< پەند-نەسىھەتلەر 9 >
دانالىق ئۆزىگە بىر ئۆي سېلىپ، ئۇنىڭ يەتتە تۈۋرۈكىنى ئورناتتى. | 1 |
智慧建造了房舍,雕琢了七根石柱,
ئۇ ماللىرىنى سويۇپ، ئېسىل شارابلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ، زىياپەت داستىخىنىنى يايدى؛ | 2 |
宰殺了牲畜,配製了美酒,舖設了飯桌,
دېدەكلىرىنى [مېھمان چاقىرىشقا] ئەۋەتتى، ئۆزى شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدا تۇرۇپ: | 3 |
派出自己的使女,在城市高處吶喊:「
«ئى ساددىلار، بۇ يەرگە كېلىڭلار، ــ دەپ چاقىرىۋاتىدۇ؛ نادانلارغا: | 4 |
誰是無知的,請轉身到這裏來! 」她對愚鈍的人說:「
قېنى، نانلىرىمدىن ئېغىز تېگىپ، مەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىغان شارابلاردىن ئىچىڭلار؛ | 5 |
你們來,吃我的食糧,飲我配製的酒!
نادانلار قاتارىدىن چىقىپ، ھاياتقا ئېرىشىڭلار، يورۇقلۇق يولىدا مېڭىڭلار»، ــ دەۋاتىدۇ. | 6 |
你們應放棄無知,好使你們得以生存,並在明智的道路上邁進。」
ھاكاۋۇرلارغا تەنبىھ بەرگۈچى ئاھانەتكە ئۇچرايدۇ، قەبىھلەرنى ئەيىبلىگۈچى ئۆزىگە داغ كەلتۈرىدۇ. | 7 |
誰矯正輕狂的人,只有自招羞辱;誰責斥邪惡的人,只有自找凌辱。
ھاكاۋۇرلارنى ئەيىبلىمە، چۈنكى ئۇ ساڭا ئۆچ بولۇپ قالىدۇ؛ ھالبۇكى، دانا كىشىنى ئەيىبلىسەڭ، ئۇ سېنى سۆيىدۇ. | 8 |
你不要責斥輕狂的人,免得他恨你;卻要責斥明智的人,他必會愛你。
دانا ئادەمگە دەۋەت قىلساڭ، ئەقلى تېخىمۇ تولۇق بولىدۇ؛ ھەققانىي ئادەمگە دۇرۇس يول كۆرسەتسەڭ، بىلىمى تېخىمۇ ئاشىدۇ. | 9 |
你若指教明智的人,他必更明智;你若教訓正義的人,他必更有見識。
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر، مۇقەددەس بولغۇچىنى تونۇش يورۇقلۇقتۇر. | 10 |
敬畏上主是智慧的肇基;認識至聖者就是睿智。
مەن [دانالىق] سەندە بولسام، كۈنلىرىڭنى ئۇزارتىمەن، ئۆمرۈڭنىڭ يىللىرى كۆپىيەر. | 11 |
藉著我,你的歲月纔可增多,你的壽命纔可延長。
سەندە دانالىق بولسا، پايدىنى كۆرىدىغان ئۆزۈڭسەن، دانالىقنى مازاق قىلساڭ زىيان تارتىدىغانمۇ ئۆزۈڭسەن. | 12 |
你若有智慧,你必蒙受其惠;你若是輕狂也只有自食其果。
نادان خوتۇن ئاغزى بىسەرەمجان، ئەقىلسىزدۇر، ھېچنېمە بىلمەستۇر. | 13 |
愚昧太太,浮燥愚蠢,一無所知。
ئۇ ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ، شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدا ئورۇن ئېلىپ، | 14 |
她坐在自家門前,坐在城內高處的座位上,
ئۇدۇل ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارغا: | 15 |
向一往直前的路人喊說:「
«كىمكى ساددا بولسا، بۇ يەرگە كەلسۇن!» ــ دەۋاتىدۇ، ۋە ئەقىلسىزلەرنى: | 16 |
誰是無知的,請轉身到這裏來! 」她向愚鈍的人說:
«ئوغرىلىقچە ئىچكەن سۇ تاتلىق بولىدۇ، ئوغرىلاپ يېگەن نان تەملىك بولىدۇ!» ــ دەپ چارقىۋاتىدۇ. | 17 |
「偷來的水,更香甜;背地吃的餅更有味。」
لېكىن چاقىرىلغۇچى ئۆلۈكلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىدە ياتقانلىقىدىن بىخەۋەردۇر، ئۇنىڭ [بۇرۇنقى] مېھمانلىرىنىڭ ئاللىقاچان تەھتىسارانىڭ تەگلىرىگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇ سەزمەس. (Sheol ) | 18 |
他卻不知冥域正在那裏,她的客人都在陰府的深處。 (Sheol )