< زەبۇر 118 >
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر؛ ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر! | 1 |
Pris Herren, for han er god, hans miskunnhet varer evindelig!
ئىسرائىل: « ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر» ــ دېسۇن! | 2 |
Israel sie: Hans miskunnhet varer evindelig!
ھارۇن جەمەتى: «ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر» ــ دېسۇن! | 3 |
Arons hus sie: Hans miskunnhet varer evindelig!
پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغانلار: «ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر» ــ دېسۇن! | 4 |
De som frykter Herren, sie: Hans miskunnhet varer evindelig!
قىستاقتا قېلىپ ياھغا نىدا قىلدىم؛ ياھ جاۋاب بېرىپ، مېنى كەڭرى-ئازادىلىكتە تۇرغۇزدى. | 5 |
Ut av trengselen kalte jeg på Herren; Herren svarte mig og førte mig ut i fritt rum.
پەرۋەردىگار مەن تەرەپتىدۇر، مەن قورقمايمەن؛ ئىنسان مېنى نېمە قىلالىسۇن؟ | 6 |
Herren er med mig, jeg frykter ikke; hvad skulde et menneske gjøre mig?
پەرۋەردىگار ماڭا ياردەم قىلغۇچىلار ئارىسىدا بولۇپ، مېنىڭ تەرىپىمدىدۇر؛ ئۆچمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرىمەن. | 7 |
Herren er med mig, den som hjelper mig, og jeg skal se med lyst på dem som hater mig.
پەرۋەردىگارنى باشپاناھىم قىلىش، ئىنسانغا تايىنىشتىن ئەۋزەلدۇر؛ | 8 |
Det er bedre å sette sin lit til Herren enn å stole på mennesker.
پەرۋەردىگارنى باشپاناھىم قىلىش، ئەمىرلەرگە تايىنىشتىن ئەۋزەلدۇر. | 9 |
Det er bedre å ta sin tilflukt til Herren enn å stole på fyrster.
بارلىق ئەللەر مېنى قورشىۋالدى؛ بىراق پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن؛ | 10 |
Alle hedninger omringer mig; i Herrens navn skal jeg hugge dem ned.
ئۇلار مېنى قورشىۋالدى؛ بەرھەق، قورشىۋالدى؛ بىراق پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن مەن ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن؛ | 11 |
De omgir mig, ja, de omringer mig; i Herrens navn skal jeg hugge dem ned.
ئۇلار ھەرىلەردەك مېنى قورشىۋالدى؛ ئۇلار يېقىلغان يانتاق ئوتىدەك تېزلا ئۆچۈرۈلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن مەن ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن. | 12 |
De omgir mig som bier, de slukner som ild i tornebusker; i Herrens navn skal jeg hugge dem ned.
سەن [دۈشمەن] مېنى زەرب بىلەن ئىتتەردىڭ، يىقىلغىلى تاس قالدىم؛ بىراق پەرۋەردىگار ماڭا ياردەمدە بولدى. | 13 |
Hårdt støtte du mig forat jeg skulde falle; men Herren hjalp mig.
كۈچۈم ۋە ناخشام بولسا ياھدۇر؛ ئۇ مېنىڭ نىجاتلىقىم بولدى! | 14 |
Herren er min styrke og lovsang, og han blev mig til frelse.
ھەققانىيلارنىڭ چېدىرلىرىدا شادلىق ۋە نىجاتلىقنىڭ تەنتەنىلىرى ياڭرىتىلماقتا؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولى زەپەر قۇچماقتا! | 15 |
Det høres fryderop om frelse i de rettferdiges telt; Herrens høire hånd gjør storverk.
پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولى ئېگىز كۆتۈرۈلگەن! پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولى زەپەر قۇچماقتا! | 16 |
Herrens høire hånd ophøier, Herrens høire hånd gjør storverk.
مەن ئۆلمەيمەن، بەلكى ياشايمەن، ياھنىڭ قىلغانلىرىنى جاكارلايمەن. | 17 |
Jeg skal ikke dø, men leve og fortelle Herrens gjerninger.
پەرۋەردىگار ماڭا قاتتىق تەربىيە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ مېنى ئۆلۈمگە تاپشۇرمىدى. | 18 |
Hårdt tuktet Herren mig, men til døden overgav han mig ikke.
ھەققانىيەت دەرۋازىلىرىنى ماڭا ئېچىپ بېرىڭلار؛ مەن كىرىمەن، ياھنى مەدھىيىلەيمەن. | 19 |
Lukk op rettferdighets porter for mig! Jeg vil gå inn gjennem dem, jeg vil prise Herren.
بۇ پەرۋەردىگارنىڭ دەرۋازىسىدۇر؛ ھەققانىيلار بۇنىڭدىن كىرىدۇ! | 20 |
Dette er Herrens port; de rettferdige skal gå inn gjennem den.
مەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ چۈنكى سەن ماڭا جاۋاب قايتۇردۇڭ، ھەم مېنىڭ نىجاتلىقىم بولدۇڭ. | 21 |
Jeg vil prise dig fordi du svarte mig og blev mig til frelse.
تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى. | 22 |
Den sten som bygningsmennene forkastet, er blitt hovedhjørnesten.
بۇ ئىش پەرۋەردىگاردىندۇر، بۇ كۆزىمىز ئالدىدا كارامەت بولدى. | 23 |
Av Herren er dette gjort, det er underfullt i våre øine.
بۇ پەرۋەردىگار ياراتقان كۈندۇر؛ بىز ئۇنىڭدا شادلىنىپ خۇرسەن بولىمىز. | 24 |
Dette er dagen som Herren har gjort; la oss fryde oss og glede oss på den!
قۇتقۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، سەندىن ئۆتۈنىمەن؛ سەندىن ئۆتۈنىمەن، بىزنى ياشناتقايسەن! | 25 |
Å Herre, frels dog! Å Herre, la det dog lykkes!
پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ ساڭا «مۇبارەك!» دەپ توۋلىدۇق. | 26 |
Velsignet være han som kommer i Herrens navn! Vi velsigner eder fra Herrens hus.
پەرۋەردىگار تەڭرىدۇر؛ ئۇ ئۈستىمىزگە نۇر بەرگەن؛ ھېيتلىق قۇربانلىقنى تانىلار بىلەن باغلاڭلار، ــ قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە ئىلىپ باغلاڭلار. | 27 |
Herren er Gud, og han lot det bli lyst for oss. Bind høitidsofferet med rep like inn til alterets horn!
سەن مېنىڭ ئىلاھىمدۇرسەن، مەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ مېنىڭ خۇدايىم، مەن سېنى ئۇلۇغلايمەن. | 28 |
Du er min Gud, og jeg vil love dig, min Gud, jeg vil ophøie dig.
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار؛ چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر؛ ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر! | 29 |
Pris Herren, for han er god, hans miskunnhet varer evindelig.