< زەبۇر 102 >
ئېزىلگەننىڭ دۇئاسى: ئۇ ھالىدىن كەتكەندە، داد-پەريادىنى پەرۋەردىگار ئالدىغا تۆككەندە: ــ دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ پەريادىم ئالدىڭغا يېتىپ كىرسۇن! | 1 |
prayer to/for afflicted for to enfeeble and to/for face: before LORD to pour: pour complaint his LORD to hear: hear [emph?] prayer my and cry my to(wards) you to come (in): come
يۈزۈڭنى مەندىن قاچۇرمىغايسەن؛ قىسىلغان كۈنۈمدە ماڭا قۇلاق سالغايسەن؛ مەن نىدا قىلغان كۈندە، ماڭا تېز جاۋاب بەرگىن! | 2 |
not to hide face your from me in/on/with day to distress to/for me to stretch to(wards) me ear your in/on/with day to call: call to to hasten to answer me
مانا، كۈنلىرىم ئىس-تۈتەكتەك تۈگەپ كېتىدۇ، ئۇستىخانلىرىم ئوتۇن-چوغلارغا ئوخشاش كۆيدى! | 3 |
for to end: expend in/on/with smoke day my and bone my like burning to scorch
يۈرىكىم زەخمە يەپ چۆپلەر خازان بولغاندەك قۇرۇپ كەتتى، ھەتتا نېنىمنى يېيىشنى ئۇنتۇدۇم. | 4 |
to smite like/as vegetation and to wither heart my for to forget from to eat food: bread my
مەن ئاھۇ-زار تارتقانلىقىمدىن، ئەتلىرىم سۈڭەكلىرىمگە چاپلىشىپ قالدى. | 5 |
from voice: sound sighing my to cleave bone my to/for flesh my
چۆل-باياۋاندىكى ساقىيقۇشتەك، ۋەيرانچىلىقتا قونۇپ يۈرگەن ھۇۋقۇشقا ئوخشايمەن. | 6 |
to resemble to/for pelican wilderness to be like/as owl desolation
ئۇخلىماي سەگەك تۇرۇپ كۆزەتتىمەن؛ ئۆگزىدە يالغۇز قالغان قۇشقاچ كەبىمەن. | 7 |
to watch and to be like/as bird be alone upon roof
دۈشمەنلىرىم كۈن بويى مېنى مەسخىرە قىلماقتا، مېنى ھاقارەتلىگەنلەر ئىسمىمنى لەنەت ئورنىدا ئىشلەتمەكتە. | 8 |
all [the] day to taunt me enemy my to boast: rave madly me in/on/with me to swear
قەھرىڭ ھەم ئاچچىقىڭ تۈپەيلىدىن، كۈلنى نان دەپ يەۋاتىمەن، ئىچىملىكىمنى كۆز يېشىم بىلەن ئارىلاشتۇرىمەن؛ چۈنكى سەن مېنى كۆتۈرۈپ، ئاندىن يەرگە ئۇردۇڭ. | 9 |
for ashes like/as food: bread to eat and drink my in/on/with weeping to mix
from face: because indignation your and wrath your for to lift: raise me and to throw me
كۈنلىرىم قۇياش ئۇزارتقان كۆلەڭگىدەك يوقۇلاي دەپ قالدى، ئۆزۈم بولسام چۆپلەر خازان بولغاندەك قۇرۇپ كەتتىم. | 11 |
day my like/as shadow to stretch and I like/as vegetation to wither
لېكىن سەن، پەرۋەردىگار، ئەبەدىي تۇرىسەن، سېنىڭ نام-شۆھرىتىڭ دەۋردىن-دەۋرگىچىدۇر. | 12 |
and you(m. s.) LORD to/for forever: enduring to dwell and memorial your to/for generation and generation
سەن ئورنۇڭدىن تۇرىسەن، زىئونغا رەھىم قىلىسەن؛ چۈنكى ئۇنىڭغا شەپقەت كۆرسىتىش ۋاقتى كەلدى، ھە، ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى! | 13 |
you(m. s.) to arise: rise to have compassion Zion for time to/for be gracious her for to come (in): come meeting: time appointed
چۈنكى قۇللىرىڭ ئۇنىڭ تاشلىرىدىن خۇرسەنلىك تاپىدۇ، ھەم تۇپرىقىغىمۇ ئىچىنى ئاغرىتىدۇ؛ | 14 |
for to accept servant/slave your [obj] stone her and [obj] dust her be gracious
ئەللەر پەرۋەردىگارنىڭ نامىدىن، يەر يۈزىدىكى شاھلار شان-شەرىپىڭدىن ئەيمىنىدۇ. | 15 |
and to fear: revere nation [obj] name LORD and all king [the] land: country/planet [obj] glory your
مانا، پەرۋەردىگار زىئوننى قايتىدىن قۇرغاندا، ئۇ ئۆز شان-شەرىپىدە كۆرۈنىدۇ! | 16 |
for to build LORD Zion to see: see in/on/with glory his
ئۇ غېرىب-مىسكىننىڭ دۇئاسىغا ئېتىبار بېرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ھەرگىز كەمسىتمەيدۇ. | 17 |
to turn to(wards) prayer [the] destitute and not to despise [obj] prayer their
بۇلار كەلگۈسى بىر ئەۋلاد ئۈچۈن خاتىرىلىنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن كەلگۈسىدە يارىتىلىدىغان بىر خەلق ياھنى مەدھىيەلەيدۇ؛ | 18 |
to write this to/for generation last and people to create to boast: praise LORD
چۈنكى ئۇ ئەسىرلەرنىڭ ئاھ-زارلىرىنى ئاڭلاي دەپ، ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنى ئازاد قىلاي دەپ، ئېگىزدىكى مۇقەددەس جايىدىن ئېڭىشىپ نەزەر سالدى، ئەرشلەردىن پەرۋەردىگار يەرگە قارىدى؛ | 19 |
for to look from height holiness his LORD from heaven to(wards) land: country/planet to look
to/for to hear: hear groaning prisoner to/for to open son: descendant/people death
شۇنداق قىلىپ، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولايلى دېگەندە، يەنى ئەل-مەملىكەتلەر جەم يىغىلغان ۋاقتىدا ــ پەرۋەردىگارنىڭ نامى زىئوندا، ئۇنىڭ شەرەپلىرى يېرۇسالېمدا جاكارلىنىدۇ! | 21 |
to/for to recount in/on/with Zion name LORD and praise his in/on/with Jerusalem
in/on/with to gather people together and kingdom to/for to serve: minister [obj] LORD
بىراق ئۇ مېنى يولدا ماغدۇرسىزلاندۇرۇپ، كۈنلىرىمنى قىسقارتتى. | 23 |
to afflict in/on/with way: journey (strength my *Q(K)*) be short day my
مەن: «تەڭرىم، ئۆمرۈمنىڭ يېرىمىدا مېنى ئېلىپ كەتمە!» ــ دېدىم. ــ «سېنىڭ يىللىرىڭ دەۋردىن دەۋرگىچىدۇر، | 24 |
to say God my not to ascend: establish me in/on/with half day my in/on/with generation generation year your
سەن يەرنى ئەلمىساقتىنلا بەرپا قىلغانسەن، ئاسمانلارنى ھەم قوللىرىڭ ياسىغاندۇر؛ | 25 |
to/for face: before [the] land: country/planet to found and deed: work hand your heaven
ئۇلار يوق بولۇپ كېتىدۇ، بىراق سەن داۋاملىق تۇرىۋېرىسەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىيىمدەك كونىراپ كېتىدۇ؛ ئۇلارنى كونا تون كەبى ئالماشتۇرساڭ، شۇندا ئۇلار كىيىم-كېچەك يەڭگۈشلەنگەندەك يەڭگۈشلىنىدۇ. | 26 |
they(masc.) to perish and you(m. s.) to stand: stand and all their like/as garment to become old like/as clothing to pass them and to pass
بىراق سەن ئۆزگەرمىگۈچىدۇرسەن، يىللىرىڭنىڭ تامامى يوقتۇر. | 27 |
and you(m. s.) he/she/it and year your not to finish
قۇللىرىڭنىڭ بالىلىرىمۇ تۇرىۋېرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادى ھۇزۇرىڭدا مەزمۇت ياشايدۇ!». | 28 |
son: child servant/slave your to dwell and seed: children their to/for face: before your to establish: establish