< زەبۇر 109 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى مەدھىيەمنىڭ ئىگىسى خۇدايىم، جىم تۇرما! | 1 |
達味的聖詠,交於樂官。我所讚美的天主,求您別緘口不語!
مانا رەزىللەرنىڭ ئاغزى، مەككارلارنىڭ ئاغزى كۆز ئالدىمدا يوغان ئېچىلدى؛ ئۇلار يالغانچى تىل بىلەن ماڭا قارشى سۆزلىدى. | 2 |
因為邪惡欺詐的口,已經張開攻擊我,騙人說謊的舌頭,也已經出言陷害我,
نەپرەتلىك سۆزلەر بىلەن مېنى چۇلغاپ، ئۇلار بىكاردىن-بىكار ماڭا زەربە بەرمەكتە. | 3 |
以毒恨的言語四面評擊我,又無緣無故地興訟毀謗我。
مۇھەببىتىم ئۈچۈن ئۇلار ماڭا قارشى شىكايەتچى بولدى، مەن بولسام ــ دۇئاغا بېرىلدىم. | 4 |
他們誣告我,以報我的友愛;然而我卻為他們祈禱不懈;
ياخشىلىقىم ئۈچۈن يامانلىق، سۆيگۈم ئۈچۈن نەپرەت قايتۇردى. | 5 |
他們以惡心回報我的善心,他們用恨情還報我的愛情。
ھەربىرىنىڭ ئۈستىدە رەزىل بىر ئادەم تەيىنلىگەيسەن، ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا بىر دەۋاگەر تۇرسۇن. | 6 |
求您派一惡人向他們攻訐,叫控告者站在他的右邊。
ئۇ سوراق قىلىنغاندا ئەيىبدار بولۇپ چىقسۇن، دۇئاسى گۇناھ دەپ ھېسابلانسۇن. | 7 |
使他受審時,被判為罪,使他的辯護,仍構成罪案。
كۈنلىرى قىسقا بولسۇن، مەنسىپىنى باشقىسى ئىگىلىسۇن. | 8 |
願您縮短他的年歲,讓人取去他的權位。
بالىلىرى يېتىم قالسۇن، خوتۇنى تۇل بولسۇن. | 9 |
使他的子女盡成孤獨,使他的妻子流為寡婦,
ئوغۇللىرى سەرگەردان تىلەمچى بولسۇن، تۇرغان خارابىلىكلىرىدىن نان ئىزدەپ. | 10 |
使他的子孫流離失所,沿門乞食,使他由殘破的家室裏,被人逐離。
جازانىخور ئۇنىڭ ئىگىلىكى ئۈستىگە تور تاشلىسۇن، مېھنەت ئەجرىنى ياتلار بۇلاپ-تالىسۇن. | 11 |
使債主搜括他所有的家產,仗外人劫掠他勞力的所賺。
ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىدىغان بىرسى بولمىسۇن، يېتىم قالغان بالىلىرىغا ئىلتىپات قىلغۇچى بولمىسۇن. | 12 |
誰也不要向他施行仁慈,誰也不要憐憫他的孤兒;
ئۇنىڭ نەسلى قۇرۇتۇلسۇن؛ كېلەر ئەۋلادىدا ناملىرى ئۆچۈرۈلسۇن. | 13 |
願他的後肓裔全被斬盡滅絕,他們的姓名被塗抹於後代。
ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبىھلىكىنىڭ ئەيىبلىرى پەرۋەردىگارنىڭ يادىدا قالسۇن، ئانىسىنىڭ گۇناھى ئۆچۈرۈلمىسۇن. | 14 |
願上主記念他父親的罪愆,總不要赦免他母親的過犯;
بۇلارنىڭ ئەيىبلىرى دائىم پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدا بولسۇن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ نام-ئەمىلىنى يەر يۈزىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ. | 15 |
叫那些罪永留在上主前,從地上除去他們的記念。
چۈنكى [رەزىل كىشى] مېھرىبانلىق كۆرسىتىشنى ھېچ ئېسىگە كەلتۈرمىدى، بەلكى ئېزىلگەن، يوقسۇل ھەم دىلى سۇنۇقلارنى ئۆلتۈرمەككە قوغلاپ كەلدى. | 16 |
因為他們總不想施恩行善,但知道迫害弱釔和貧賤,連人靈破碎的人也摧殘。
ئۇ لەنەت ئوقۇشقا ئامراق ئىدى، شۇڭا لەنەت ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدۇ؛ بەخت تىلەشكە رايى يوق ئىدى، شۇڭا بەخت ئۇنىڭدىن يىراق بولىدۇ. | 17 |
他既喜愛詛咒,願詛咒臨於他!他既不愛祝福,願祝福遠離他!
ئۇ لەنەتلەرنى ئۆزىگە كىيىم قىلىپ كىيگەن؛ شۇڭا بۇلار ئاققان سۇدەك ئۇنىڭ ئىچ-باغرىغا، مايدەك، سۆڭەكلىرىگە كىرىدۇ؛ | 18 |
他以詛咒為他的衣帶,詛咒如水浸入他的五內,更像脂油滲透他的骨骸,
بۇلار ئۇنىڭغا يېپىنغان تونىدەك، ھەردائىم باغلانغان بەلۋېغىدەك چاپلانسۇن. | 19 |
好像衣服遮蔽了他,好似皮帶纏住了他。
بۇلار بولسا مېنى ئەيىبلىگۈچىلەرگە پەرۋەردىگارنىڭ بېكىتكەن مۇكاپاتى بولسۇن! مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلغانلارنىڭ ئىنئامى بولسۇن! | 20 |
凡控告我並惡言誹謗我的人,願他們由主獲得這些報應。
بىراق سەن، پەرۋەردىگار رەببىم، ئۆز نامىڭ ئۈچۈن مېنىڭ تەرىپىمدە بىر ئىش قىلغايسەن، مېھىر-مۇھەببىتىڭ ئەلا بولغاچقا، مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ | 21 |
然而上主,為了您的名,求您善等我,天主,按焄您的仁慈和善良,拯救我!
چۈنكى مەن ئېزىلگەن ھەم ھاجەتمەندۇرمەن، قەلبىم خەستە بولدى. | 22 |
我原來貧窮可憐,我的人腸傷痛悲慘;
مەن قۇياش ئۇزارتقان كۆلەڭگىدەك يوقىلاي دەپ قالدىم، چېكەتكە قېقىۋېتىلگەندەك چەتكە قېقىۋېتىلدىم. | 23 |
我像夕陽殘影漸漸消逝,我被人驅除又與蝗蟲相似。
روزا تۇتقىنىمدىن تىزلىرىم كېتىدۇ، ئەتلىرىم سىزىپ كېتىدۇ. | 24 |
我的雙膝因齋戒而酸軟,我的肉體已經消瘦不堪。
شۇڭلاشقا مەن ئۇلار ئالدىدا رەسۋا بولدۇم؛ ئۇلار ماڭا قاراشقاندا، بېشىنى سىلكىشمەكتە. | 25 |
我竟成了他們的笑柄,看見我的人頭搖齒冷。
ماڭا ياردەملەشكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ | 26 |
上主,我的天主,求您扶助我,求您按著您的慈愛拯救我,
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇنىڭ سېنىڭ قولۇڭدىكى ئىش ئىكەنلىكىنى، بۇنى قىلغۇچىنىڭ سەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلسۇن. | 27 |
讓人知道這是您手的工程,上主,的確這是您的所作所行。
ئۇلار لەنەت ئوقۇۋەرسۇن، سەن بەخت ئاتا قىلغايسەن؛ ئۇلار ھۇجۇم قىلىشقا تۇرغاندا، خىجالەتتە قالسۇن، بىراق قۇلۇڭ شادلانسۇن! | 28 |
任憑他們詛咒,惟願您予以祝福,叫您的僕人喜歡,使我的仇敵蒙羞。
مېنى ئەيىبلىگۈچىلەر خىجالەت بىلەن كىيىنسۇن، ئۇلار ئۆز شەرمەندىلىكىنى ئۆزلىرىگە تون قىلىپ يېپىنسۇن. | 29 |
叫誣告我的人滿被淩辱,他們蒙受恥辱,如被氅裘。
ئاغزىمدا پەرۋەردىگارغا زور تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۈرىمەن؛ بەرھەق، كۆپچىلىك ئارىسىدا تۇرۇپ ئۇنى مەدھىيىلەيمەن؛ | 30 |
我要親口向上主,歌頌,要讚美祂在億萬人中。
چۈنكى ھاجەتمەننىڭ جېنىنى گۇناھقا بېكىتمەكچى بولغانلاردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، [پەرۋەردىگار] ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرىدۇ. | 31 |
因祂站在窮苦人的右邊,拯救他脫離定罪的裁判。