< زەبۇر 115 >
بىزگە ئەمەس، ئى پەرۋەردىگار، بىزگە ئەمەس ــ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن، ھەقىقەت-ساداقىتىڭ ئۈچۈن، ئۆز نامىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرگەيسەن. | 1 |
Bizge emes, i Perwerdigar, bizge emes — Özgermes muhebbiting üchün, heqiqet-sadaqiting üchün, Öz naminggha shan-sherep keltürgeysen.
ئەللەر نېمىشقا «ئۇلارنىڭ خۇداسى قەيەردە؟» دەپ [مازاق] قىلىشىدۇ؟ | 2 |
Eller némishqa «Ularning Xudasi qeyerde?» dep [mazaq] qilishidu?
بىراق خۇدايىمىز بولسا ئەرشلەردىدۇر؛ نېمىنى خالىسا، ئۇ شۇنى قىلغاندۇر. | 3 |
Biraq Xudayimiz bolsa ershlerdidur; Némini xalisa, U shuni qilghandur.
ئۇلارنىڭ بۇتلىرى بولسا پەقەت كۈمۈش-ئالتۇندىن ئىبارەت، ئىنساننىڭ قوللىرى ياسىغىنىدۇر، خالاس. | 4 |
Ularning butliri bolsa peqet kümüsh-altundin ibaret, Insanning qolliri yasighinidur, xalas.
ئۇلارنىڭ ئاغزى بار، بىراق سۆزلىيەلمەيدۇ؛ كۆزلىرى بار، كۆرمەيدۇ؛ | 5 |
Ularning aghzi bar, biraq sözliyelmeydu; Közliri bar, körmeydu;
قۇلاقلىرى بار، ئاڭلىمايدۇ، بۇرنى بار، پۇرىيالمايدۇ؛ | 6 |
Qulaqliri bar, anglimaydu, Burni bar, puriyalmaydu;
قوللىرى بار، سىلىيالمايدۇ؛ پۇتلىرى بار، ماڭالمايدۇ؛ كانىيىدىن ھېچبىر سادا چىقارمايدۇ. | 7 |
Qolliri bar, siliyalmaydu; Putliri bar, mangalmaydu; Kaniyidin héchbir sada chiqarmaydu.
ئۇلارنى ياسىغانلار ئۇلارغا ئوخشاشتۇر، ئۇلارغا تايانغانلارمۇ شۇنداقتۇر. | 8 |
Ularni yasighanlar ulargha oxshashtur, Ulargha tayan’ghanlarmu shundaqtur.
ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار؛ ئۇ سىلەرگە ياردەم قىلغۇچىڭلار ھەم قالقىنىڭلاردۇر. | 9 |
I Israil, Perwerdigargha tayininglar; U silerge yardem qilghuchinglar hem qalqininglardur.
ئى ھارۇن جەمەتى، پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار؛ ئۇ سىلەرگە ياردەم قىلغۇچى ھەم سىلەرنىڭ قالقىنىڭلاردۇر. | 10 |
I Harun jemeti, Perwerdigargha tayininglar; U silerge yardem qilghuchi hem silerning qalqininglardur.
پەردەردىگاردىن ئەيمىنىدىغانلار، پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار؛ ئۇ سىلەرگە ياردەم قىلغۇچى ھەم قالقىنىڭلاردۇر. | 11 |
Perderdigardin eyminidighanlar, Perwerdigargha tayininglar; U silerge yardem qilghuchi hem qalqininglardur.
پەرۋەردىگار بىزنى ئەسلەپ كەلدى؛ ئۇ بەخت ئاتا قىلىدۇ؛ ئۇ ئىسرائىل جەمەتىگە بەخت ئاتا قىلىدۇ؛ ئۇ ھارۇن جەمەتىگە بەخت ئاتا قىلىدۇ؛ | 12 |
Perwerdigar bizni eslep keldi; U bext ata qilidu; U Israil jemetige bext ata qilidu; U Harun jemetige bext ata qilidu;
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغانلارغا، چوڭلىرى ھەم كىچىكلىرىگىمۇ بەخت ئاتا قىلىدۇ. | 13 |
Perwerdigardin eyminidighanlargha, Chongliri hem kichiklirigimu bext ata qilidu.
پەرۋەردىگار سىلەرگە قوشلاپ بېرىدۇ، سىلەرگە ھەم پەرزەنتلىرىڭلارغا؛ | 14 |
Perwerdigar silerge qoshlap béridu, Silerge hem perzentliringlargha;
سىلەرگە پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەخت ئاتا قىلىنغان، ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچىدىن بەرىكەتلەنگەن! | 15 |
Silerge Perwerdigar teripidin bext ata qilin’ghan, Asman-zéminni Yaratquchidin beriketlen’gen!
ئاسمانلار بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاسمانلىرىدۇر؛ بىراق زېمىننى بولسا ئىنسان بالىلىرىغا تاپشۇرغاندۇر. | 16 |
Asmanlar bolsa Perwerdigarning asmanliridur; Biraq zéminni bolsa insan balilirigha tapshurghandur.
ئۆلۈكلەر ياھنى مەدھىيىلىيەلمەيدۇ، سۈكۈت دىيارىغا چۈشۈپ كەتكەنلەرمۇ شۇنداق؛ | 17 |
Ölükler Yahni medhiyiliyelmeydu, Süküt diyarigha chüshüp ketkenlermu shundaq;
بىراق بىزلەر ھازىردىن باشلاپ ياھقا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمىز! ھەمدۇسانا! | 18 |
Biraq bizler hazirdin bashlap Yahqa ebedil’ebedgiche teshekkür-medhiye qayturimiz! Hemdusana!