< زەبۇر 10 >
نېمىشقا، ئى پەرۋەردىگار، يىراقتا تۇرىسەن؟ نېمىشقا ئازابلىق كۈنلەردە ئۆزۈڭنى يوشۇرىسەن؟ | 1 |
Kungani, Oh Thixo, umela khatshana? Kungani uzifihla ngezikhathi zokuhlupheka?
رەزىل ئادەملەر تەكەببۇرلۇقى بىلەن ئاجىز مۆمىنلەرنى تاپ باستۇرۇپ قوغلاپ يۈرىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرى تاپقان ھىيلىلەر بىلەن ئىلىنىپ، بابلىنىدۇ. | 2 |
Ngobuqholo bakhe umuntu omubi uzingela ababuthakathaka, abayengeka ngamacebo awakhayo.
چۈنكى رەزىللەر ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرى بىلەن ماختىنىدۇ؛ ئاچ كۆزلەر ئۈچۈن بەخت تىلەيدۇ؛ پەرۋەردىگارنى بولسا كۆزىگە ئىلمايدۇ. | 3 |
Uzikhukhumeza ngezinkanuko zenhliziyo yakhe; ubusisa abayizihwaba athuke uThixo.
ئۇلار چىرايىدىن ھاكاۋۇرلۇق ياغدۇرۇپ، خۇدانى ئىزدىمەيدۇ؛ ئۇلار بارلىق خىياللىرىدا: «ھېچبىر خۇدا يوقتۇر!» دەيدۇ. | 4 |
Ngenxa yokuzigqaja kwakhe omubi kamdingi uThixo; kuyo yonke imicabango yakhe akulandawo kaNkulunkulu.
ئۇلارنىڭ يوللىرى ھەمىشە راۋان بولىدۇ؛ سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭ ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن يىراق ۋە ئۈستۈن تۇرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ رەقىبلىرى بولسا، ئۇلارغا قاراپ «تۈفى!» دەپ مازاق قىلىدۇ. | 5 |
Izindlela zakhe ziyaphumelela; uyadelela njalo lemithetho yakho ikhatshana laye aneme lapho ebona izitha zakhe.
[رەزىل ئادەم] كۆڭلىدە: «مەن ھېچ تەۋرەنمەي تۇرىۋېرىمەن! دەۋردىن-دەۋرگە ھېچ مۇشەققەتكە ئۇچرىمايمەن» ــ دەيدۇ. | 6 |
Uthi, “Akulalutho olungangixukuxa; ukuthokoza ngokwami lanini, angiyikufa ngahlupheka.”
ئۇنىڭ ئاغزى قارغاش، ئالدامچىلىق ھەم زۇلۇمغا تولغان؛ تىلى ئاستىدا ئەسكىلىك ۋە قەبىھلىك ياتىدۇ. | 7 |
Umlomo wakhe ugcwele amanga lenhlamba lezithuko; ulimi lwakhe luqukethe uhlupho lobubi.
ئۇ مەھەللىلەردە يوشۇرۇنچە ماراپ ئولتۇرىدۇ؛ ئۇ پىنھان جايلاردا گۇناھسىزلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ؛ كۆزلىرى يوقسۇللارنى كۆزلەيدۇ؛ | 8 |
Ucathama ngaphandle kwemizi; avumbuluke lapho abulale abantu abamsulwa, ahlale ecatheme ekusithekeni.
ئۇ چاتقاللىقىدا ياتقان شىردەك يوشۇرۇنچە پايلاپ ياتىدۇ؛ ئۇ مۆمىنلەرنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن يوشۇرۇنچە ماراپ ياتىدۇ؛ مۆمىنلەرنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنى ئۆز تورىغا چۈشۈرىدۇ. | 9 |
Uyacathama njengesilwane ekusithekeni; ucathamela labo abangelamandla; uyabadumela abahudulele emambuleni akhe.
[يوقسۇللار] ئېزىلىدۇ، پۈكۈلىدۇ؛ دەردمەنلەر ئۇنىڭ ياۋۇزلۇقلىرى بىلەن يىقىلىدۇ. | 10 |
Ababambileyo uyabachoboza baphangalale; uyabawisa ngamandla akhe.
ئۇ كۆڭلىدە: «تەڭرى بۇنى ئۇنتۇپ قالدى، ئۇ يۈزىنى يېپىۋېلىپ، قارىمايدۇ؛ بۇنى ھەرگىز كۆرمەيدۇ» ــ دەيدۇ. | 11 |
Uzitshela athi, “UNkulunkulu usekhohliwe; uyabugubuzela ubuso bakhe angabe esabona.”
ئورنۇڭدىن تۇرغىن، ئى پەرۋەردىگار؛ ئى تەڭرىم، قولۇڭنى كۆتۈرگىن؛ ئېزىلگەن مۆمىنلەرنى ئۇنتۇما! | 12 |
Vuka, Thixo! Phakamisa isandla sakho, Oh Nkulunkulu. Ungabakhohlwa abazihluphekelayo.
رەزىل ئادەم نېمىشقا [سەن] خۇدانى كۆزىگە ئىلمايدۇ؟ ئۇ كۆڭلىدە: «[خۇدا] بۇنى سۈرۈشتۈرمەيدۇ!» ــ دەيدۇ. | 13 |
Kungani umuntu omubi ethuka uNkulunkulu na? Kungani na ezitshela esithi, “Kazukungithonisisa?”
سەن بۇنى كۆرگەنسەن؛ سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن يامانلىق ھەم زۇلۇمنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزۈڭ بۇلارنى كۆزلەپ يۈرىسەن؛ دەردمەنلەر ئۆزلىرىنى ساڭا ئامانەت قىلىدۇ؛ چۈنكى سەن يېتىم-يېسىرلەرگە يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەنسەن؛ | 14 |
Kodwa wena, Oh Nkulunkulu, uyalubona uhlupho losizi; uyakunanzelela ukuze ulamule. Ongelamandla uzilahla kuwe; wena ungumsizi wezintandane.
رەزىل، يامان ئادەمنىڭ بىلىكىنى سۇندۇرۇۋەتكەيسەن؛ ئۇنىڭ رەزىللىكىنى بىرمۇبىر سۈرۈشتۈرۈپ، ئۈزۈل-كېسىل يوقاتقايسەن. | 15 |
Yephula ingalo yomuntu oxhwalileyo; mthonisise ngokuganga kwakhe obekuzahlala kungaziwa.
پەرۋەردىگار ئەبەدىلئەبەدگىچە پادىشاھدۇر؛ [ئىمانسىز] ئەللەر بولسا [پەرۋەردىگارنىڭ] زېمىنىدىن يوقىلار. | 16 |
UThixo ungumbusi kuze kube nini lanini; izizwe zizabhubha elizweni lakhe.
پەرۋەردىگار، سەن ئاجىز مۆمىنلەرنىڭ ئارمانلىرىنى ئاڭلايسەن؛ ئۇلارنىڭ دىلىنى توق قىلىسەن؛ يېتىم-يېسىرلار ۋە ئېزىلگۈچىلەر ئۈچۈن ئادالەتنى ياقلاپ، يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنىڭ [ئاجىز-مۆمىنلەرگە] قايتىدىن ۋەھىمە سالغۇچى بولماسلىقى ئۈچۈن، قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتىسەن. | 17 |
Uyazizwa, Oh Thixo, izifiso zabancindezelweyo; uyabaqinisa, ulalele ukukhala kwabo,
ulamulele izintandane labancindezelweyo, ukuze kuthi umuntu, ongowasemhlabeni, angabe esesabeka futhi.