< زەبۇر 118 >

پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر؛ ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر! 1
你们要称谢耶和华,因他本为善; 他的慈爱永远长存!
ئىسرائىل: « ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر» ــ دېسۇن! 2
愿以色列说: 他的慈爱永远长存!
ھارۇن جەمەتى: «ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر» ــ دېسۇن! 3
愿亚伦的家说: 他的慈爱永远长存!
پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغانلار: «ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر» ــ دېسۇن! 4
愿敬畏耶和华的说: 他的慈爱永远长存!
قىستاقتا قېلىپ ياھغا نىدا قىلدىم؛ ياھ جاۋاب بېرىپ، مېنى كەڭرى-ئازادىلىكتە تۇرغۇزدى. 5
我在急难中求告耶和华,他就应允我, 把我安置在宽阔之地。
پەرۋەردىگار مەن تەرەپتىدۇر، مەن قورقمايمەن؛ ئىنسان مېنى نېمە قىلالىسۇن؟ 6
有耶和华帮助我,我必不惧怕, 人能把我怎么样呢?
پەرۋەردىگار ماڭا ياردەم قىلغۇچىلار ئارىسىدا بولۇپ، مېنىڭ تەرىپىمدىدۇر؛ ئۆچمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرىمەن. 7
在那帮助我的人中,有耶和华帮助我, 所以我要看见那恨我的人遭报。
پەرۋەردىگارنى باشپاناھىم قىلىش، ئىنسانغا تايىنىشتىن ئەۋزەلدۇر؛ 8
投靠耶和华,强似倚赖人;
پەرۋەردىگارنى باشپاناھىم قىلىش، ئەمىرلەرگە تايىنىشتىن ئەۋزەلدۇر. 9
投靠耶和华,强似倚赖王子。
بارلىق ئەللەر مېنى قورشىۋالدى؛ بىراق پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن؛ 10
万民围绕我, 我靠耶和华的名必剿灭他们。
ئۇلار مېنى قورشىۋالدى؛ بەرھەق، قورشىۋالدى؛ بىراق پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن مەن ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن؛ 11
他们环绕我,围困我, 我靠耶和华的名必剿灭他们。
ئۇلار ھەرىلەردەك مېنى قورشىۋالدى؛ ئۇلار يېقىلغان يانتاق ئوتىدەك تېزلا ئۆچۈرۈلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن مەن ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن. 12
他们如同蜂子围绕我, 好像烧荆棘的火,必被熄灭; 我靠耶和华的名,必剿灭他们。
سەن [دۈشمەن] مېنى زەرب بىلەن ئىتتەردىڭ، يىقىلغىلى تاس قالدىم؛ بىراق پەرۋەردىگار ماڭا ياردەمدە بولدى. 13
你推我,要叫我跌倒, 但耶和华帮助了我。
كۈچۈم ۋە ناخشام بولسا ياھدۇر؛ ئۇ مېنىڭ نىجاتلىقىم بولدى! 14
耶和华是我的力量,是我的诗歌; 他也成了我的拯救。
ھەققانىيلارنىڭ چېدىرلىرىدا شادلىق ۋە نىجاتلىقنىڭ تەنتەنىلىرى ياڭرىتىلماقتا؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولى زەپەر قۇچماقتا! 15
在义人的帐棚里,有欢呼拯救的声音; 耶和华的右手施展大能。
پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولى ئېگىز كۆتۈرۈلگەن! پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولى زەپەر قۇچماقتا! 16
耶和华的右手高举; 耶和华的右手施展大能。
مەن ئۆلمەيمەن، بەلكى ياشايمەن، ياھنىڭ قىلغانلىرىنى جاكارلايمەن. 17
我必不致死,仍要存活, 并要传扬耶和华的作为。
پەرۋەردىگار ماڭا قاتتىق تەربىيە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ مېنى ئۆلۈمگە تاپشۇرمىدى. 18
耶和华虽严严地惩治我, 却未曾将我交于死亡。
ھەققانىيەت دەرۋازىلىرىنى ماڭا ئېچىپ بېرىڭلار؛ مەن كىرىمەن، ياھنى مەدھىيىلەيمەن. 19
给我敞开义门; 我要进去称谢耶和华!
بۇ پەرۋەردىگارنىڭ دەرۋازىسىدۇر؛ ھەققانىيلار بۇنىڭدىن كىرىدۇ! 20
这是耶和华的门; 义人要进去!
مەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ چۈنكى سەن ماڭا جاۋاب قايتۇردۇڭ، ھەم مېنىڭ نىجاتلىقىم بولدۇڭ. 21
我要称谢你,因为你已经应允我, 又成了我的拯救!
تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى. 22
匠人所弃的石头 已成了房角的头块石头。
بۇ ئىش پەرۋەردىگاردىندۇر، بۇ كۆزىمىز ئالدىدا كارامەت بولدى. 23
这是耶和华所做的, 在我们眼中看为希奇。
بۇ پەرۋەردىگار ياراتقان كۈندۇر؛ بىز ئۇنىڭدا شادلىنىپ خۇرسەن بولىمىز. 24
这是耶和华所定的日子, 我们在其中要高兴欢喜!
قۇتقۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، سەندىن ئۆتۈنىمەن؛ سەندىن ئۆتۈنىمەن، بىزنى ياشناتقايسەن! 25
耶和华啊,求你拯救! 耶和华啊,求你使我们亨通!
پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ ساڭا «مۇبارەك!» دەپ توۋلىدۇق. 26
奉耶和华名来的是应当称颂的! 我们从耶和华的殿中为你们祝福!
پەرۋەردىگار تەڭرىدۇر؛ ئۇ ئۈستىمىزگە نۇر بەرگەن؛ ھېيتلىق قۇربانلىقنى تانىلار بىلەن باغلاڭلار، ــ قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە ئىلىپ باغلاڭلار. 27
耶和华是 神; 他光照了我们。 理当用绳索把祭牲拴住, 牵到坛角那里。
سەن مېنىڭ ئىلاھىمدۇرسەن، مەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ مېنىڭ خۇدايىم، مەن سېنى ئۇلۇغلايمەن. 28
你是我的 神,我要称谢你! 你是我的 神,我要尊崇你!
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار؛ چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر؛ ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر! 29
你们要称谢耶和华,因他本为善; 他的慈爱永远长存!

< زەبۇر 118 >