< زەبۇر 103 >
داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر قايتۇر، ئى جېنىم؛ ئى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم، ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىغا تەشەككۈر قايتۇر! | 1 |
Av David. Lova HERREN, min själ, och allt det i mig är hans heliga namn.
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر قايتۇر، ئى جېنىم، ئۇنتۇما ئۇنىڭ بارلىق مېھرىمبانلىق-بەرىكەتلىرىنى؛ | 2 |
Lova HERREN, min själ, och förgät icke vad gott han har gjort,
ئۇ پۈتكۈل قەبىھلىكلىرىڭنى كەچۈرىدۇ، بارلىق كېسەللىرىڭگە داۋا قىلىدۇ؛ | 3 |
han som förlåter dig alla dina missgärningar och helar alla dina brister,
ھاياتىڭنى ھاڭدىن ھۆرلۈككە قۇتقۇزىدۇ، بېشىڭغا مېھىر-مۇھەببەت ھەم رەھىمدىللىقلارنى تاج قىلىپ كىيگۈزىدۇ. | 4 |
han som förlossar ditt liv från graven och kröner dig med nåd och barmhärtighet,
كۆڭلۈڭنى نازۇنېمەتلەر بىلەن قاندۇرىدۇ؛ ياشلىقىڭ بۈركۈتنىڭكىدەك يېڭىلىنىدۇ. | 5 |
han som mättar ditt begär med sitt goda, så att du bliver ung på nytt såsom en örn.
پەرۋەردىگار بارلىق ئېزىلگەنلەر ئۈچۈن ھەققانىيلىق ھەم ئادالەتنى يۈرگۈزىدۇ؛ | 6 |
HERREN gör rättfärdighetens verk och skaffar rätt åt alla förtryckta.
ئۇ ئۆز يوللىرىنى مۇساغا، قىلغانلىرىنى ئىسرائىللارغا نامايان قىلغان. | 7 |
Han lät Mose se sina vägar, Israels barn sina gärningar.
پەرۋەردىگار رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىكتۇر، ئۇ ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدۇ، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى تېشىپ تۇرىدۇ. | 8 |
Barmhärtig och nådig är HERREN, långmodig och stor i mildhet.
ئۇ ئۇزۇنغىچە ئەيىبلەۋەرمەيدۇ، ياكى تا مەڭگۈگە غەزىپىدە تۇرىۋەرمەيدۇ. | 9 |
Han går icke ständigt till rätta och behåller ej vrede evinnerligen.
ئۇ بىزگە گۇناھلىرىمىزغا قارىتا مۇئامىلىدە بولغان ئەمەس، بىزگە قەبىھلىكلىرىمىزگە قارىتا تېگىشلىكىنى ياندۇرغان ئەمەس. | 10 |
Han handlar icke med oss efter våra synder och vedergäller oss icke efter våra missgärningar.
ئاسمان يەردىن قانچىلىك ئېگىز بولسا، ئۇنىڭدىن قورقىدىغانلارغا بولغان مۇھەببىتىمۇ شۇنچىلىك زوردۈر. | 11 |
Ty så hög som himmelen är över jorden, så väldig är hans nåd över dem som frukta honom.
شەرق غەربتىن قانچىلىك يىراقتا بولسا، بىزدىكى ئاسىيلىقلارنىمۇ شۇنچە يىراقلاشتۇردى. | 12 |
Så långt som öster är från väster låter han våra överträdelser vara från oss.
ئاتا بالىلىرىغا قانداق كۆيۈنگەن بولسا، پەرۋەردىگارمۇ ئۆزىدىن قورقىدىغانلارغا شۇنداق مېھرىباندۇر. | 13 |
Såsom en fader förbarmar sig över barnen, så förbarmar sig HERREN över dem som frukta honom.
چۈنكى ئۇ ئۆزى بىزنىڭ جىسمىمىزنى بىلىدۇ، تۇپراقتىن ئىكەنلىكىمىزنى ئۇ ئېسىگە ئالىدۇ. | 14 |
Ty han vet vad för ett verk vi äro, han tänker därpå att vi äro stoft.
ئىنسان بولسا ــ ئۇنىڭ كۈنلىرى ئوت-چۆپكە ئوخشايدۇ، دالادىكى گۈلدەك ئۈنۈپ چىقىپ چېچەكلەيدۇ؛ | 15 |
En människas dagar äro såsom gräset, hon blomstrar såsom ett blomster på marken.
ئۇنىڭ ئۈستىدىن شامال ئۇچۇپ ئۆتىدۇ، ئۇ يوق بولىدۇ، ئەسلىي ماكانىمۇ ئۇنى قايتا تونۇمايدۇ. | 16 |
När vinden går däröver, då är det icke mer, och dess plats vet icke mer därav.
لېكىن ئۆزىدىن قورقىدىغانلارغا، ئۆز ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارغا، كۆرسەتمىلىرىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۇلارنى ئېسىدە تۇتقانلارغا، پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئەزەلدىن ئەبەدگىچە، ھەققانىيىتى ئەۋلادتىن ئەۋلادلىرىگىچىدۇر. | 17 |
Men HERRENS nåd varar från evighet till evighet över dem som frukta honom, och hans rättfärdighet intill barnbarn,
när man håller hans förbund och tänker på hans befallningar och gör efter dem.
پەرۋەردىگار تەختىنى ئەرشتە قۇرغان، ئۇنىڭ سەلتەنىتى ھەممىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ | 19 |
HERREN har ställt sin tron i himmelen, och hans konungavälde omfattar allt.
ئى سۆزىگە قۇلاق سالغۇچى، كالامىنى ئىجرا قىلغۇچى، قۇدرىتى زور بولغان ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار! | 20 |
Loven HERREN, I hans änglar, I starke hjältar, som uträtten hans befallning, så snart I hören ljudet av hans befallning.
ئى سىلەر، ئۇنىڭ بارلىق قوشۇنلىرى، ئىرادىسىنى ئادا قىلغۇچى خىزمەتكارلىرى، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار! | 21 |
Loven HERREN, I alla hans härskaror, I hans tjänare, som uträtten hans vilja.
ئى، ئۇنىڭ بارلىق ياسىغانلىرى، ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى بارلىق جايلاردا پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار! ئى مېنىڭ جېنىم، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر قايتۇر! | 22 |
Loven HERREN, I alla hans verk, varhelst hans herradöme är. Min själ, lova HERREN.