< زەبۇر 113 >
ھەمدۇسانا! مەدھىيىلەڭلار، ئى پەرۋەردىگارنىڭ قۇللىرى، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلەڭلار! | 1 |
Ⱨǝmdusana! Mǝdⱨiyilǝnglar, i Pǝrwǝrdigarning ⱪulliri, Pǝrwǝrdigarning namini mǝdⱨiyilǝnglar!
ھازىردىن باشلاپ، ئەبەدىلئەبەدگىچە، پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! | 2 |
Ⱨazirdin baxlap, ǝbǝdil’ǝbǝdgiqǝ, Pǝrwǝrdigarning namiƣa tǝxǝkkür-mǝdⱨiyǝ ⱪayturulsun!
كۈن چىقاردىن كۈن پاتارغا، پەرۋەردىگارنىڭ نامى مەدھىيىلىنىشكە لايىقتۇر! | 3 |
Kün qiⱪardin kün patarƣa, Pǝrwǝrdigarning nami mǝdⱨiyilinixkǝ layiⱪtur!
پەرۋەردىگار ئەللەردىن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى؛ شان-شەرىپى ئەرشلەردىن يۇقىرىدۇر. | 4 |
Pǝrwǝrdigar ǝllǝrdin yuⱪiri kɵtürüldi; Xan-xǝripi ǝrxlǝrdin yuⱪiridur.
كىممۇ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا تەڭ بولالىسۇن ــ ئۆز ماكانى يۇقىرىدا بولسىمۇ، | 5 |
Kimmu Pǝrwǝrdigar Hudayimizƣa tǝng bolalisun — Ɵz makani yuⱪirida bolsimu,
ئاسمانلارغا ھەم يەرگە قاراش ئۈچۈن، ئۆزىنى تۆۋەن قىلغۇچىغا؟ | 6 |
Asmanlarƣa ⱨǝm yǝrgǝ ⱪarax üqün, Ɵzini tɵwǝn ⱪilƣuqiƣa?
نامرات كىشىنى ئۇ توپا-چاڭدىن كۆتۈرىدۇ؛ قىغلىقتىن يوقسۇلنى يۇقىرىلىتىدۇ؛ | 7 |
Namrat kixini U topa-qangdin kɵtüridu; Ⱪiƣliⱪtin yoⱪsulni yuⱪirilitidu;
ئۇنى ئېسىلزادىلەر قاتارىغا، يەنى ئۆز خەلقىنىڭ ئېسىلزادىلىرى ئارىسىغا ئولتۇرغۇزىدۇ؛ | 8 |
Uni esilzadilǝr ⱪatariƣa, Yǝni Ɵz hǝlⱪining esilzadiliri arisiƣa olturƣuzidu;
ئۇ تۇغماس ئايالنى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنى ئوغۇللارنىڭ خۇشال ئانىسى قىلىدۇ. ھەمدۇسانا! | 9 |
U tuƣmas ayalni ɵygǝ orunlaxturup, Uni oƣullarning huxal anisi ⱪilidu. Ⱨǝmdusana!