< پەند-نەسىھەتلەر 1 >
ئىسرائىل پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: ــ | 1 |
以色列王達味之子撒羅滿的箴言:
بۇ پەند-نەسىھەتلەر ساڭا ئەقىل-پاراسەت، ئەدەپ-ئەخلاقنى ئۆگىتىپ، سېنى ئىبرەتلىك سۆزلەرنى چۈشىنىدىغان قىلىدۇ؛ | 2 |
是為教人學習智慧和規律,叫人明瞭哲言,
ساڭا دانالىق، ھەققانىيلىق، پەم-پاراسەت ۋە دۇرۇسلۇقنىڭ يوليورۇق-تەربىيىسىنى قوبۇل قىلدۇرىدۇ. | 3 |
接受明智的教訓--仁義、公平和正直,
بۇ [پەند-نەسىھەتلەر] نادانلارنى زېرەك قىلىپ، ياشلارنى بىلىملىك ۋە سەزگۈر قىلىدۇ؛ | 4 |
使無知者獲得聰明,使年少者獲得知識和慎重,
بۇلارغا قۇلاق سېلىشى بىلەن دانالار بىلىمىنى ئاشۇرىدۇ، يورۇتۇلغان كىشىلەر تېخىمۇ دانا مەسلىھەتكە ئېرىشىدۇ، | 5 |
使智慧者聽了,增加學識;使明達人聽了,汲取智謀,
شۇنداقلا پەند-نەسىھەتلەر ھەم تەمسىللەرنىڭ مەنىسىنى، دانىشمەنلەرنىڭ ھېكمەتلىرى ھەم تىلسىم سۆزلىرىنى چۈشىنىدىغان قىلىنىدۇ. | 6 |
好能明瞭箴言和譬喻,明瞭智者的言論和他們的隱語。
پەرۋەردىگاردىن قورقۇش بىلىمنىڭ باشلىنىشىدۇر؛ ئەخمەقلەر دانالىقنى ۋە تەربىيىنى كۆزگە ئىلمايدۇ. | 7 |
敬畏上主是智慧的肇基;只有愚昧人蔑視智慧和規律。
ئى ئوغلۇم، ئاتاڭنىڭ تەربىيىسىگە قۇلاق سال، ئاناڭنىڭ سۆز-نەسىھەتىدىن ئايرىلما؛ | 8 |
我兒,你應聽你父親的教訓,不要拒絕你母親的指教,
چۈنكى ئۇلار سېنىڭ بېشىڭغا تاقالغان گۈل چەمبىرەك، بوينۇڭغا ئېسىلغان مارجان بولىدۇ. | 9 |
因為這就是你頭上的冠冕,你頸上的珠鏈。
ئى ئوغلۇم، يامانلار سېنى ئازدۇرسا، ئۇلارغا ئەگەشمىگىن. | 10 |
我兒,如果惡人勾引你,你不要聽從;
ئەگەر ئۇلار: ــ يۈر، تۇزاق قۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرەيلى؛ يوشۇرۇنىۋېلىپ، بىرەر بىگۇناھ كەلگەندە ئۇرايلى! | 11 |
如果他們說:「來跟我們去暗算某人,無故地陷害無辜。
تەھتىسارادەك ئۇلارنى يۇتۇۋېتەيلى، ساق بولسىمۇ، ھاڭغا چۈشكەنلەردەك ئۇلارنى يىقىتايلى؛ (Sheol ) | 12 |
我們要像陰府一樣活活地吞下他們,把他們整個吞下去,有如墮入深坑裏的人; (Sheol )
ئۇلاردىن خىلمۇخىل قىممەتلىك مال-دۇنياغا ئىگە بولۇپ، ئۆيلىرىمىزنى ئولجا بىلەن تولدۇرىمىز. | 13 |
這樣,我們必獲得各種珍寶,以贓物充滿我們的房屋。
بىز بىلەن شېرىك بول، ھەميانىمىز بىر بولسۇن، دېسە، ــ | 14 |
你將與我們平分秋色,我們將共有同一錢囊。」
ئى ئوغلۇم، ئۇلارغا يولداش بولما، ئۆزۈڭنى ئۇلارنىڭ ئىزىدىن نېرى قىل! | 15 |
我兒,你不要與他們同流合污,該使你的腳遠離他們的道路,
چۈنكى ئۇلارنىڭ پۇتلىرى رەزىللىككە يۈگۈرىدۇ، قولىنى قان قىلىش ئۈچۈن ئالدىرايدۇ. | 16 |
因為他們雙腳趨向兇惡,急於傾流人血。
ھەرقانداق ئۇچار قانات تۇيۇپ قالغاندا تۇزاق قويۇش بىكار ئاۋارىچىلىكتۇر؛ | 17 |
在一切飛鳥眼前,張設羅網,盡屬徒然。
لېكىن بۇلار دەل ئۆز قېنىنى تۆكۈش ئۈچۈن ساقلايدۇ؛ ئۆز جانلىرىغا زامىن بولۇشنى كۈتىدۇ. | 18 |
其實,他們不外是自流己血,自害己命。
نەپسى يوغىناپ كەتكەن ھەربىر ئادەمنىڭ يوللىرىنىڭ ئاقىۋىتى مانا شۇنداق؛ [ھارام مال-دۇنيا] ئۆز ئىگىلىرىنىڭ جېنىنى ئالىدۇ. | 19 |
這就是謀財害命者的末路:他必要送掉自己的性命。
[بۈيۈك] دانالىق كوچىدا ئوچۇق-ئاشكارا خىتاب قىلماقتا، چوڭ مەيدانلاردا ساداسىنى ئاڭلاتماقتا. | 20 |
智慧在街上吶喊,在通衢發出呼聲;
كوچا دوقمۇشلىرىدا ئادەملەرنى چاقىرماقتا، شەھەر دەرۋازىلىرىدا سۆزلىرىنى جاكارلىماقتا: ــ | 21 |
在熱鬧的街頭呼喚,在城門和市區發表言論:「
ئى ساددىلار، قاچانغىچە مۇشۇنداق نادانلىققا بېرىلىسىلەر؟ مەسخىرە قىلغۇچىلار قاچانغىچە مەسخىرىلىكتىن ھۇزۇر ئالسۇن؟ ئەخمەقلەر قاچانغىچە بىلىمدىن نەپرەتلەنسۇن؟! | 22 |
無知的人,你們喜愛無知;輕狂的人,你們樂意輕狂;愚昧的人,你們憎恨知識,要到何時呢﹖
تەنبىھلىرىمگە قۇلاق سېلىپ ماڭغان يولۇڭلاردىن يانغان بولساڭلار ئىدى! روھىمنى سىلەرگە تۆكۈپ بېرەتتىم، سۆزلىرىمنى سىلەرگە بىلدۈرگەن بولاتتىم. | 23 |
你們應回心聽我的勸告。看,我要向你們傾吐我的心意,使你們瞭解我的言詞。
لېكىن چاقىرسام، ئاڭلىمىدىڭلار؛ قولۇمنى ئۇزارتسام، ھېچقايسىڭلار قارىمىدىڭلار. | 24 |
但是,我呼喚了,你們竟予以拒絕;我伸出了手,誰也沒有理會。
نەسىھەتلىرىمنىڭ ھەممىسىگە پەرۋا قىلمىدىڭلار، تەنبىھىمنى ئاڭلاشنى قىلچە خالىمىدىڭلار. | 25 |
你們既蔑視了我的勸告,沒有接受我的忠言;
شۇڭا، بېشىڭلارغا بالايىقازا كەلگەندە كۈلىمەن، ۋەھىمە سىلەرگە يېتىشى بىلەن مەسخىرە قىلىمەن. | 26 |
因此,你們遭遇不幸時,我也付之一笑;災難臨到你們身上時,我也一笑置之。
ھالاكەت ئېلىپ كەلگەن ۋەھىمە ئۈستۈڭلەرگە چۈشكەندە، ۋەيرانچىلىق سىلەرگە قۇيۇنتازدەك كەلگەندە، سىلەر ئېغىر قايغۇغا ۋە ئازابقا مۇپتىلا بولغىنىڭلاردا ــ | 27 |
當災難如暴風似的襲擊你們,禍害如旋風似的捲去你們,困苦憂患來侵襲你們時,我也置之不顧。
ئۇ چاغدا مۇشۇ كىشىلەر مەندىن ئۆتۈنۈپ چاقىرىدۇ، مەن پەرۋا قىلمايمەن، مېنى تەلمۈرۈپ ئىزدىسىمۇ، تاپالمايدۇ. | 28 |
那時,他們呼求我,我必不答應:他們尋找我,必尋不著我;
ئۇلار بىلىمگە نەپرەتلەنگىنىدىن، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنى تاللىمىغىنىدىن، | 29 |
因為他們憎恨知識,沒有揀選敬畏上主,
مېنىڭ نەسىھىتىمنى قىلچە قوبۇل قىلغۇسى يوقلۇقىدىن، تەنبىھىمگىمۇ پەرۋا قىلمىغىنىڭلاردىن، | 30 |
沒有接受我的勸告,且輕視了我的一切規諫。
ئۇلار ئۆز بېشىنى يەيدۇ، ئۆز قەستلىرىدىن تولۇق ئازاب تارتىدۇ؛ | 31 |
所以他們必要自食其果,飽嘗獨斷獨行的滋味。
چۈنكى ساددىلارنىڭ يولدىن چىقىشى ئۆز جېنىغا زامىن بولىدۇ؛ ئەخمەقلەر راھەتلىك تۇرمۇشىدىن ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ. | 32 |
的確,無知者的執迷不悟殺害了自己;愚昧人的漠不關心斷送了自己。
لېكىن ماڭا قۇلاق سالغانلار ئامان-ئېسەن ياشايدۇ، بالايىقازالاردىن، غەم-ئەندىشلەردىن خالىي بولۇپ، خاتىرجەم تۇرىدۇ. | 33 |
但是,那聽從我的,必得安居,不怕災禍,安享太平。