< زەبۇر 116 >
مەن پەرۋەردىگارنى سۆيىمەن، چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئاۋازىمنى، يېلىنىشلىرىمنى ئاڭلىغان. | 1 |
Мило ми је што Господ услиши молитвени глас мој;
چۈنكى ئۇ قۇلىقىنى ماڭا سالدى، شۇڭا مەن بارلىق كۈنلىرىمدە ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلىپ چاقىرىمەن. | 2 |
Што пригну к мени ухо своје; и зато ћу Га у све дане своје призивати.
ئۆلۈم ئاسارەتلىرى مېنى چىرمىۋالدى؛ تەھتىسارانىڭ دەردلىرى مېنى تۇتۇۋالدى؛ مەن پېشكەللىككە يولۇقتۇم، ئەلەم تارتتىم؛ (Sheol ) | 3 |
Опколише ме болести смртне, и јади паклени задесише ме, наиђох на тугу и муку; (Sheol )
شۇنىڭ بىلەن مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا توختىماي نىدا قىلدىم: ــ «سەندىن ئۆتۈنىمەن، ئى پەرۋەردىگار، جېنىمنى قۇتۇلدۇرغايسەن! | 4 |
Али призвах име Господње: Господе! Избави душу моју!
شەپقەتلىكتۇر پەرۋەردىگار، ھەققانىيدۇر؛ خۇدايىمىز رەھىمدىلدۇر. | 5 |
Добар је Господ и праведан, и Бог је наш милостив;
پەرۋەردىگار ناداننى ساقلايدۇ؛ مەن خاراب ئەھۋالغا چۈشۈرۈلدۇم، ئۇ مېنى قۇتقۇزدى. | 6 |
Чува просте Господ; бејах у невољи, и поможе ми.
ھەي جېنىم، قايتىدىن خاتىرجەم بول؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سېخىيلىك، مېھرىبانلىق كۆرسەتتى؛ | 7 |
Врати се душо моја, у мир свој! Јер је Господ добротвор твој!
چۈنكى سەن جېنىمنى ئۆلۈمدىن، كۆزلىرىمنى ياشلاردىن، ئاياغلىرىمنى پۇتلىشىشتىن قۇتقۇزغانسەن. | 8 |
Ти си избавио душу моју од смрти, око моје од суза, ногу моју од спотицања.
مەن پەرۋەردىگار ئالدىدا تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا ماڭىمەن؛ | 9 |
Ходићу пред лицем Господњим по земљи живих.
ئىشەنگىنىم ئۈچۈن مۇنداق سۆز قىلغانمەن: ــ «مەن قاتتىق خار قىلىنغانمەن». | 10 |
Веровах кад говорих: У љутој сам невољи.
جىددىيلەشكىنىمدىن: ــ «ئادەملەرنىڭ ھەممىسى يالغانچى!» ــ دېگەنمەن. | 11 |
Рекох у сметњи својој: Сваки је човек лажа.
ماڭا كۆرسەتكەن بارلىق ياخشىلىقلىرىنى مەن نېمە بىلەن پەرۋەردىگارغا قايتۇرىمەن؟ | 12 |
Шта ћу вратити Господу за сва добра што ми је учинио?
ــ نىجاتلىق قەدەھىنى قولۇمغا ئالىمەن، ۋە پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىلتىجا قىلىمەن؛ | 13 |
Узећу чашу спасења, и призваћу име Господње.
مەن قىلغان قەسەملىرىمنى پەرۋەردىگار ئالدىدا ئادا قىلىمەن؛ بەرھەق، ئۇنىڭ بارلىق خەلقى ئالدىدا ئۇلارنى ئادا قىلىمەن. | 14 |
Извршићу обећања своја Господу пред свим народом Његовим.
پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە، ئۆز مۆمىن بەندىلىرىنىڭ ئۆلۈمى قىممەتلىك ئىشتۇر! | 15 |
Скупа је пред Господом смрт светаца Његових.
ئاھ پەرۋەردىگار، مەن بەرھەق سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن؛ مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن، دېدىكىڭنىڭ ئوغلى ئىكەنمەن؛ سەن مېنىڭ ئاسارەتلىرىمنى يەشكەنسەن؛ | 16 |
О Господе! Ја сам слуга Твој, ја сам слуга Твој, син слушкиње Твоје; расковао си с мене окове моје.
مەن ساڭا تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى سۇنىمەن، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىلتىجا قىلىمەن؛ | 17 |
Жртву за хвалу принећу Теби, и име Господње призваћу.
مەن قىلغان قەسەملىرىمنى پەرۋەردىگار ئالدىدا ئادا قىلىمەن؛ بەرھەق، ئۇنىڭ بارلىق خەلقى ئالدىدا ئۇلارنى ئادا قىلىمەن؛ | 18 |
Извршићу обећања своја Господу пред свим народом Његовим,
پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىلىرىدا، سېنىڭ ئوتتۇرۇڭدا تۇرۇپ، ئى يېرۇسالېم، [قەسەملىرىمنى ئادا قىلىمەن]! ھەمدۇسانا! | 19 |
У двору дома Господњег, усред тебе, Јерусалиме. Алилуја!