< زەبۇر 111 >
ھەمدۇسانا! كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ مەشرىپىدە، ھەم جامائەتتە تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا پۈتۈن قەلبىم بىلەن تەشەككۈر ئېيتىمەن. | 1 |
Hemdusana! Köngli duruslarning meshripide, Hem jamaette turup, Perwerdigargha pütün qelbim bilen teshekkür éytimen.
پەرۋەردىگارنىڭ ياسىغانلىرى ئۇلۇغدۇر؛ بۇلاردىن خۇرسەن بولغانلار ئىزدىنىپ ئۇلارنى سۈرۈشتۈرمەكتە. | 2 |
Perwerdigarning yasighanliri ulughdur; Bulardin xursen bolghanlar izdinip ularni sürüshtürmekte.
ئۇنىڭ ئەجرى شەرەپ ۋە ھەيۋەتتۇر، ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ. | 3 |
Uning ejri sherep we heywettur, Uning heqqaniyliqi menggüge turidu.
ئۇ ئۆز مۆجىزىلىرىنى ياد ئەتكۈزىدۇ؛ پەرۋەردىگار مۇھەببەتلىك ھەم رەھىمدىللىكتۇر. | 4 |
U Öz möjizilirini yad etküzidu; Perwerdigar muhebbetlik hem rehimdilliktur.
ئۇ ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنى ئاش بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ ئۆز ئەھدىسىنى ھەمىشە ياد ئېتىدۇ. | 5 |
U Özidin eyminidighanlarni ash bilen teminleydu; Öz ehdisini hemishe yad étidu.
ئۇ ئەمەللىرىدىكى قۇدرىتىنى ئۆز خەلقىگە كۆرسىتىپ، باشقا ئەللەرنىڭ مىراس-زېمىنىنى ئۇلارغا تەقدىم قىلدى. | 6 |
U emelliridiki qudritini Öz xelqige körsitip, Bashqa ellerning miras-zéminini ulargha teqdim qildi.
ئۇنىڭ قولى قىلغانلىرى ھەقىقەت-ساداقەت ۋە ئادىللىقتۇر؛ ئۇنىڭ بارلىق كۆرسەتمىلىرى ئىشەنچلىكتۇر. | 7 |
Uning qoli qilghanliri heqiqet-sadaqet we adilliqtur; Uning barliq körsetmiliri ishenchliktur.
بۇلار ئەبەدىلئەبەدگىچە ئىناۋەتلىكتۇر؛ ھەقىقەتتە ھەم دۇرۇسلۇقتا چىقىرىلغاندۇر. | 8 |
Bular ebedil’ebedgiche inawetliktur; Heqiqette hem durusluqta chiqirilghandur.
ئۇ ئۆز خەلقىگە نىجاتلىق ئەۋەتتى؛ ئۆز ئەھدىسىنى ئەمر قىلىپ مەڭگۈگە بېكىتتى؛ مۇقەددەس ھەم سۈرلۈكتۇر ئۇنىڭ نامى. | 9 |
U Öz xelqige nijatliq ewetti; Öz ehdisini emr qilip menggüge békitti; Muqeddes hem sürlüktur Uning nami.
پەرۋەردىگاردىن قورقۇش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر؛ ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى تۇتقانلارنىڭ ھەممىسى يورۇتۇلغان ئادەملەردۇر؛ ئۇنىڭ مەدھىيىسى مەڭگۈ تۇرىدۇ. | 10 |
Perwerdigardin qorqush danaliqning bashlinishidur; Uning hökümlirini tutqanlarning hemmisi yorutulghan ademlerdur; Uning medhiyisi menggü turidu.