< زەبۇر 112 >
ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى زور خۇرسەنلىك دەپ بىلىدىغان ئادەم بەختلىكتۇر! | 1 |
Hallelujah! Blessed is the man who fears the LORD, who greatly delights in His commandments.
ئۇنىڭ نەسلى زېمىندا تۇرۇپ كۈچ-قۇدرەتلىك بولىدۇ؛ دۇرۇسلارنىڭ دەۋرى بەختلىك بولىدۇ. | 2 |
His descendants will be mighty in the land; the generation of the upright will be blessed.
ئۇنىڭ ئۆيىدە دۆلەت ھەم بايلىقلار بولىدۇ؛ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ. | 3 |
Wealth and riches are in his house, and his righteousness endures forever.
قاراڭغۇلۇقتا تۇرغان دۇرۇس ئادەمگە نۇر پەيدا بولىدۇ؛ ئۇ شەپقەتلىك، رەھىمدىل ھەم ھەققانىيدۇر. | 4 |
Light dawns in the darkness for the upright— for the gracious, compassionate, and righteous.
خەيرخاھ، ئۆتنە بېرىپ تۇرىدىغان ئادەمنىڭ بەختى بولىدۇ؛ ئۇ ئۆز ئىشلىرىنى ئادىللىق بىلەن يۈرگۈزىدۇ. | 5 |
It is well with the man who is generous and lends freely, whose affairs are guided by justice.
بەرھەق، ئۇ ئەبەدىي تەۋرىتىلمەيدۇ؛ ھەققانىي ئادەم مەڭگۈگە ئەسلىنىدۇ. | 6 |
Surely he will never be shaken; the righteous man will be remembered forever.
ئۇ شۇم خەۋەردىن قورقمايدۇ؛ ئۇنىڭ كۆڭلى توق ھالدا، پەرۋەردىگارغا تايانغان. | 7 |
He does not fear bad news; his heart is steadfast, trusting in the LORD.
دىلى مەھكەم قىلىنغان، ئۇ قورقمايدۇ؛ ئاخىرىدا ئۇ رەقىبلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرىدۇ. | 8 |
His heart is assured; he does not fear, until he looks in triumph on his foes.
ئۇ ئۆزىنىڭكىنى مەردلەرچە تارقاتقان، يوقسۇللارغا بېرىدۇ؛ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭ مۈڭگۈزى ئىززەت-شۆھرەت بىلەن كۆتۈرۈلىدۇ. | 9 |
He has scattered abroad his gifts to the poor; his righteousness endures forever; his horn will be lifted high in honor.
رەزىل ئادەم بۇنى كۆرۈپ چىدىمايدۇ، چىشلىرىنى غۇجۇرلىتىدۇ، ئۇ ئېرىپ كېتىدۇ؛ رەزىللەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋىسى يوقىتىلىدۇ. | 10 |
The wicked man will see and be grieved; he will gnash his teeth and waste away; the desires of the wicked will perish.