< زەبۇر 11 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: پەرۋەردىگارنى باشپاناھىم قىلدىم؛ ئەمدى سىلەر قانداقمۇ ماڭا: «قۇشتەك ئۆز تېغىڭغا ئۇچۇپ قاچ! | 1 |
われヱホバに依賴めり なんぢら何ぞわが霊魂にむかひて鳥のごとくなんぢの山にのがれよといふや
چۈنكى مانا، رەزىللەر كاماننى تارتىپ، قاراڭغۇلۇقتىن كۆڭلى دۇرۇسلارغا قارىتىپ ئاتماقچى بولۇپ، ئۇلار ئوقنى كىرىچقا سېلىپ قويدى؛ | 2 |
視よあしきものは暗處にかくれ心なほきものを射んとて弓をはり絃に矢をつがふ
«ئۇللار ھالاك قىلىنسا، ئەمدى ھەققانىيلار نېمىمۇ قىلار؟»» ــ دەۋاتىسىلەر؟ | 3 |
基みなやぶれたらんには義者なにをなさんや
پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىدۇر، پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئاسمانلاردىدۇر؛ ئۇ نەزەر سالىدۇ، ئۇنىڭ سەزگۈر كۆزلىرى ئىنسان بالىلىرىنى كۆزىتىپ، سىنايدۇ. | 4 |
ヱホバはその聖宮にいます ヱホバの寳座は天にありその目はひとのこを鑒 その眼瞼はかれらをこころみたまふ
پەرۋەردىگار ھەققانىي ئادەمنى سىنايدۇ؛ رەزىللەرگە ۋە زوراۋانلىققا خۇشتارلارغا ئۇ ئىچ-ئىچىدىن نەپرەتلىنىدۇ. | 5 |
ヱホバは義者をこころむ そのみこころは惡きものと強暴をこのむ者とをにくみ
ئۇ رەزىللەرگە قاپقانلار، ئوت ۋە گۈڭگۈرتنى ياغدۇرىدۇ؛ پىژغىرىم قىزىق شامال ئۇلارنىڭ قەدەھىدىكى نېسىۋىسى بولىدۇ. | 6 |
羂をあしきもののうへに降したまはん火と硫磺ともゆる風とはかれらの酒杯にうくべきものなり
چۈنكى پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛ ھەققانىيلىق ئۇنىڭ ئامرىقىدۇر؛ كۆڭلى دۇرۇسلار ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرىدۇ. | 7 |
ヱホバはただしき者にして義きことを愛したまへばなり 直きものはその聖顔をあふぎみん