< زەبۇر 115 >

بىزگە ئەمەس، ئى پەرۋەردىگار، بىزگە ئەمەس ــ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن، ھەقىقەت-ساداقىتىڭ ئۈچۈن، ئۆز نامىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرگەيسەن. 1
Ikke os, o HERRE, ikke os, men dit Navn, det give du Ære for din Miskundheds og Trofastheds Skyld!
ئەللەر نېمىشقا «ئۇلارنىڭ خۇداسى قەيەردە؟» دەپ [مازاق] قىلىشىدۇ؟ 2
Hvi skal Folkene sige: »Hvor er dog deres Gud?«
بىراق خۇدايىمىز بولسا ئەرشلەردىدۇر؛ نېمىنى خالىسا، ئۇ شۇنى قىلغاندۇر. 3
Vor Gud, han er i Himlen; alt, hvad han vil, det gør han!
ئۇلارنىڭ بۇتلىرى بولسا پەقەت كۈمۈش-ئالتۇندىن ئىبارەت، ئىنساننىڭ قوللىرى ياسىغىنىدۇر، خالاس. 4
Deres Billeder er Sølv og Guld, Værk af Menneskehænder;
ئۇلارنىڭ ئاغزى بار، بىراق سۆزلىيەلمەيدۇ؛ كۆزلىرى بار، كۆرمەيدۇ؛ 5
de har Mund, men taler ikke, Øjne, men ser dog ej;
قۇلاقلىرى بار، ئاڭلىمايدۇ، بۇرنى بار، پۇرىيالمايدۇ؛ 6
de har Ører, men hører ikke, Næse, men lugter dog ej;
قوللىرى بار، سىلىيالمايدۇ؛ پۇتلىرى بار، ماڭالمايدۇ؛ كانىيىدىن ھېچبىر سادا چىقارمايدۇ. 7
de har Hænder, men føler ikke, Fødder, men gaar dog ej, deres Strube frembringer ikke en Lyd.
ئۇلارنى ياسىغانلار ئۇلارغا ئوخشاشتۇر، ئۇلارغا تايانغانلارمۇ شۇنداقتۇر. 8
Som dem skal de, der lavede dem, blive, enhver, som stoler paa dem!
ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار؛ ئۇ سىلەرگە ياردەم قىلغۇچىڭلار ھەم قالقىنىڭلاردۇر. 9
Israel stoler paa HERREN, han er deres Hjælp og Skjold;
ئى ھارۇن جەمەتى، پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار؛ ئۇ سىلەرگە ياردەم قىلغۇچى ھەم سىلەرنىڭ قالقىنىڭلاردۇر. 10
Arons Hus stoler paa HERREN, han er deres Hjælp og Skjold;
پەردەردىگاردىن ئەيمىنىدىغانلار، پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار؛ ئۇ سىلەرگە ياردەم قىلغۇچى ھەم قالقىنىڭلاردۇر. 11
de, som frygter HERREN, stoler paa ham, han er deres Hjælp og Skjold.
پەرۋەردىگار بىزنى ئەسلەپ كەلدى؛ ئۇ بەخت ئاتا قىلىدۇ؛ ئۇ ئىسرائىل جەمەتىگە بەخت ئاتا قىلىدۇ؛ ئۇ ھارۇن جەمەتىگە بەخت ئاتا قىلىدۇ؛ 12
HERREN kommer os i Hu, velsigner, velsigner Israels Hus, velsigner Arons Hus,
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغانلارغا، چوڭلىرى ھەم كىچىكلىرىگىمۇ بەخت ئاتا قىلىدۇ. 13
velsigner dem, der frygter HERREN, og det baade smaa og store.
پەرۋەردىگار سىلەرگە قوشلاپ بېرىدۇ، سىلەرگە ھەم پەرزەنتلىرىڭلارغا؛ 14
HERREN lader eder vokse i Tal, eder og eders Børn;
سىلەرگە پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەخت ئاتا قىلىنغان، ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچىدىن بەرىكەتلەنگەن! 15
velsignet er I af HERREN, Himlens og Jordens Skaber.
ئاسمانلار بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاسمانلىرىدۇر؛ بىراق زېمىننى بولسا ئىنسان بالىلىرىغا تاپشۇرغاندۇر. 16
Himlen er HERRENS Himmel, men Jorden gav han til Menneskens Børn.
ئۆلۈكلەر ياھنى مەدھىيىلىيەلمەيدۇ، سۈكۈت دىيارىغا چۈشۈپ كەتكەنلەرمۇ شۇنداق؛ 17
De døde priser ej HERREN, ingen af dem, der steg ned i det tavse.
بىراق بىزلەر ھازىردىن باشلاپ ياھقا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمىز! ھەمدۇسانا! 18
Men vi, vi lover HERREN, fra nu og til evig Tid!

< زەبۇر 115 >