< زەبۇر 107 >
ئاھ، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار! چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر، ئەبەدىيدۇر ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى! | 1 |
여호와께 감사하라 그는 선하시며 그 인자하심이 영원함이로다
پەرۋەردىگار ياۋ قولىدىن قۇتقۇزغانلار، ئۇ ھەمجەمەت بولۇپ قۇتقۇزغان خەلقى بۇنى داۋاملىق بايان قىلسۇن ــ | 2 |
여호와께 구속함을 받은 자는 이같이 말할지어다 여호와께서 대적의 손에서 저희를 구속하사
يەنى ئۇ شەرق بىلەن غەربتىن، شىمال بىلەن جەنۇبتىن، ھەرقايسى يۇرتلاردىن يىغىۋېلىنغانلار بۇنى ئېيتسۇن! | 3 |
동서 남북 각 지방에서부터 모으셨도다
ئۇلار چۆل-باياۋاننى كېزىپ پىنھان يولدا ئاداشتى، ئادەم ماكانلاشقان ھېچبىر شەھەرنى تاپالماستىن. | 4 |
저희가 광야 사막 길에서 방황하며 거할 성을 찾지 못하고
ئاچ ھەمدە ئۇسسۇز بولۇپ، جېنى چىقاي دەپ قالدى. | 5 |
주리고 목마름으로 그 영혼이 속에서 피곤하였도다
ئاندىن پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلدى، ئۇ ئۇلارنى مۇشەققەتلىرىدىن ئازاد قىلدى. | 6 |
이에 저희가 그 근심 중에 여호와께 부르짖으매 그 고통에서 건지시고
ماكانلاشقۇدەك شەھەرگە يەتكۈچە، ئۇ ئۇلارنى تۈز يولدا باشلىدى. | 7 |
또 바른 길로 인도하사 거할 성에 이르게 하셨도다
ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتسۇن! ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئۈچۈن، ئىنسان بالىلىرىغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ئۈچۈن! | 8 |
여호와의 인자하심과 인생에게 행하신 기이한 일을 인하여 그를 찬송할지로다
چۈنكى ئۇ چاڭقىغان كۆڭۈلنى قاندۇردى، ئاچ قالغان جاننى ئېسىل نېمەتلەر بىلەن تولدۇردى. | 9 |
저가 사모하는 영혼을 만족케 하시며 주린 영혼에게 좋은 것으로 채워주심이로다
زۈلمەتتە، ئۆلۈم كۆلەڭگىسىدە ياشىغانلار، تۆمۈر كىشەن سېلىنىپ، ئازاب چەككەنلەرنى بولسا، | 10 |
사람이 흑암과 사망의 그늘에 앉으며 곤고와 쇠사슬에 매임은
(چۈنكى ئۇلار تەڭرىنىڭ ئەمىرلىرىگە قارشىلىق قىلدى، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ نەسىھەتىنى كەمسىتتى) | 11 |
하나님의 말씀을 거역하며 지존자의 뜻을 멸시함이라
ــ ئۇ ئۇلارنى جاپا-مۇشەققەت تارتقۇزۇپ كەمتەر قىلدى، ئۇلار پۇتلىشىپ يىقىلدى، ئۇلارغا ياردەمگە بىرسىمۇ يوق ئىدى. | 12 |
그러므로 수고로 저희 마음을 낮추셨으니 저희가 엎드러져도 돕는 자가 없었도다
ئاندىن پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ پەرياد قىلدى، ئۇ ئۇلارنى مۇشەققەتلىرىدىن ئازاد قىلدى. | 13 |
이에 저희가 그 근심 중에 여호와께 부르짖으매 그 고통에서 구원하시되
ئۇلارنى زۇلمەت ھەم ئۆلۈم سايىسىدىن چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ زەنجىر-ئاسارەتلىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلىدى. | 14 |
흑암과 사망의 그늘에서 인도하여 내시고 그 얽은 줄을 끊으셨도다
ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتسۇن! ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئۈچۈن، ئىنسان بالىلىرىغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ئۈچۈن! | 15 |
여호와의 인자하심과 인생에게 행하신 기이한 일을 인하여 그를 찬송할지로다
مانا ئۇ مىس دەرۋازىلارنى پارە-پارە قىلىپ، تۆمۈر تاقاقلارنى كېسىپ تاشلىدى. | 16 |
저가 놋문을 깨뜨리시며 쇠빗장을 꺾으셨음이로다
ھاماقەتلەر ئۆز ئىتائەتسىزلىك يوللىرىدىن، قەبىھلىكلىرىدىن ئازابلارغا ئۇچرايدۇ؛ | 17 |
미련한 자는 저희 범과와 죄악의 연고로 곤난을 당하매
كۆڭلىدە ھەرخىل ئوزۇق-تۈلۈكتىن بىزار بولۇپ، ئۆلۈم دەرۋازىلىرىغا يېقىنلىشىدۇ. | 18 |
저희 혼이 각종 식물을 싫어하여 사망의 문에 가깝도다
ئاندىن پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ پەرياد قىلىدۇ، ئۇ ئۇلارنى مۇشەققەتلىرىدىن ئازاد قىلىدۇ. | 19 |
이에 저희가 그 근심 중에서 여호와께 부르짖으매 그 고통에서 구원하시되
ئۇ سۆز-كالامىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ساقايتىدۇ، ئۇلارنى زاۋاللىقلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ. | 20 |
저가 그 말씀을 보내어 저희를 고치사 위경에서 건지시는도다
ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتسۇن! ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئۈچۈن، ئادەم بالىلىرىغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ئۈچۈن! | 21 |
여호와의 인자하심과 인생에게 행하신 기이한 일을 인하여 그를 찬송할지로다
قۇربانلىق سۈپىتىدە تەشەككۈرلەر ئېيتسۇن، ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى تەنتەنىلىك ناخشىلار بىلەن بايان قىلسۇن! | 22 |
감사제를 드리며 노래하여 그 행사를 선포할지로다
كېمىلەردە دېڭىزغا چۈشۈپ قاتنىغۇچىلار، ئۇلۇغ سۇلاردا تىرىكچىلىك قىلغۇچىلار، | 23 |
선척을 바다에 띄우며 큰 물에서 영업하는 자는
بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىشلىرىغا گۇۋاھچىدۇر، چوڭقۇر ئوكياندا كۆرسەتكەن كارامەتلەرنى كۆرگۈچىدۇر. | 24 |
여호와의 행사와 그 기사를 바다에서 보나니
چۈنكى ئۇ بىر سۆز بىلەنلا شىددەتلىك شامالنى چىقىرىپ، دولقۇنلىرىنى ئۆركەشلىتىدۇ؛ | 25 |
여호와께서 명하신즉 광풍이 일어나서 바다 물결을 일으키는도다
كېمىچىلەر ئاسمان-پەلەك ئۆرلەيدۇ، سۇلارنىڭ تەھتىلىرىگە چۈشىدۇ، دەھشەتتىن ئۇلارنىڭ جېنى ئېرىپ كېتىدۇ. | 26 |
저희가 하늘에 올랐다가 깊은 곳에 내리니 그 위험을 인하여 그 영혼이 녹는도다
ئۇلار مەست ئادەمدەك ئەلەڭ-سەلەڭ ئىرغاڭلايدۇ، ھەرقانداق ئەقىل-چارىسى تۈگەيدۇ؛ | 27 |
저희가 이리 저리 구르며 취한 자 같이 비틀거리니 지각이 혼돈하도다
ئاندىن پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ پەرياد قىلىدۇ، ئۇ ئۇلارنى مۇشەققەتلىرىدىن ئازاد قىلىدۇ. | 28 |
이에 저희가 그 근심 중에서 여호와께 부르짖으매 그 고통에서 인도하여 내시고
ئۇ بوراننى تىنچىتىدۇ، سۇ دولقۇنلىرىمۇ جىم بولىدۇ. | 29 |
광풍을 평정히 하사 물결로 잔잔케 하시는도다
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تىنچلىقىدىن شادلىنىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى تەشنا بولغان ئارامگاھىغا يېتەكلەپ بارىدۇ. | 30 |
저희가 평온함을 인하여 기뻐하는 중에 여호와께서 저희를 소원의 항구로 인도하시는도다
ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتسۇن! ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئۈچۈن، ئىنسان بالىلىرىغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ئۈچۈن! | 31 |
여호와의 인자하심과 인생에게 행하신 기이한 일을 인하여 그를 찬송할지로다
ئۇلار خەلقنىڭ جامائىتىدىمۇ ئۇنى ئۇلۇغلىسۇن، ئاقساقاللار مەجلىسىدە ئۇنى مەدھىيىلىسۇن. | 32 |
백성의 회에서 저를 높이며 장로들의 자리에서 저를 찬송할지로다
ئۇ دەريالارنى چۆلگە، بۇلاقلارنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىدۇ. | 33 |
여호와께서는 강을 변하여 광야가 되게 하시며 샘으로 마른 땅이 되게 하시며
ئاھالىسىنىڭ يامانلىقى تۈپەيلىدىن، ھوسۇللۇق يەرنى شورلۇق قىلىدۇ. | 34 |
그 거민의 악을 인하여 옥토로 염밭이 되게 하시며
ئۇ يەنە چۆل-باياۋاننى كۆلگە، چاڭقاق يەرنى بۇلاقلارغا ئايلاندۇرىدۇ؛ | 35 |
또 광야를 변하여 못이 되게 하시며 마른 땅으로 샘물이 되게 하시고
ئاچلارنى شۇ يەرگە جايلاشتۇرۇپ، ئۇلار ئولتۇراقلاشقان بىر شەھەرنى بەرپا قىلىدۇ؛ | 36 |
주린 자로 거기 거하게 하사 저희로 거할 성을 예비케 하시고
ئۇلار ئېتىزلارنى ھەيدەپ-تېرىپ، ئۈزۈمزارلارنى بەرپا قىلىدۇ؛ بۇلار ھوسۇل-مەھسۇلاتنى مول بېرىدۇ. | 37 |
밭에 파종하며 포도원을 재배하여 소산을 취케 하시며
ئۇ [پەرۋەردىگار] ئۇلارغا بەرىكەت بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ سانى خېلىلا ئېشىپ بارىدۇ، ئۇ ئۇلارنىڭ مال-ۋارانلىرىنى ھېچ ئازايتمايدۇ. | 38 |
또 복을 주사 저희로 크게 번성케 하시고 그 가축이 감소치 않게 하실지라도
ئۇلار يەنە جەبىر-زۇلۇم، بالا-قازا ھەم دەرد-ئەلەمگە يولۇقۇپ، سانى ئازىيىپ، پۈكۈلىدۇ. | 39 |
다시 압박과 곤란과 우환을 인하여 저희로 감소하여 비굴하게 하시는도다
ئۇ ئېسىلزادىلەر ئۈستىگە كەمسىتىشلىرىنى تۆكىدۇ، يولسىز دەشت-سەھرادا ئۇلارنى سەرگەردان قىلىدۇ؛ | 40 |
여호와께서는 방백들에게 능욕을 부으시고 길 없는 황야에서 유리케 하시나
لېكىن مىسكىن ئادەمنى جەبىر-زۇلۇمدىن يۇقىرى كۆتۈرۈپ ساقلايدۇ، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىنى قوي پادىسىدەك كۆپ قىلىدۇ. | 41 |
궁핍한 자는 곤란에서 높이 드시고 그 가족을 양무리 같게 하시나니
بۇنى كۆڭلى دۇرۇسلار كۆرۈپ شادلىنىدۇ؛ پاسىقلارنىڭ ئاغزى ئېتىلىدۇ. | 42 |
정직한 자는 보고 기뻐하며 모든 악인은 자기 입을 봉하리로다
كىمكى دانا بولسا، بۇلارنى بايقىسۇن، پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-شەپقەتلىرىنى چۈشەنسۇن! | 43 |
지혜 있는 자들은 이 일에 주의하고 여호와의 인자하심을 깨달으리로다