< زەبۇر 110 >
داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە: ــ «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلغۇچە، ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن» ــ دېدى. | 1 |
Psalm of David. Jehovah said unto my Lord, Sit at my right hand, until I put thine enemies [as] footstool of thy feet.
پەرۋەردىگار قۇدرىتىڭنى كۆرسىتىدىغان شاھانە ھاساڭنى زىئوندىن ئۇزىتىدۇ؛ دۈشمەنلىرىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرگىن! | 2 |
Jehovah shall send the sceptre of thy might out of Zion: rule in the midst of thine enemies.
كۈچۈڭنى كۆرسىتىدىغان كۈندە، ئۆز خەلقىڭ خالىس قۇربانلىق كەبى پىدا بولىدۇ؛ مۇقەددەس ھەيۋىتىڭدە، شۇ ياشلىق دەۋرىڭدىكىدەك، ساڭا ھازىرمۇ شەبنەملەر سەھەرنىڭ بالىياتقۇسىدىن يېڭى چىققاندەك چۈشىدۇ؛ | 3 |
Thy people shall be willing in the day of thy power, in holy splendour: from the womb of the morning [shall come] to thee the dew of thy youth.
پەرۋەردىگار شۇنداق قەسەم ئىچتى، ھەم بۇنىڭدىن يانمايدۇ: ــ «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن». | 4 |
Jehovah hath sworn, and will not repent, Thou art priest for ever after the order of Melchisedek.
ئوڭ تەرىپىڭدە بولغان رەب غەزىپىنى كۆرسەتكەن كۈندە پادىشاھلارنى ئۇرۇپ پارە-پارە قىلىۋېتىدۇ؛ | 5 |
The Lord at thy right hand will smite through kings in the day of his anger.
ئۇ ئەللەر ئارىسىدا سوتلايدۇ؛ جاي-جايلارنى جەسەتلەر بىلەن تولدۇرىدۇ؛ كەڭ زېمىننىڭ بېشىنى يارىدۇ؛ | 6 |
He shall judge among the nations; he shall fill [all places] with dead bodies; he shall smite through the head over a great country.
ئۇ يولدا ئېرىقتىن سۇ ئىچىدۇ؛ ئۇ شۇڭا كىشىنىڭ بېشىنى يۆلىگۈچى بولىدۇ. | 7 |
He shall drink of the brook in the way; therefore shall he lift up the head.