< پەند-نەسىھەتلەر 7 >

ئى ئوغلۇم، سۆزلىرىمگە ئەمەل قىل، تاپشۇرۇقلىرىمنى يۈرىكىڭدە ساقلا. 1
fili mi custodi sermones meos et praecepta mea reconde tibi
تاپشۇرۇقلىرىمغا ئەمەل قىلساڭ، ياشنايسەن؛ تەلىملىرىمنى كۆز قارىچۇقۇڭنى ئاسرىغاندەك ئاسرا. 2
serva mandata mea et vives et legem meam quasi pupillam oculi tui
ئۇلارنى بارماقلىرىڭغا تېڭىپ قوي، قەلب تاختاڭغا يېزىۋال. 3
liga eam in digitis tuis scribe illam in tabulis cordis tui
دانالىقنى، سەن ھەدە-سىڭلىم، دېگىن، پەم-پاراسەتنى «تۇغقىنىم» دەپ چاقىر. 4
dic sapientiae soror mea es et prudentiam voca amicam tuam
شۇنداق قىلساڭ، ئۇلار سېنى يات خوتۇندىن يىراقلاشتۇرىدۇ، ئاغزىدىن سىلىق سۆز چىقىدىغان يوچۇن ئايالدىن نېرى قىلىدۇ. 5
ut custodiat te a muliere extranea et ab aliena quae verba sua dulcia facit
[بىر قېتىم] ئۆينىڭ دېرىزە كۆزنەكلىرىدىن تاشقىرىغا قارىغىنىمدا، 6
de fenestra enim domus meae per cancellos prospexi
بىرنەچچە ياش، ساددا يىگىتلەرنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر ئەقىلسىزنى كۆرۈپ قالدىم، 7
et video parvulos considero vecordem iuvenem
ئۇ كوچا بويلاپ بۇزۇق [خوتۇن تۇرۇشلۇق] دوقمۇشتىن ئۆتۈپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. 8
qui transit in platea iuxta angulum et propter viam domus illius graditur
كەچقۇرۇن قاراڭغۇ چۈشكەندە، زۇلمەت كېچە، ئاي قاراڭغۇسىدا [ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتتى]. 9
in obscuro advesperascente die in noctis tenebris et caligine
مانا، ئۆيدىن بىر خوتۇن چىقىپ ئۇنى كۈتۈۋالدى؛ كىيىمى پاھىشە ئاياللارنىڭكىدەك بولۇپ، نىيىتى ھىيلە-مىكىر ئىدى. 10
et ecce mulier occurrit illi ornatu meretricio praeparata ad capiendas animas garrula et vaga
ئاغزى بىشەم-ھاياسىز، ناھايىتى جاھىل بىر خوتۇن، ئۇ ئۆيىدە تۇرمايدۇ، 11
quietis inpatiens nec valens in domo consistere pedibus suis
بىردە مەھەللىدە، بىردە مەيدانلاردا، ئۇ كوچىلاردىكى ھەر دوقمۇشتا پايلاپ يۈرىدۇ. 12
nunc foris nunc in plateis nunc iuxta angulos insidians
ھېلىقى ياش يىگىتنى تارتىپ، ئۇنى سۆيۈپ، نومۇسسىزلارچە ئۇنىڭغا: ــ 13
adprehensumque deosculatur iuvenem et procaci vultu blanditur dicens
«ئۆيۈمدە «ئىناقلىق قۇربانلىقى» گۆشى بار، مەن بۈگۈن خۇداغا قەسەم قىلغان قۇربانلىقنى قىلدىم، 14
victimas pro salute debui hodie reddidi vota mea
شۇڭا مەن سىزنى چاقىرغىلى چىقتىم، دىدارىڭىزغا تەلپۈنۈپ ئىزدىدىم. ئەمدى سىزنى تېپىۋالدىم! 15
idcirco egressa sum in occursum tuum desiderans te videre et repperi
كارۋىتىمغا مىسىرنىڭ كەشتىلىك، يوللۇق لىباس ياپقۇچلىرىنى ياپتىم. 16
intexui funibus lectum meum stravi tapetibus pictis ex Aegypto
ئورۇن-كۆرپىلىرىمگە خۇش پۇراق مۇرمەككى، مۇئەتتەر ۋە قوۋزاق دارچىنلارنى چاچتىم. 17
aspersi cubile meum murra et aloe et cinnamomo
كېلىڭ، تاڭ ئاتقۇچە مۇھەببەتلىشەيلى، ئويناپ ھۇزۇرلىنايلى، كۆڭلىمىز قانغۇچە ئۆزئارا ئەيش-ئىشرەت قىلايلى، 18
veni inebriemur uberibus donec inlucescat dies et fruamur cupitis amplexibus
ئېرىم ئۆيدە يوق، يىراق سەپەرگە چىقىپ كەتتى. 19
non est enim vir in domo sua abiit via longissima
ئۇ بىر ھەميان پۇل ئېلىپ كەتتى، ئاي تولغۇچە ئۇ ئۆيگە كەلمەيدۇ» ــ دېدى. 20
sacculum pecuniae secum tulit in die plenae lunae reversurus est domum suam
ئايال كۆپ شېرىن سۆزلىرى بىلەن راسا قىزىقتۇردى، چىرايلىق گەپلىرى بىلەن ئۇنى ئەسىر قىلىۋالدى. 21
inretivit eum multis sermonibus et blanditiis labiorum protraxit illum
سويۇشقا ئېلىپ ماڭغان ئۆكۈزدەك، ھاماقەت كىشى كىشەن بىلەن جازاغا ماڭغاندەك، قىلتاققا چۈشكەن قۇشتەك، يىگىت ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى. جىگىرىنى ئوق تېشىپ ئۆتمىگۇچە، ئۇ بۇ ئىشنىڭ ھاياتىغا زامىن بولىدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەيدۇ. 22
statim eam sequitur quasi bos ductus ad victimam et quasi agnus lasciviens et ignorans quod ad vincula stultus trahatur
23
donec transfigat sagitta iecur eius velut si avis festinet ad laqueum et nescit quia de periculo animae illius agitur
ئى ئوغۇللىرىم، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار، دېگەنلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار، 24
nunc ergo fili audi me et adtende verba oris mei
قەلبىڭلارنى بۇنداق خوتۇننىڭ يولىغا كەتكۈزمەڭلار، ئۇنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتمەڭلار. 25
ne abstrahatur in viis illius mens tua neque decipiaris semitis eius
بۇنداق ئايال نۇرغۇن كىشىلەرنى يىقىتىپ يارىلاندۇرغان، ئۇنىڭ بوغۇزلىغان ئادەملىرى تولىمۇ كۆپتۇر، 26
multos enim vulneratos deiecit et fortissimi quique interfecti sunt ab ea
ئۇنىڭ ئۆيى بولسا تەھتىسارانىڭ كىرىش ئېغىزىدۇر، ئادەمنى «ھالاكەت مېھمانخانىسى»غا چۈشۈرۈش يولىدۇر. (Sheol h7585) 27
viae inferi domus eius penetrantes interiora mortis (Sheol h7585)

< پەند-نەسىھەتلەر 7 >