< پەند-نەسىھەتلەر 8 >
[قۇلاق سال،] دانالىق چاقىرىۋاتمامدۇ؟ يورۇقلۇق سادا چىقىرىۋاتمامدۇ؟ | 1 |
Doth not wisdom cry aloud, and prudence put forth her voice?
يوللارنىڭ ئېگىز جايلىرىدىن، دوقمۇشلاردىن ئۇ ئورۇن ئالىدۇ، | 2 |
Standing in the top of the highest places by the way, in the midst of the paths.
شەھەرگە كىرىدىغان قوۋۇقلارنىڭ يېنىدا، ھەرقانداق دەرۋازا ئېغىزلىرىدا ئۇ مۇراجىئەت قىلماقتا: ــ | 3 |
Beside the gates of the city, in the very doors she speaketh, saying:
«ئى مۆتىۋەرلەر، سىلەرگە مۇراجئەت قىلىمەن، ھەي، ئادەم بالىلىرى، سادانى سىلەر ئۈچۈن قىلىمەن، | 4 |
O ye men, to you I call, and my voice is to the sons of men.
گۆدەك بولغانلار، زېرەكلىكنى ئۆگىنىۋېلىڭلار، ئەخمەق بولغانلار، يورۇقلۇققا ئېرىشىڭلار! | 5 |
O little ones, understand subtilty, and ye unwise, take notice.
ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، چۈنكى گۈزەل نەرسىلەرنى دەپ بېرىمەن، ئاغزىمنى ئېچىپ، دۇرۇس ئىشلارنى [سىلەرگە] يەتكۈزىمەن. | 6 |
Hear, for I will speak of great things: and my lips shall be opened to preach right things.
ئېيتقانلىرىم ھەقىقەتتۇر، ئاغزىم رەزىللىكتىن نەپرەتلىنىدۇ؛ | 7 |
My mouth shall meditate truth, and my lips shall hate wickedness.
سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى ھەق، ئۇلاردا ھېچقانداق ھىيلىگەرلىك ياكى ئەگىتمىلىك يوقتۇر. | 8 |
All my words are just, there is nothing wicked nor perverse in them.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى چۈشەنگەنلەر ئۈچۈن ئېنىق، بىلىم ئالغانلار ئۈچۈن دۇرۇس-توغرىدۇر. | 9 |
They are right to them that understand, and just to them that find knowledge.
كۈمۈشكە ئېرىشكەندىن كۆرە، نەسىھەتلىرىمنى قوبۇل قىلىڭلار، ساپ ئالتۇننى ئېلىشتىن كۆرە بىلىمنى ئېلىڭلار. | 10 |
Receive my instruction, and not money: choose knowledge rather than gold.
چۈنكى دانالىق لەئەل-ياقۇتلاردىن ئەۋزەل، ھەرقانداق ئەتىۋارلىق نەرسەڭمۇ ئۇنىڭغا تەڭ كەلمەستۇر. | 11 |
For wisdom is better than all the most precious things: and whatsoever may be desired cannot be compared to it.
مەن بولسام دانالىقمەن، زېرەكلىك بىلەن بىللە تۇرىمەن، ئىستىقامەتتىن كېلىپ چىققان بىلىمنى ئايان قىلىمەن. | 12 |
I wisdom dwell in counsel, and am present in learned thoughts.
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ــ يامانلىققا نەپرەتلىنىش دېمەكتۇر؛ تەكەببۇرلۇق، مەغرۇرلۇق، يامان يول ھەم شۇم ئېغىزنى ئۆچ كۆرىمەن. | 13 |
The fear of the Lord hateth evil: I hate arrogance, and pride, and every wicked way, and a mouth with a double tongue.
مەندە ئوبدان مەسلىھەتلەر، پىشقان ھېكمەت بار؛ مەن دېگەن يورۇقلۇق، قۇدرەت مەندىدۇر. | 14 |
Counsel and equity is mine, prudence is mine, strength is mine.
پادىشاھلار مەن ئارقىلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ، مەنسىز ھاكىملار ئادىل ھۆكۈم چىقارماس. | 15 |
By me kings reign, and lawgivers decree just things,
مەن ئارقىلىقلا ئەمىرلەر ئىدارە قىلىدۇ، ئالىيجانابلار، يەر يۈزىدىكى بارلىق سوراقچىلار [توغرا] ھۆكۈم قىلىدۇ. | 16 |
By me princes rule, and the mighty decree justice.
كىمكى مېنى سۆيسە، مەنمۇ ئۇنى سۆيىمەن، مېنى تەلمۈرۈپ ئىزدىگەنلەر مېنى تاپالايدۇ؛ | 17 |
I love them that love me: and they that in the morning early watch for me, shall find me.
مەندە بايلىق، شۆھرەت، ھەتتا كونىرىماس، كۆچمەس دۆلەت ۋە ھەققانىيەتمۇ بار. | 18 |
With me are riches and glory, glorious riches and justice.
مەندىن چىققان مېۋە ئالتۇندىن، ھەتتا ساپ ئالتۇندىن قىممەتلىكتۇر، مەندىن ئالىدىغان دارامەت ساپ كۈمۈشتىنمۇ ئۈستۈندۇر. | 19 |
For my fruit is better than gold and the precious stone, and my blossoms than choice silver.
مەن ھەققانىيەت يولىغا ماڭىمەن؛ ئادالەت يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈرىمەنكى، | 20 |
I walk in the way of justice, in the midst of the paths of judgment,
مېنى سۆيگەنلەرنى ئەمەلىي نەرسىلەرگە مىراس قىلدۇرىمەن؛ ئۇلارنىڭ خەزىنىلىرىنى تولدۇرىمەن. | 21 |
That I may enrich them that love me, and may fill their treasures.
پەرۋەردىگار ئىشلىرىنى باشلىشىدىلا، قەدىمدە ياسىغانلىرىدىن بۇرۇنلا، مەن ئۇنىڭغا تەۋەدۇرمەن. ئەزەلدىن تارتىپلا ــ مۇقەددەمدە، يەر-زېمىن يارىتىلماستىلا، مەن تىكلەنگەنمەن. | 22 |
The Lord possessed me in the beginning of his ways, before he made any thing from the beginning.
I was set up from eternity, and of old before the earth was made.
چوڭقۇر ھاڭلار، دېڭىز-ئوكيانلار ئاپىرىدە بولۇشتىن ئاۋۋال، مەن مەيدانغا چىقىرىلغانمەن؛ مول سۇ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بۇلاقلار بولماستىنلا، | 24 |
The depths were not as yet, and I was already conceived. neither had the fountains of waters as yet sprung out:
ئېگىز تاغلار ئۆز ئورۇنلىرىغا قويۇلماستىنلا، تۆپىلىكلەر شەكىللەنمەستىنلا، [پەرۋەردىگار] بىپايان زېمىن، كەڭ دالالارنى، ئالەمنىڭ ئەسلىيدىكى توپا-چاڭلىرىنىمۇ تېخى ياراتماستىنلا، مەن مەيدانغا چىقىرىلغانمەن. | 25 |
The mountains with their huge bulk had not as yet been established: before the hills I was brought forth:
He had not yet made the earth, nor the rivers, nor the poles of the world.
ئۇ ئاسمانلارنى بىنا قىلىۋاتقىنىدا، دېڭىز يۈزىگە ئۇپۇق سىزىقىنى سىزىۋاتقىنىدا، ئەرشتە بۇلۇتلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، چوڭقۇر دېڭىزدىكى بۇلاق-مەنبەلەرنى مۇستەھكەملەۋاتقىنىدا، دېڭىز سۇلىرىنى بېكىتكەن دائىرىدىن ئېشىپ كەتمىسۇن دەپ پەرمان چۈشۈرىۋاتقىنىدا، بىپايان زېمىننىڭ ئۇللىرىنى قۇرۇۋاتقىنىدا، مەن ئۇ يەردە ئىدىم؛ | 27 |
When he prepared the heavens, I was present: when with a certain law and compass he enclosed the depths:
When he established the sky above, and poised the fountains of waters:
When he compassed the sea with its bounds, and set a law to the waters that they should not pass their limits: when be balanced the foundations of the earth;
شۇ چاغدا گويا ئۇستا بىر ھۈنەرۋەندەك ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغانىدىم، مەن ھەردائىم ئۇنىڭ ئالدىدا شادلىناتتىم، مەن ئۇنىڭ كۈندىلىك دىلئارامى ئىدىم؛ | 30 |
I was with him forming all things: and was delighted every day, playing before him at all times;
مەن ئۇنىڭ ئالىمىدىن، يەر-زېمىنىدىن شادلىنىپ، دۇنيادىكى ئىنسانلاردىن خۇرسەنلىك تېپىپ يۈرەتتىم، | 31 |
Playing in the world: and my delights were to be with the children of men.
شۇڭا ئى بالىلار، ئەمدى ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛ چۈنكى يوللىرىمنى چىڭ تۇتقانلار نەقەدەر بەخت تاپار! | 32 |
Now therefore, ye children, hear me: Blessed are they that keep my ways.
ئالغان نەسىھەتكە ئەمەل قىلىپ، دانا بولغىن، ئۇنى رەت قىلما. | 33 |
Hear instruction and be wise, and refuse it not.
سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، ھەركۈنى دەرۋازىلىرىم ئالدىدىن كەتمەي، ئىشىكلىرىم ئالدىدا مېنى كۈتىدىغان كىشى نەقەدەر بەختلىكتۇر! | 34 |
Blessed is the man that heareth me, and that watcheth daily at my gates, and waiteth at the posts of my doors.
كىمكى مېنى تاپسا ھاياتنى تاپىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ شەپقىتىگە نېسىپ بولىدۇ. | 35 |
He that shall find me, shall find life, and shall have salvation from the Lord:
لېكىن ماڭا گۇناھ قىلغان ھەركىم ئۆز جېنىغا زىيان كەلتۈرىدۇ، مېنى يامان كۆرگەنلەر ئۆلۈمنى دوست تۇتقان بولىدۇ». | 36 |
But he that shall sin against me, shall hurt his own soul. All that hate me love death.