< زەبۇر 106 >
ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار! چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر، ئەبەدىيدۇر ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى. | 1 |
ヱホバをほめたたへヱホバに感謝せよ そのめぐみはふかくその憐憫はかぎりなし
پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك قىلغانلىرىنى كىم سۆزلەپ بېرەلەيدۇ؟ ئۇنىڭ بار شان-شۆھرىتىنى كىم جاكارلاپ بېرەلەيدۇ؟ | 2 |
たれかヱホバの力ある事跡をかたり その讃べきことを悉とくいひあらはし得んや
بەختلىكتۇر ئادالەتنى تۇتقان، دائىم ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزگەن كىشى! | 3 |
審判をまもる人々つねに正義をおこなふ者はさいはひなり
خەلقىڭگە بولغان ھىممىتىڭ بىلەن مېنى ئەسلىگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ نىجاتلىقىڭ بىلەن يېنىمغا كېلىپ خەۋەر ئالغىن! | 4 |
ヱホバよなんぢの民にたまふ惠をもて我をおぼえ なんぢの救をもてわれに臨みたまへ
شۇنىڭ بىلەن، سەن تاللىغانلىرىڭنىڭ بەرىكىتىنى كۆرەي، ئۆز ئېلىڭنىڭ شادلىقى بىلەن شاد بولاي، ئۆز مىراسىڭ [بولغان خەلقىڭ] بىلەن پەخىرلىنىپ، يايراپ يۈرەي! | 5 |
さらば我なんぢの撰びたまへる者のさいはひを見 なんぢの國の歓喜をよろこび なんぢの嗣業とともに誇ることをせん
بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىز قاتارىدا گۇناھ ئۆتكۈزدۇق، قەبىھلىك قىلدۇق، يامانلىق ئەيلىدۇق. | 6 |
われら列祖とともに罪ををかせり 我儕よこしまをなし惡をおこなへり
مىسىردا تۇرغان ئاتا-بوۋىلىرىمىز مۆجىزىلىرىڭنى نەزىرىگە ئالماي، كۆپ مېھرىبانلىقلىرىڭنى ئېسىگە ئالمىدى؛ بەلكى دېڭىزدا، قىزىل دېڭىز بويىدا ئىسيان كۆتۈردى. | 7 |
われらの列祖はなんぢがエジプトにてなしたまへる奇しき事跡をさとらず 汝のあはれみの豊かなるを心にとめず 海のほとり即ち紅海のほとりにて逆きたり
بىراق ئۇ قۇدرىتىمنى نامايان قىلاي دەپ، ئۆز نامى ئۈچۈن ئۇلارنى قۇتقۇزدى. | 8 |
されどヱホバはその名のゆゑをもて彼等をすくひたまへり こは大なる能力をしらしめんとてなり
ئۇنىڭ قىزىل دېڭىزغا تەنبىھ بېرىشى بىلەن، ئۇ قۇپقۇرۇق بولدى؛ خۇددى قاغجىراق چۆللۈكتىن يېتەكلەپ ماڭغاندەك، ئۇ ئۇلارنى دېڭىز تەگلىرىدىن [قۇرۇق] ئۆتكۈزدى. | 9 |
また紅海を叱咤したまひたれば乾きたり かくて民をみちびきて野をゆくがごとくに淵をすぎしめ
ئۇلارنى ئۆچ كۆرگەنلەرنىڭ قولىدىن ھۆرلۈككە چىقاردى، ئۇلارغا ھەمجەمەت بولۇپ دۈشمەن چاڭگىلىدىن قۇتقۇزدى. | 10 |
恨むるものの手よりかれらをすくひ 仇の手よりかれらを贖ひたまへり
ياۋلارنى سۇلار باستى، ئۇلارنىڭ ھېچبىرسى ساق قالمىدى. | 11 |
水その敵をおほひたればその一人だにのこりし者なかりき
شۇندىلا ئۇلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنچ قىلدى؛ ئۇلار ئۇنى كۈيلىدى. | 12 |
このとき彼等そのみことばを信じその頌美をうたへり
ئۇلار ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى شۇنچە تېز ئۇنتۇدى، نەسىھەتىنى كۈتمىدى؛ | 13 |
彼等しばしがほどにその事跡をわすれその訓誨をまたず
بەلكى دالادا ئاچ كۆزلۈككە بالادەك بېرىلدى، چۆل-باياۋاندا تەڭرىنى سىنىدى. | 14 |
野にていたくむさぼり荒野にて神をこころみたりき
شۇڭا ئۇ سورىغىنىنى ئۇلارغا بەردى، بىراق جۈدەتكۈچى بىر كېسەلنى جانلىرىغا تەگكۈزدى. | 15 |
ヱホバはかれらの願欲をかなへたまひしかど その霊魂をやせしめたまへり
ئۇلار بارگاھدا مۇساغا ھەسەت قىلدى، خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىسى ھارۇننىمۇ كۆرەلمىدى. | 16 |
たみは營のうちにてモーセを嫉みヱホパの聖者アロンをねたみしかば
يەر ئېچىلىپ داتاننى يۇتۇۋەتتى، ئابىرامنى ئادەملىرى بىلەن قاپسىۋالدى. | 17 |
地ひらけてダタンを呑みアビラムの黨類をおほひ
ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدا ئوت يېقىلدى؛ يالقۇن رەزىللەرنى كۆيدۈرىۋەتتى. | 18 |
火はこのともがらの中にもえおこり熖はあしき者をやきつくせり
ئۇلار ھورەب تېغىدا موزاي بۇتنى ياسىدى، قۇيما ھەيكەلگە سەجدە قىلىپ، | 19 |
かれらはホレブの山にて犢をつくり鑄たる像ををがみたり
ئۆزلىرىنىڭ پەخىر-شۆھرىتى بولغۇچىنىڭ ئورنىغا، ئوت-چۆپ يەيدىغان ئۆكۈزنىڭ سۈرىتىنى ئالماشتۇردى. | 20 |
かくの如くおのが榮光をかへて草をくらふ牛のかたちに似す
مىسىردا ئۇلۇغ ئىشلارنى كۆرسەتكەن نىجاتكارى تەڭرىنى ئۇلار ئۇنتۇدى. | 21 |
救主なる神はエジプトにて大なるわざをなし
دەرۋەقە، ھام دىيارىدا مۆجىزىلەر ياراتقان، قىزىل دېڭىز بويىدا قورقۇنچلۇق ئىشلارنى كۆرسەتكەن خۇدانى [ئۇنتۇدى]. | 22 |
ハムの地にて奇しき事跡をなし紅海のほとりにて懼るべきことを爲たまへり かれは斯る神をわすれたり
ئۇ ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن دېگەنىدى ــ ئۆز تاللىغىنى مۇسا قەھرىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ئارىچى بولۇپ تىك تۇرمىغان بولسا، ــ دەرۋەقە شۇنداق قىلغان بولار ئىدى. | 23 |
この故にヱホバかれらを亡さんと宣まへり されど神のえらみたまへる者モーセやぶれの間隙にありてその前にたちその烈怒をひきかへして滅亡をまぬかれしめたり
ئۇلار يەنە گۈزەل زېمىننى كەمسىتىپ رەت قىلدى، ئۇنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنمىدى؛ | 24 |
かれら美しき地を蔑しそのみことばを信ぜず
بەلكى چېدىرلىرىدا قاقشاپ يۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىدى. | 25 |
剰さへその幕屋にてつぶやきヱホバの聲をもきかざりき
شۇڭا ئۇ ئۇلارغا قەسەم قىلىپ قول كۆتۈرۈپ: ــ سىلەرنى چۆلدە يىقىتىپ تۈگەشتۈرىمەن ــ | 26 |
この故に手をあげて彼等にむかひたまへり これ野にてかれらを斃れしめんとし
ئەۋلادلىرىڭلارنىمۇ ئەللەر ئارىسىدا يىقىتىپ تۈگەشتۈرۈپ، ياقا يۇرتلار ئارا تارقىتىۋېتىمەن» ــ دېدى. | 27 |
又もろもろの國のうちにてその裔をたふれしめ もろもろの地にかれらを散さんとしたまへるなり
ئۇلار بائال-پېئور بۇتقا ئۆزىنى ئېتىپ چوقۇنۇپ، ئۆلۈكلەرگە ئاتىغان قۇربانلىقلارنى يېدى. | 28 |
彼らはバアルベオルにつきて死るものの祭物をくらひたり
ئۇلار قىلمىشلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى، ئۇلار ئارىسىدا ۋابا قوزغالدى؛ | 29 |
斯のごとくその行爲をもてヱホバの烈怒をひきいだしければえやみ侵しいりたり
فىنىھاس تۇردى-دە، ھۆكۈم يۈرگۈزدى، شۇنىڭ بىلەن ۋابا توسۇلدى؛ | 30 |
そのときピネハスたちて裁判をなせり かくて疫癘はやみぬ
بۇ ئىش [فىنىھاسقا] ھەققانىيەت دەپ ھېسابلاندى، ئۇنىڭ نەسلىگىمۇ ئەۋلادىدىن ئەۋلادىغىچە، ئەبەدىي شۇنداق ھېسابلاندى. | 31 |
ピネハスは萬代までとこしへにこのことを義とせられたり
ئۇلار يەنە [پەرۋەردىگارنى] مېرىباھ سۇلىرى بويىدا غەزەپكە كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن مۇساغىمۇ زەرەر يەتتى؛ | 32 |
民メリバの水のほとりにてヱホバの烈怒をひきおこししかば かれらの故によりてモーセも禍害にあへり
چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ روھىنى تېرىكتۈردى، ئۇنىڭ لەۋلىرى بىخەستىلىكتە گەپ قىلىپ سالدى. | 33 |
かれら神の霊にそむきしかばモーセその口唇にて妄にものいひたればなり
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، [شۇ] يەردىكى قوۋملارنى يوقاتمىدى؛ | 34 |
かれらはヱホバの命じたまへる事にしたがはずしてもろもろの民をほろぼさず
بەلكى يات ئەللەر بىلەن ئارىلىشىپ، ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىنى ئۆگەندى؛ | 35 |
反てもろもろの國人とまじりをりてその行爲にならひ
ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇندى، بۇلار ئۆزلىرىگە بىر تۇزاق بولۇپ چىقتى؛ | 36 |
おのが羂となりしその偶像につかへたり
چۈنكى ئۇلار ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنى سويۇپ، جىنلارغا قۇربانلىققا بېغىشلىدى. | 37 |
かれらはその子女を鬼にささぐ
شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىگۇناھ قاننى، يەنى قانائاندىكى بۇتلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ قېنىنى تۆكتى؛ زېمىنى قانغا بۇلغىنىپ كەتتى. | 38 |
罪なき血すなはちカナンの偶像にささげたる己がむすこむすめの血をながしぬ 斯てくには血にてけがされたり
ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرى بىلەن بۇلغاندى؛ قىلىقلىرى بىلەن پاھىشە ئايالدەك بۇزۇلدى. | 39 |
またそのわざは自己をけがし そのおこなふところは姦淫なり
شۇڭا پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىدىن قاتتىق غەزەپلەندى، ئۇ ئۆز مىراسىدىن يىرگەندى؛ | 40 |
このゆゑにヱホバの怒その民にむかひて起り その嗣業をにくみて
ئۇلارنى يات ئەللەرنىڭ قولىغا بەردى، ئۇلارغا ئۆچمەنلەر ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلدى. | 41 |
かれらをもろもろの國の手にわたしたまへり 彼等はおのれを恨るものに制へられ
دۈشمەنلىرى ئۇلارنى ئەزدى، ئۇلار ياۋ قولى ئاستىدا ئېگىلىپ پۈكۈلدى. | 42 |
おのれの仇にしへたげられ その手の下にうちふせられたり
كۆپ قېتىم [پەرۋەردىگار] ئۇلارنى قۇتقۇزدى؛ بىراق ئۇلار بولسا، ئۆز خاھىشلىرى بىلەن ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلدى، ئۇلار ئۆز قەبىھلىكى بىلەن پەس ھالغا چۈشتى. | 43 |
ヱホバはしばしば助けたまひしかどかれらは謀略をまうけて逆き そのよこしまに卑くせられたり
شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۇلارنىڭ نالە-پەريادىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلارنىڭ جەبىر-جاپالىرىغا ئېتىبار بەردى؛ | 44 |
されどヱホバはかれらの哭聲をききたまひしとき その患難をかへりみ
ھەم ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئەسلىدى، زور مېھىر-شەپقىتى بىلەن، غەزىپىدىن ياندى، | 45 |
その契約をかれらの爲におもひいだし その憐憫のゆたかなるにより聖意をかへさせ給ひて
ئۇ ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغانلارنىڭ قەلبىدە رەھىم ئويغاتتى. | 46 |
かれらを己がとりこにせられたる者どもに憐まるることを得しめたまへり
بىزنى قۇتقۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز! مۇقەددەس نامىڭغا تەشەككۈر ئېيتىشقا، تەنتەنە قىلىپ سېنى مەدھىيىلەشكە، بىزنى ئەللەر ئارىسىدىن يېنىڭغا يىغىۋالغايسەن! | 47 |
われらの神ヱホバよ われらをすくひて列邦のなかより取集めたまへ われらは聖名に謝し なんぢのほむべき事をほこらん
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا، ئەزەلدىن تا ئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! پۈتكۈل خەلق «ئامىن» دېسۇن! ھەمدۇسانا! | 48 |
イスラエルの神ヱホバはとこしへより永遠までほむべきかな すべての民はアーメンととなふべし ヱホバを讃稱へよ