالامىڭغا ئۈمىد باغلاپ كەلدىم. | 74 |
They who fear thee shall see me and rejoice, Because I trust in thy word.
ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى، ۋاپادارلىقىڭدىن مېنى ئازابقا سالغىنىڭنى بىلىمەن. | 75 |
I know, O LORD! that thy judgments are right, And that in faithfulness thou hast afflicted me.
ئاھ، قۇلۇڭغا بەرگەن ۋەدەڭ بويىچە، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ تەسەللىيىم بولسۇن. | 76 |
O let thy loving-kindness be my comfort, According to thy promise to thy servant!
مېنىڭ ياشىشىم ئۈچۈن، رەھىمدىللىقلىرىڭ يېنىمغا كەلسۇن؛ چۈنكى تەۋرات-قانۇنۇڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكىمدۇر. | 77 |
Let thy tender mercies come to me, that I may live! For thy law is my delight.
تەكەببۇرلار خىجالەتتە قالسۇن؛ چۈنكى ئۇلار ماڭا يالغانچىلىق بىلەن تەتۈرلۈك قىلغان؛ مەن بولسام، كۆرسەتمىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن. | 78 |
May the proud be put to shame, who wrong me without cause! But I will meditate on thy precepts.
سەندىن ئەيمىنىدىغانلار مەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ كەلسۇن؛ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى بىلگەنلەرمۇ شۇنداق بولسۇن. | 79 |
Let those who fear thee turn unto me, And they that know thine ordinances!
كۆڭلۈم بەلگىلىمىلىرىڭدە مۇكەممەل بولسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن يەرگە قاراپ قالمايمەن. | 80 |
May my heart be perfect in thy statutes, That I may not be put to shame!
(كاف) جېنىم نىجاتلىقىڭغا تەلمۈرۈپ ھالىدىن كېتەي دەۋاتىدۇ؛ مەن سۆز-كالامىڭغا ئۈمىد باغلىدىم. | 81 |
My soul fainteth for thy salvation; In thy promise do I trust.
كۆزۈم سۆز-ۋەدەڭگە تەلمۈرۈپ تۈگىشەي دېدى، «سەن قاچانمۇ ماڭا تەسەللى بېرەرسەن» ــ دەپ. | 82 |
Mine eyes fail with looking for thy promise; When. say I, wilt thou comfort me?
چۈنكى مەن ئىسلىنىپ قۇرۇپ كەتكەن تۇلۇمدەك بولدۇم، بىراق بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۇنتۇمايمەن. | 83 |
Yea, I am become like a bottle in the smoke; Yet do I not forget thy statutes.
قۇلۇڭنىڭ كۈنلىرى قانچە بولىدۇ؟ ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلارنى قاچان جازالايسەن؟ | 84 |
How many are the days of thy servant? When wilt thou execute judgment upon my persecutors?
تەكەببۇرلار ماڭا ئورىلارنى كولىغان؛ بۇ ئىشلار تەۋراتىڭغا مۇخالىپتۇر؛ | 85 |
The proud have digged pits for me; They who do not regard thy law.
سېنىڭ بارلىق ئەمرلىرىڭ ئىشەنچلىكتۇر؛ ئۇلار يولسىزلىق بىلەن مېنى قىستىماقتا؛ ماڭا ياردەم قىلغايسەن! | 86 |
All thy commandments are faithful; They persecute me without cause; help thou me!
ئۇلار مېنى يەر يۈزىدىن يوقاتقىلى قىل قالدى؛ بىراق مەن بولسام، كۆرسەتمىلىرىڭدىن ۋاز كەچمىدىم. | 87 |
They had almost consumed me from the earth; But I forsook not thy precepts.
ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن، ۋە ئاغزىڭدىكى ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى تۇتىمەن. | 88 |
Quicken me according to thy loving-kindness, That I may keep the law of thy mouth!
(لامەد) مەڭگۈگە، ئى پەرۋەردىگار، سۆز-كالامىڭ ئەرشلەردە بېكىتىلگەندۇر. | 89 |
Thy word, O LORD! abideth for ever, Being established like the heavens;
سېنىڭ ساداقىتىڭ دەۋردىن-دەۋرگىچىدۇر؛ سەن يەر-زېمىننى مۇقىم بېكىتكەنسەن، ئۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. | 90 |
Thy faithfulness endureth to all generations. Thou hast established the earth, and it abideth.
سېنىڭ ھۆكۈم-قانۇنىيەتلىرىڭ بىلەن بۇلار بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۇرىدۇ؛ چۈنكى بارلىق مەۋجۇداتلار سېنىڭ خىزمىتىڭدىدۇر. | 91 |
They continue to this day according to their ordinances; For they are all subject to thee.
سېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭ خۇرسەنلىكىم بولمىغان بولسا، ئازابىمدا يوقاپ كېتەر ئىدىم. | 92 |
Had not thy law been my delight, I should have perished in my affliction.
مەن سېنىڭ كۆرسەتمىلىرىڭنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن؛ چۈنكى مۇشۇلار ئارقىلىق ماڭا ھاياتلىق بەردىڭ؛ | 93 |
I will never forget thy precepts; For by them thou revivest me.
مەن سېنىڭكىدۇرمەن، مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ چۈنكى مەن كۆرسەتمىلىرىڭنى ئىزدەپ كەلدىم. | 94 |
I am thine, help me! For I seek thy precepts.
رەزىللەر مېنى ھالاك قىلىشنى كۈتمەكتە؛ بىراق مەن ئاگاھ-گۇۋاھلىرىڭنى كۆڭلۈمدە تۇتۇپ ئويلايمەن. | 95 |
The wicked lie in wait to destroy me; But I will have regard to thine ordinances.
مەن ھەممە مۇكەممەللىكنىڭ چېكى بار دەپ بىلىپ يەتتىم؛ بىراق سېنىڭ ئەمر-كالامىڭ چەكسىز كەڭدۇر! | 96 |
I have seen an end of all perfection; But thy law is exceeding broad.
(مەم) ئاھ، مېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭغا بولغان مۇھەببىتىم نەقەدەر چوڭقۇردۇر! كۈن بويى ئۇ مېنىڭ سېغىنىپ ئويلايدىغىنىمدۇر. | 97 |
O how I love thy law! It is my daily (meditation)
ئەمرلىرىڭ ھەردائىم مەن بىلەن بىللە تۇرغاچقا، مېنى دۈشمەنلىرىمدىن دانا قىلىدۇ؛ | 98 |
Thou hast made me wiser than my enemies by thy precepts; For they are ever before me.
بارلىق ئۇستازلىرىمدىن كۆپ يورۇتۇلغانمەن، چۈنكى ئاگاھ-گۇۋاھلىرىڭ سېغىنىشىمدۇر. | 99 |
I have more understanding than all my teachers; For thine ordinances are my (meditation)
مەن قېرىلاردىن كۆپرەك چۈشىنىمەن، چۈنكى كۆرسەتمىلىرىڭگە ئىتائەت قىلىپ كەلدىم. | 100 |
I have more wisdom than the ancients, Because I keep thy precepts.
سۆز-كالامىڭغا ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن، ئاياغلىرىمنى ھەممە يامان يولدىن تارتتىم. | 101 |
I have restrained my feet from every evil way, That I might keep thy word.
ھۆكۈملىرىڭدىن ھېچ چىقمىدىم؛ چۈنكى ماڭا ئۆگەتكەن سەن ئۆزۈڭدۇرسەن. | 102 |
I depart not from thy statutes, For thou teachest me!
سۆزلىرىڭ تىلىمغا شۇنچە شېرىن تېتىيدۇ! ئاغزىمدا ھەسەلدىن تاتلىقتۇر! | 103 |
How sweet are thy words to my taste; Yea, sweeter than honey to my mouth!
كۆرسەتمىلىرىڭدىن مەن يورۇتۇلدۇم؛ شۇڭا بارلىق ساختا يولنى ئۆچ كۆرىمەن. | 104 |
From thy precepts I learn wisdom; Therefore do I hate every false way.
(نۇن) سۆز-كالامىڭ ئايىغىم ئالدىدىكى چىراغ، يولۇمغا نۇردۇر. | 105 |
Thy word is a lamp to my feet, And a light to my path.
قەسەم ئىچتىم، ئەمەل قىلىمەنكى، مەن ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭنى تۇتىمەن. | 106 |
I have sworn, and I will perform it, That I will keep thy righteous statutes.
زور ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چەكتىم، ئى پەرۋەردىگار؛ سۆز-كالامىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن. | 107 |
I am exceedingly afflicted; Revive me, O LORD! according to thy word!
قوبۇل قىلغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، ئاغزىمدىكى خالىس قۇربانلىقلارنى، ماڭا ھۆكۈملىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن. | 108 |
Accept, O LORD! the free-will offering of my mouth, And teach me thy statutes!
جېنىمنى ئالىقىنىمدا دائىم ئېلىپ يۈرىمەن، بىراق تەۋرات-قانۇنۇڭنى پەقەت ئۇنتۇمايمەن. | 109 |
My life is continually in my hand; Yet do I not forget thy law.
رەزىللەر مەن ئۈچۈن قىلتاق قۇردى؛ بىراق كۆرسەتمىلىرىڭدىن ئاداشمىدىم. | 110 |
The wicked lay snares for me, Yet do I not go astray from thy precepts.
ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى مىراس قىلىپ مەڭگۈگە قوبۇل قىلدىم؛ چۈنكى ئۇلار كۆڭلۈمنىڭ شادلىقىدۇر. | 111 |
I have made thine ordinances my possession for ever; For they are the joy of my heart.
مەن كۆڭلۈمنى بەلگىلىمىلىرىڭگە مەڭگۈگە [ئەمەل قىلىشقا]، يەنى ئاخىرغىچە ئەمەل قىلىشقا مايىل قىلدىم. | 112 |
I have inclined my heart to perform thy statutes, Always, —even to the end.
(سامەق) ئالا كۆڭۈللەرنى ئۆچ كۆرۈپ كەلدىم؛ سۆيگىنىم بولسا، تەۋرات-قانۇنۇڭدۇر. | 113 |
I hate impious men, And thy law I do love.
سەن مېنىڭ دالدا جايىم، مېنىڭ قالقانىمدۇرسەن؛ سۆز-كالامىڭغا ئۈمىد باغلىدىم. | 114 |
Thou art my hiding-place and my shield; In thy word I put my trust!
مەن خۇدايىمنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن، مەندىن نېرى بولۇڭلار، ئى رەزىللىك قىلغۇچىلار! | 115 |
Depart from me, ye evil-doers! For I will keep the commandments of my God.
ياشىشىم ئۈچۈن، ۋەدەڭ بويىچە مېنى يۆلىگەيسەن؛ ئۈمىدىمنىڭ ئالدىدا مېنى يەرگە قاراتمىغايسەن. | 116 |
Uphold me according to thy promise, that I may live; And let me not be ashamed of my hope!
مېنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەيسەن، شۇندا مەن ئامان-ئېسەن يۈرىمەن؛ ۋە بەلگىلىمىلىرىڭنى ھەردائىم قەدىرلەيمەن. | 117 |
Do thou hold me up, and I shall be safe, And I will have respect to thy statutes continually!
بەلگىلىمىلىرىڭدىن ئازغانلارنىڭ ھەممىسىنى نەزىرىڭدىن ساقىت قىلدىڭ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقى قۇرۇقتۇر. | 118 |
Thou castest off all who depart from thy laws; For their deceit is vain.
سەن يەر يۈزىدىكى بارلىق رەزىللەرنى داشقالدەك شاللاپ تازىلايسەن؛ شۇڭا مەن ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى سۆيىمەن. | 119 |
Thou throwest away all the wicked of the earth, like dross; Therefore I love thine ordinances.
ئەتلىرىم سېنىڭدىن بولغان ئەيمىنىشتىن تىترەيدۇ؛ ھۆكۈملىرىڭدىن قورقۇپ يۈرىمەن. | 120 |
My flesh trembleth through fear of thee, And I am afraid of thy judgments.
(ئايىن) مەن دۇرۇس ھۆكۈملەرنى ۋە ئادالەتنى يۈرگۈزدۇم؛ مېنى ئەزگۈچىلەرگە تاشلاپ قويمىغايسەن؛ | 121 |
I have done justice and equity; O leave me not to mine oppressors.
ئۆز قۇلۇڭ ئۈچۈن ياخشىلىققا كاپالەت بولغايسەن؛ تەكەببۇرلارغا مېنى ئەزگۈزمىگەيسەن. | 122 |
Be surety for thy servant for good; Let not the proud oppress me!
كۆزۈم نىجاتلىقىڭغا تەشنا بولۇپ، ھەم ھەققانىيىتىڭ توغرۇلۇق ۋەدەڭگە تەلمۈرۈپ تۈگىشەي دەپ قالدى؛ | 123 |
Mine eyes fail with looking for thy help, And for thy righteous promise.
ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن قۇلۇڭغا مۇئامىلە قىلغايسەن؛ بەلگىلىمىلىرىڭنى ماڭا ئۆگەتكەيسەن. | 124 |
Deal with thy servant according to thy mercy, And teach me thy statutes!
مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن؛ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى بىلىپ يېتىشىم ئۈچۈن مېنى يورۇتقايسەن. | 125 |
I am thy servant; give me understanding, That I may know thine ordinances!
پەرۋەردىگار ھەرىكەتكە كېلىش ۋاقتى كەلدى! چۈنكى ئۇلار تەۋرات-قانۇنۇڭنى بىكار قىلىۋېتىدۇ. | 126 |
It is time for thee, O LORD! to act; For men have made void thy law.
شۇ سەۋەبتىن ئەمرلىرىڭنى ئالتۇندىن ئارتۇق سۆيىمەن، ساپ ئالتۇندىن ئارتۇق سۆيىمەن؛ | 127 |
Therefore I love thy commandments above gold; Yea, above fine gold.
شۇڭا ھەممە ئىشلارنى باشقۇرىدىغان بارلىق كۆرسەتمىلىرىڭنى توغرا دەپ بىلىمەن؛ بارلىق ساختا يولنى ئۆچ كۆرىمەن. | 128 |
Therefore I esteem all thy precepts concerning all things to be right; I hate every false way.
(پې) ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ كارامەتتۇر؛ شۇڭا جېنىم ئۇلارغا ئەگىشىدۇ. | 129 |
Wonderful are thine ordinances; Therefore do I observe them.
سۆزلىرىڭنىڭ يېشىمى نۇر ئېلىپ كېلىدۇ؛ نادانلارنىمۇ يورۇتىدۇ. | 130 |
The communication of thy precepts giveth light; It giveth understanding to the simple.
ئاغزىمنى ئېچىپ ھاسىراپ كەتتىم، چۈنكى ئەمرلىرىڭگە تەشنا بولۇپ كەلدىم. | 131 |
I open my mouth and pant: For I long for thy commandments.
نامىڭنى سۆيگەنلەرگە بولغان ئادىتىڭ بويىچە، جامالىڭنى مەن تەرەپكە قارىتىپ شەپقەت كۆرسەتكەيسەن. | 132 |
Look thou upon me, and be gracious to me, As is just to those who love thy name!
قەدەملىرىمنى سۆزۈڭ بىلەن توغرىلىغايسەن؛ ئۈستۈمگە ھېچ قەبىھلىكنى ھۆكۈم سۈرگۈزمىگەيسەن. | 133 |
Establish my footsteps in thy word, And let no iniquity have dominion over me!
مېنى ئىنساننىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن، شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ كۆرسەتمىلىرىڭگە ئىتائەت قىلىمەن. | 134 |
Redeem me from the oppression of men, So will I keep thy precepts!
جامالىڭنىڭ نۇرىنى قۇلۇڭنىڭ ئۈستىگە چاچتۇرغايسەن؛ ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن. | 135 |
Let thy face shine on thy servant, And teach me thy statutes!
كۆزلىرىمدىن ياش ئېرىقلىرى ئاقىدۇ، چۈنكى ئىنسانلار تەۋرات-قانۇنۇڭغا بويسۇنمايدۇ. | 136 |
Rivers of water run down mine eyes, Because men keep not thy law.
(تسادە) ھەققانىيدۇرسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ھۆكۈملىرىڭ توغرىدۇر. | 137 |
Righteous art thou, O LORD! And just are thy judgments!
سەن ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى ھەققانىيلىقتا بۇيرۇغان؛ ئۇلار تولىمۇ ئىشەنچلىكتۇر! | 138 |
Just are the ordinances which thou hast ordained, And altogether righteous.
ئوتلۇق مۇھەببىتىم ئۆزۈمنى يوقىتىدۇ، چۈنكى مېنى خار قىلغۇچىلار سۆزلىرىڭگە پىسەنت قىلمايدۇ. | 139 |
My zeal consumeth me, Because my enemies forget thy word.
سۆزۈڭ تولۇق سىناپ ئىسپاتلانغاندۇر؛ شۇڭا قۇلۇڭ ئۇنى سۆيىدۇ. | 140 |
Thy word is very pure, Therefore thy servant loveth it.
مەن تېرىقتەكتۇرمەن، كەمسىتىلگەنمەن، بىراق كۆرسەتمىلىرىڭنى ئۇنتۇمايمەن. | 141 |
Of mean condition am I, and despised; Yet do I not forget thy precepts.
سېنىڭ ھەققانىيىتىڭ ئەبەدىي بىر ھەققانىيەتتۇر، تەۋرات-قانۇنۇڭ ھەقىقەتتۇر. | 142 |
Thy righteousness is everlasting righteousness, And thy law is truth.
پېشكەللىك ۋە ئازاب ماڭا چىرمىشىۋالدى؛ بىراق ئەمرلىرىڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكلىرىمدۇر. | 143 |
Trouble and anguish have taken hold of me, But thy laws are my delight.
سېنىڭ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنىڭ ھەققانىيلىقى ئەبەدىيدۇر؛ ياشىغىن دەپ، مېنى يورۇتقايسەن. | 144 |
The justice of thine ordinances is everlasting; Give me understanding, and I shall live!
(كوف) مەن پۈتۈن قەلبىم بىلەن ساڭا نىدا قىلدىم، ئى پەرۋەردىگار؛ ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن؛ مەن بەلگىلىمىلىرىڭنى تۇتىمەن. | 145 |
I cry to thee with my whole heart; Hear me, O LORD! that I may keep thy statutes.
مەن ساڭا نىدا قىلىمەن؛ مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا ئەگىشىمەن. | 146 |
I cry unto thee; save me, And I will observe thine ordinances.
مەن تاڭ ئاتماي ئورنۇمدىن تۇرۇپ پەرياد كۆتۈرىمەن؛ سۆز-كالامىڭغا ئۈمىد باغلىدىم. | 147 |
I come before the dawn with my prayer; I trust in thy promise!
ۋەدىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىش ئۈچۈن، تۈندىكى جېسەكلەر ئالماشماي تۇرۇپ كۆزۈم ئېچىلىدۇ. | 148 |
My eyes anticipate the night-watches, That I may meditate upon thy promise.
ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن؛ ئى پەرۋەردىگار، ھۆكۈملىرىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن. | 149 |
Hear my voice according to thy loving-kindness; O LORD! revive me according to thy mercy!
قەبىھ نىيەتكە ئەگەشكەنلەر ماڭا يېقىنلاشتى، ئۇلار تەۋرات-قانۇنۇڭدىن يىراقتۇر. | 150 |
Near are they whose aim is mischief; They are far from thy law;
ئى پەرۋەردىگار، سەن ماڭا يېقىن تۇرىسەن؛ بارلىق ئەمرلىرىڭ ھەقىقەتتۇر. | 151 |
Yet thou art near, O LORD! And all thy commandments are truth!
ئۇزۇندىن بېرى ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭدىن ئۆگەندىمكى، ئۇلارنى مەڭگۈگە ئىناۋەتلىك قىلغانسەن. | 152 |
Long have I known concerning thine ordinances, That thou hast founded them for ever.
(رەش) مېنىڭ خار بولغىنىمنى كۆرگەيسەن، مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن؛ چۈنكى تەۋرات-قانۇنۇڭنى ئۇنتۇمىدىم. | 153 |
Look upon my affliction, and deliver me! For I do not forget thy law.
مېنىڭ دەۋايىمنى سورىغايسەن، ھەمجەمەت بولۇپ مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ ۋەدەڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن. | 154 |
Maintain my cause, and redeem me; Revive me according to thy promise!
نىجاتلىق رەزىللەردىن يىراقتۇر؛ چۈنكى ئۇلار بەلگىلىمىلىرىڭنى ئىزدىمەيدۇ. | 155 |
Salvation is far from the wicked, Because they seek not thy statutes.
رەھىمدىللىقلىرىڭ كۆپتۇر، ئى پەرۋەردىگار؛ ھۆكۈملىرىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن. | 156 |
Great is thy compassion, O LORD! Revive thou me according to thine equity!
ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار ھەم مېنى خار قىلغۇچىلار كۆپتۇر؛ بىراق ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭدىن ھېچ چەتنىمىدىم. | 157 |
Many are my persecutors and my enemies, Yet do I not depart from thine ordinances.
مەن ئاسىيلىق قىلغۇچىلارغا قاراپ يىرگەندىم، چۈنكى ئۇلار سۆزۈڭنى تۇتمايدۇ. | 158 |
I behold the transgressors, and am grieved Because they regard not thy word.
سېنىڭ كۆرسەتمىلىرىڭنى شۇنچە سۆيگەنلىكىمنى كۆرگەيسەن؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار. | 159 |
Behold, how I love thy precepts! O LORD! revive me according to thy loving-kindness!
سۆز-كالامىڭنى مۇجەسسەملىگەندە ئاندىن ھەقىقەت بولۇر؛ سېنىڭ ھەربىر ئادىل ھۆكۈمۈڭ ئەبەدىيدۇر. | 160 |
The whole of thy word is truth, And all thy righteous judgments endure for ever.
(شىين) ئەمىرلەر بىكاردىن-بىكار ماڭا زىيانكەشلىك قىلىدۇ؛ بىراق يۈرىكىم كالامىڭ ئالدىدىلا تىترەيدۇ. | 161 |
Princes have persecuted me without cause; But my heart standeth in awe of thy word.
بىرسى زور ئولجا تاپقاندەك، ۋەدەڭدىن خۇشاللىنىمەن. | 162 |
I rejoice in thy word, As one that hath found great spoil.
ساختىلىقتىن نەپرەتلىنىپ يىرگىنىمەن؛ سۆيگىنىم تەۋرات-قانۇنۇڭدۇر. | 163 |
I hate and abhor lying, And thy law do I love.
ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭ تۈپەيلىدىن، كۈندە يەتتە قېتىم سېنى مەدھىيىلەيمەن. | 164 |
Seven times a day do I praise thee On account of thy righteous judgments.
تەۋراتىڭنى سۆيگەنلەرنىڭ زور خاتىرجەملىكى بار؛ ھېچ نەرسە ئۇلارنى پۇتلىيالماس. | 165 |
Great peace have they who love thy law, And no evil shall befall them.
مەن نىجاتلىقىڭغا ئۈمىد باغلاپ كۈتتۈم، ئى پەرۋەردىگار، ئەمرلىرىڭگە ئەمەل قىلىپ. | 166 |
O LORD! I wait for thy salvation, And keep thy commandments!
جېنىم ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا ئەگىشىدۇ، ئۇلارنى ئىنتايىن سۆيىمەن. | 167 |
My soul observeth thine ordinances, And loveth them exceedingly.
بارلىق يوللىرىم ئالدىڭدا بولغاچ، كۆرسەتمىلىرىڭ ھەم ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا ئەگىشىمەن. | 168 |
I keep thy precepts and thine ordinances; For all my ways are before thee.
(تاۋ) مېنىڭ پەريادىم ئالدىڭغا يېقىن كەلسۇن، ئى پەرۋەردىگار؛ كالامىڭ بويىچە مېنى يورۇتقايسەن. | 169 |
Let my prayer come near before thee, O LORD! According to thy promise, give me understanding!
يېلىنىشىم ئالدىڭغا كەلسۇن؛ ۋەدەڭ بويىچە مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن. | 170 |
Let my supplication come before thee; O deliver me according to thy promise!
ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن، لەۋلىرىمدىن مەدھىيىلەر ئۇرغۇپ چىقىدۇ. | 171 |
My lips shall pour forth praise; For thou teachest me thy statutes.
تىلىم سۆزۈڭنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىدۇ، چۈنكى ئەمرلىرىڭنىڭ ھەممىسى ھەققانىيدۇر. | 172 |
My tongue shall sing of thy word; For all thy commandments are right.
قولۇڭ ماڭا ياردەمگە تەييار بولسۇن؛ چۈنكى مەن كۆرسەتمىلىرىڭنى تاللىۋالدىم. | 173 |
Let thy hand be my help; For I have chosen thy precepts!
مەن نىجاتلىقىڭغا تەلمۈرۈپ تەشنا بولۇپ كەلدىم، ئى پەرۋەردىگار؛ سېنىڭ تەۋراتىڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكىمدۇر. | 174 |
I long for thy salvation, O LORD! And thy law is my delight!
جېنىم ياشىسۇن، ئۇ سېنى مەدھىيىلەيدۇ، سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭ ماڭا ياردەم قىلسۇن. | 175 |
Let me live, and I will praise thee; Let thy judgments help me!
مەن يولدىن ئاداشقان قويدەك تەمتىرەپ قالدىم؛ قۇلۇڭنى ئىزدىگەيسەن؛ چۈنكى ئەمرلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق. | 176 |
I wander like a lost sheep; seek thy servant, For I do not forget thy commandments!