< زەبۇر 114 >
ئىسرائىل مىسىردىن، ياقۇپ جەمەتى يات تىللىق ئەللەردىن چىققاندا، | 1 |
Als Israel Ägypten und Jakobs Haus das fremde Volk verließ,
شۇ چاغدا يەھۇدا [خۇدانىڭ] مۇقەددەس جايى، ئىسرائىل ئۇنىڭ سەلتىنىتى بولدى، | 2 |
da ward Juda sein Heiligtum und Israel sein Reich.
دېڭىز بۇنى كۆرۈپ بەدەر قاچتى، ئىئوردان دەرياسى كەينىگە ياندى؛ | 3 |
Dies sah das Meer und floh; der Jordan ging zurück.
تاغلار قوچقارلاردەك، دۆڭلەر قوزىلاردەك ئويناقلىدى. | 4 |
Die Berge hüpften gleich den Widdern, die Hügel wie die Lämmer. -
ئەي دېڭىز، سەن نېمە بولدۇڭ، قاچقىلى؟ ئىئوردان دەرياسى، يولۇڭدىن يانغىلى؟ | 5 |
Was ist dir, Meer? Du fliehst. Was, Jordan, dir? Du gehst zurück.
تاغلار قوچقارلاردەك، دۆڭلەر قوزىلاردەك ئويناقلىغىلى؟ | 6 |
Euch Bergen, daß ihr gleich den Widdern, euch Hügeln, daß ihr gleich den Lämmern hüpfet; -
ئى يەر يۈزى، رەبنىڭ جامالىدىن، ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ جامالىدىن تەۋرەن؛ | 7 |
Erbebe, Erde, vor dem Herrn, vor Jakobs Gott,
ئۇ قورام تاشنى كۆلچەككە، چاقماق تېشىنى مول بۇلاق سۇلىرىغا ئايلاندۇرىدۇ. | 8 |
der Fels in See und Kies in Quellgrund wandelt!