< زەبۇر 116 >

مەن پەرۋەردىگارنى سۆيىمەن، چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئاۋازىمنى، يېلىنىشلىرىمنى ئاڭلىغان. 1
わたしは主を愛する。主はわが声と、わが願いとを聞かれたからである。
چۈنكى ئۇ قۇلىقىنى ماڭا سالدى، شۇڭا مەن بارلىق كۈنلىرىمدە ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلىپ چاقىرىمەن. 2
主はわたしに耳を傾けられたので、わたしは生きるかぎり主を呼びまつるであろう。
ئۆلۈم ئاسارەتلىرى مېنى چىرمىۋالدى؛ تەھتىسارانىڭ دەردلىرى مېنى تۇتۇۋالدى؛ مەن پېشكەللىككە يولۇقتۇم، ئەلەم تارتتىم؛ (Sheol h7585) 3
死の綱がわたしを取り巻き、陰府の苦しみがわたしを捕えた。わたしは悩みと悲しみにあった。 (Sheol h7585)
شۇنىڭ بىلەن مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا توختىماي نىدا قىلدىم: ــ «سەندىن ئۆتۈنىمەن، ئى پەرۋەردىگار، جېنىمنى قۇتۇلدۇرغايسەن! 4
その時わたしは主のみ名を呼んだ。「主よ、どうぞわたしをお救いください」と。
شەپقەتلىكتۇر پەرۋەردىگار، ھەققانىيدۇر؛ خۇدايىمىز رەھىمدىلدۇر. 5
主は恵みふかく、正しくいらせられ、われらの神はあわれみに富まれる。
پەرۋەردىگار ناداننى ساقلايدۇ؛ مەن خاراب ئەھۋالغا چۈشۈرۈلدۇم، ئۇ مېنى قۇتقۇزدى. 6
主は無学な者を守られる。わたしが低くされたとき、主はわたしを救われた。
ھەي جېنىم، قايتىدىن خاتىرجەم بول؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سېخىيلىك، مېھرىبانلىق كۆرسەتتى؛ 7
わが魂よ、おまえの平安に帰るがよい。主は豊かにおまえをあしらわれたからである。
چۈنكى سەن جېنىمنى ئۆلۈمدىن، كۆزلىرىمنى ياشلاردىن، ئاياغلىرىمنى پۇتلىشىشتىن قۇتقۇزغانسەن. 8
あなたはわたしの魂を死から、わたしの目を涙から、わたしの足をつまずきから助け出されました。
مەن پەرۋەردىگار ئالدىدا تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا ماڭىمەن؛ 9
わたしは生ける者の地で、主のみ前に歩みます。
ئىشەنگىنىم ئۈچۈن مۇنداق سۆز قىلغانمەن: ــ «مەن قاتتىق خار قىلىنغانمەن». 10
「わたしは大いに悩んだ」と言った時にもなお信じた。
جىددىيلەشكىنىمدىن: ــ «ئادەملەرنىڭ ھەممىسى يالغانچى!» ــ دېگەنمەن. 11
わたしは驚きあわてたときに言った、「すべての人は当にならぬ者である」と。
ماڭا كۆرسەتكەن بارلىق ياخشىلىقلىرىنى مەن نېمە بىلەن پەرۋەردىگارغا قايتۇرىمەن؟ 12
わたしに賜わったもろもろの恵みについて、どうして主に報いることができようか。
ــ نىجاتلىق قەدەھىنى قولۇمغا ئالىمەن، ۋە پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىلتىجا قىلىمەن؛ 13
わたしは救の杯をあげて、主のみ名を呼ぶ。
مەن قىلغان قەسەملىرىمنى پەرۋەردىگار ئالدىدا ئادا قىلىمەن؛ بەرھەق، ئۇنىڭ بارلىق خەلقى ئالدىدا ئۇلارنى ئادا قىلىمەن. 14
わたしはすべての民の前で、主にわが誓いをつぐなおう。
پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە، ئۆز مۆمىن بەندىلىرىنىڭ ئۆلۈمى قىممەتلىك ئىشتۇر! 15
主の聖徒の死はそのみ前において尊い。
ئاھ پەرۋەردىگار، مەن بەرھەق سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن؛ مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن، دېدىكىڭنىڭ ئوغلى ئىكەنمەن؛ سەن مېنىڭ ئاسارەتلىرىمنى يەشكەنسەن؛ 16
主よ、わたしはあなたのしもべです。わたしはあなたのしもべ、あなたのはしための子です。あなたはわたしのなわめを解かれました。
مەن ساڭا تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى سۇنىمەن، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىلتىجا قىلىمەن؛ 17
わたしは感謝のいけにえをあなたにささげて、主のみ名を呼びます。
مەن قىلغان قەسەملىرىمنى پەرۋەردىگار ئالدىدا ئادا قىلىمەن؛ بەرھەق، ئۇنىڭ بارلىق خەلقى ئالدىدا ئۇلارنى ئادا قىلىمەن؛ 18
わたしはすべての民の前で主にわが誓いをつぐないます。
پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىلىرىدا، سېنىڭ ئوتتۇرۇڭدا تۇرۇپ، ئى يېرۇسالېم، [قەسەملىرىمنى ئادا قىلىمەن]! ھەمدۇسانا! 19
エルサレムよ、あなたの中で、主の家の大庭の中で、これをつぐないます。主をほめたたえよ。

< زەبۇر 116 >