< پەند-نەسىھەتلەر 7 >
ئى ئوغلۇم، سۆزلىرىمگە ئەمەل قىل، تاپشۇرۇقلىرىمنى يۈرىكىڭدە ساقلا. | 1 |
ऐ मेरे बेटे, मेरी बातों को मान, और मेरे फ़रमान को निगाह में रख।
تاپشۇرۇقلىرىمغا ئەمەل قىلساڭ، ياشنايسەن؛ تەلىملىرىمنى كۆز قارىچۇقۇڭنى ئاسرىغاندەك ئاسرا. | 2 |
मेरे फ़रमान को बजा ला और ज़िन्दा रह, और मेरी ता'लीम को अपनी आँख की पुतली जानः
ئۇلارنى بارماقلىرىڭغا تېڭىپ قوي، قەلب تاختاڭغا يېزىۋال. | 3 |
उनको अपनी उँगलियों पर बाँध ले, उनको अपने दिल की तख़्ती पर लिख ले।
دانالىقنى، سەن ھەدە-سىڭلىم، دېگىن، پەم-پاراسەتنى «تۇغقىنىم» دەپ چاقىر. | 4 |
हिकमत से कह, तू मेरी बहन है, और समझ को अपना रिश्तेदार क़रार दे;
شۇنداق قىلساڭ، ئۇلار سېنى يات خوتۇندىن يىراقلاشتۇرىدۇ، ئاغزىدىن سىلىق سۆز چىقىدىغان يوچۇن ئايالدىن نېرى قىلىدۇ. | 5 |
ताकि वह तुझ को पराई 'औरत से बचाएँ, या'नी बेगाना 'औरत से जो चापलूसी की बातें करती है।
[بىر قېتىم] ئۆينىڭ دېرىزە كۆزنەكلىرىدىن تاشقىرىغا قارىغىنىمدا، | 6 |
क्यूँकि मैंने अपने घर की खिड़की से, या'नी झरोके में से बाहर निगाह की,
بىرنەچچە ياش، ساددا يىگىتلەرنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر ئەقىلسىزنى كۆرۈپ قالدىم، | 7 |
और मैंने एक बे'अक़्ल जवान को नादानों के बीच देखा, या'नी नौजवानों के बीच वह मुझे नज़रआया,
ئۇ كوچا بويلاپ بۇزۇق [خوتۇن تۇرۇشلۇق] دوقمۇشتىن ئۆتۈپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. | 8 |
कि उस 'औरत के घर के पास गली के मोड़ से जा रहा है, और उसने उसके घर का रास्ता लिया;
كەچقۇرۇن قاراڭغۇ چۈشكەندە، زۇلمەت كېچە، ئاي قاراڭغۇسىدا [ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتتى]. | 9 |
दिन छिपे शाम के वक़्त, रात के अंधेरे और तारीकी में।
مانا، ئۆيدىن بىر خوتۇن چىقىپ ئۇنى كۈتۈۋالدى؛ كىيىمى پاھىشە ئاياللارنىڭكىدەك بولۇپ، نىيىتى ھىيلە-مىكىر ئىدى. | 10 |
और देखो, वहाँ उससे एक 'औरत आ मिली, जो दिल की चालाक और कस्बी का लिबास पहने थी।
ئاغزى بىشەم-ھاياسىز، ناھايىتى جاھىل بىر خوتۇن، ئۇ ئۆيىدە تۇرمايدۇ، | 11 |
वह गौग़ाई और ख़ुदसर है, उसके पाँव अपने घर में नहीं टिकते;
بىردە مەھەللىدە، بىردە مەيدانلاردا، ئۇ كوچىلاردىكى ھەر دوقمۇشتا پايلاپ يۈرىدۇ. | 12 |
अभी वह गली में है, अभी बाज़ारों में, और हर मोड़ पर घात में बैठती है।
ھېلىقى ياش يىگىتنى تارتىپ، ئۇنى سۆيۈپ، نومۇسسىزلارچە ئۇنىڭغا: ــ | 13 |
इसलिए उसने उसको पकड़ कर चूमा, और बेहया मुँह से उससे कहने लगी,
«ئۆيۈمدە «ئىناقلىق قۇربانلىقى» گۆشى بار، مەن بۈگۈن خۇداغا قەسەم قىلغان قۇربانلىقنى قىلدىم، | 14 |
“सलामती की कु़र्बानी के ज़बीहे मुझ पर फ़र्ज़ थे, आज मैंने अपनी नज्रे़ अदा की हैं।
شۇڭا مەن سىزنى چاقىرغىلى چىقتىم، دىدارىڭىزغا تەلپۈنۈپ ئىزدىدىم. ئەمدى سىزنى تېپىۋالدىم! | 15 |
इसीलिए मैं तेरी मुलाक़ात को निकली, कि किसी तरह तेरा दीदार हासिल करूँ, इसलिए तू मुझे मिल गया।
كارۋىتىمغا مىسىرنىڭ كەشتىلىك، يوللۇق لىباس ياپقۇچلىرىنى ياپتىم. | 16 |
मैंने अपने पलंग पर कामदार गालीचे, और मिस्र के सूत के धारीदार कपड़े बिछाए हैं।
ئورۇن-كۆرپىلىرىمگە خۇش پۇراق مۇرمەككى، مۇئەتتەر ۋە قوۋزاق دارچىنلارنى چاچتىم. | 17 |
मैंने अपने बिस्तर को मुर और ऊद, और दारचीनी से मु'अत्तर किया है।
كېلىڭ، تاڭ ئاتقۇچە مۇھەببەتلىشەيلى، ئويناپ ھۇزۇرلىنايلى، كۆڭلىمىز قانغۇچە ئۆزئارا ئەيش-ئىشرەت قىلايلى، | 18 |
आ हम सुबह तक दिल भर कर इश्क़ बाज़ी करें और मुहब्बत की बातों से दिल बहलाएँ
ئېرىم ئۆيدە يوق، يىراق سەپەرگە چىقىپ كەتتى. | 19 |
क्यूँकि मेरा शौहर घर में नहीं, उसने दूर का सफ़र किया है।
ئۇ بىر ھەميان پۇل ئېلىپ كەتتى، ئاي تولغۇچە ئۇ ئۆيگە كەلمەيدۇ» ــ دېدى. | 20 |
वह अपने साथ रुपये की थैली ले गया; और पूरे चाँद के वक़्त घर आएगा।”
ئايال كۆپ شېرىن سۆزلىرى بىلەن راسا قىزىقتۇردى، چىرايلىق گەپلىرى بىلەن ئۇنى ئەسىر قىلىۋالدى. | 21 |
उसने मीठी मीठी बातों से उसको फुसला लिया, और अपने लबों की चापलूसी से उसको बहका लिया।
سويۇشقا ئېلىپ ماڭغان ئۆكۈزدەك، ھاماقەت كىشى كىشەن بىلەن جازاغا ماڭغاندەك، قىلتاققا چۈشكەن قۇشتەك، يىگىت ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى. جىگىرىنى ئوق تېشىپ ئۆتمىگۇچە، ئۇ بۇ ئىشنىڭ ھاياتىغا زامىن بولىدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەيدۇ. | 22 |
वह फ़ौरन उसके पीछे हो लिया, जैसे बैल ज़बह होने को जाता है; या बेड़ियों में बेवक़ूफ़ सज़ा पाने को।
जैसे परिन्दा जाल की तरफ़ तेज़ जाता है, और नहीं जानता कि वह उसकी जान के लिए है, हत्ता कि तीर उसके जिगर के पार हो जाएगा।
ئى ئوغۇللىرىم، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار، دېگەنلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار، | 24 |
इसलिए अब ऐ बेटो, मेरी सुनो, और मेरे मुँह की बातों पर तवज्जुह करो।
قەلبىڭلارنى بۇنداق خوتۇننىڭ يولىغا كەتكۈزمەڭلار، ئۇنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتمەڭلار. | 25 |
तेरा दिल उसकी राहों की तरफ़ मायल न हो, तू उसके रास्तों में गुमराह न होना;
بۇنداق ئايال نۇرغۇن كىشىلەرنى يىقىتىپ يارىلاندۇرغان، ئۇنىڭ بوغۇزلىغان ئادەملىرى تولىمۇ كۆپتۇر، | 26 |
क्यूँकि उसने बहुतों को ज़ख़्मी करके गिरा दिया है, बल्कि उसके मक़्तूल बेशुमार हैं।
ئۇنىڭ ئۆيى بولسا تەھتىسارانىڭ كىرىش ئېغىزىدۇر، ئادەمنى «ھالاكەت مېھمانخانىسى»غا چۈشۈرۈش يولىدۇر. (Sheol ) | 27 |
उसका घर पाताल का रास्ता है, और मौत की कोठरियों को जाता है। (Sheol )