< پەند-نەسىھەتلەر 6 >
ئى ئوغلۇم، ئەگەر دوستۇڭغا بورۇن بولغان بولساڭ، يات كىشىنىڭ قەرزىنى تۆلەشكە قول بېرىشىپ ۋەدە بەرگەن بولساڭ، | 1 |
Moj sin, če si pôrok za svojega prijatelja, če si udaril svojo roko s tujcem,
ئەگەر ئۆز سۆزۈڭدىن ئىلىنغان بولساڭ، ئۆز ۋەدەڭ بىلەن باغلىنىپ قالساڭ، | 2 |
si ulovljen z besedami svojih ust, si vzet z besedami svojih ust.
ئۇ يېقىنىڭنىڭ قولىغا چۈشكەنلىكىڭ ئۈچۈن، ئامال قىلىپ ئۆزۈڭنى ئۇنىڭدىن قۇتقۇز ــ دەرھال يېقىنىڭنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆزۈڭنى كەمتەر تۇتۇپ [شۇ ئىشتىن] خالىي قىلىشىنى ئۆتۈنۈپ سورا. | 3 |
Sedaj stôri to, moj sin in se osvobodi, ko si prišel v roko svojega prijatelja. Pojdi, ponižaj se in prepričaj svojega prijatelja.
جەرەن شىكارچىنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشقاندەك، قۇش ئوۋچىنىڭ قولىدىن چىقىشقا تىرىشقاندەك، قۇتۇلمىغۇچە ئۇخلاپ ياتما، ھەتتا ئۈگدەپ ئاراممۇ ئالما. | 4 |
Ne daj spanja svojim očem niti dremanja svojim vekam.
Osvobodi se kakor srna pred lovčevo roko in kakor ptica pred ptičarjevo roko.
ئى ھۇرۇن، چۆمۈلىنىڭ يېنىغا بېرىپ [ئۇنىڭدىن ئۆگەن]، ئۇنىڭ تىرىكچىلىك يوللىرىغا قاراپ دانا بول. | 6 |
Pojdi k mravlji, ti lenuh, preudari njene poti in bodi moder,
ئۇلارنىڭ باشلىقى، ئەمەلدارى، ھۆكۈمدارى يوق بولسىمۇ، | 7 |
ki nima ne vodnika, ne nadzornika ali ne vladarja,
لېكىن ئۇلار يازدا يىلنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئاش توپلىۋالىدۇ، ھوسۇل پەسلىدە ئوزۇق تەييارلىۋالىدۇ. | 8 |
svojo hrano si pripravlja poleti in svojo hrano zbira na žetvi.
ئى ھۇرۇن، قاچانغىچە ئۇخلاپ ياتىسەن؟ قاچان ئورنۇڭدىن تۇرىسەن؟ | 9 |
Doklej boš spal, oh lenuh? Kdaj boš vstal iz svojega spanja?
سەن: ــ بىردەم كۆز يۇمۇۋالاي، بىردەم ئۇخلىۋالاي، بىردەم قولۇمنى قوشتۇرۇپ يېتىۋالاي، ــ دەيسەن. | 10 |
Še malo spanja, malo dremanja, malo prekrižanih rok za spanje,
لېكىن ئۇخلاپ ياتقاندا، مىسكىنلىك قاراقچىدەك كېلىپ سېنى باسىدۇ، يوقسۇللۇق خۇددى قوراللىق بۇلاڭچىدەك ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. | 11 |
tako bo tvoja revščina prišla kakor nekdo, ki se klati in tvoje pomanjkanje kakor oborožen človek.
ئەرزىمەس، پەيلى بۇزۇق ئادەم ھەممىلا يەردە يالغان ئېيتىپ، پەسلىكنى سۆزلەيدۇ. | 12 |
Nespodobna oseba, zloben človek, ki hodi s kljubovalnimi usti,
ئۇ كۆز قىسىپ، پۇتلىرى بىلەن ئىشارە قىلىپ، بارماقلىرى بىلەن كۆرسىتىدۇ؛ | 13 |
mežika s svojimi očmi, govori s svojimi stopali, uči s svojimi prsti.
كۆڭلىدە ئالدامچىلىقلا ياتىدۇ، ئۇ دائىم رەزىللىكنىڭ كويىدا بولىدۇ، ھەممىلا يەردە جېدەل-ماجىرا تېرىيدۇ. | 14 |
Kljubovalnost je v njegovem srcu, nenehno snuje vragolijo, seje neenotnost.
شۇڭا ئۇنىڭغا بېكىتىلگەن بالايىقازا ئۇنى تۇيۇقسىز باسىدۇ، ئۇ بىراقلا داۋالىغۇسىز يانجىلىدۇ. | 15 |
Zato bo njegova katastrofa prišla nenadoma, nenadoma bo zlomljen brez zdravila.
پەرۋەردىگار نەپرەتلىنىدىغان ئالتە نەرسە بار، بەرھەق، يەتتە نەرسە ئۇنىڭغا يىرگىنچلىكتۇر. | 16 |
Teh šest stvari sovraži Gospod; da, sedem mu jih je ogabnost:
ئۇلار بولسا، تەكەببۇرلۇق بىلەن قارايدىغان كۆز، يالغان سۆزلەيدىغان تىل، بىگۇناھلارنىڭ قېنىنى تۆكۈزىدىغان قول، | 17 |
ponosen pogled, lažniv jezik in roke, ki prelijejo nedolžno kri,
سۇيىقەست ئويلايدىغان كۆڭۈل، يامانلىق قىلىشقا تېز يۈگۈرەيدىغان پۇتلار، | 18 |
srce, ki snuje zlobne zamisli, stopala, ki so nagla v teku k vragoliji,
يالغان سۆزلەيدىغان ساختا گۇۋاھچى، بۇرادەر-قېرىنداشلىرى ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سالغۇچى كىشىدۇر. | 19 |
kriva priča, ki govori laži in kdor seje neenotnost med brati.
ئى ئوغلۇم، ئاتاڭنىڭ ئەمرىگە ئەمەل قىل؛ ئاناڭنىڭ كۆرسەتمىسىدىن چىقما. | 20 |
Moj sin, drži se zapovedi svojega očeta in ne zapusti postave svoje matere.
ئۇلارنىڭ سۆزىنى قەلبىڭگە تېڭىپ، ئۇلارنى بوينۇڭغا مارجاندەك قىلىپ ئېسىۋال. | 21 |
Nenehno si ju privezuj na svoje srce in zavezuj si ju okoli svojega vratu.
يولغا چىققىنىڭدا ئۇلار سېنى يېتەكلەيدۇ، ئۇخلىغىنىڭدا ئۇلار سېنى ساقلايدۇ، ئۇيقۇدىن ئويغانغىنىڭدا ئۇلار سېنى خەۋەرلەندۈرىدۇ. | 22 |
Kadar greš, te bo vodila, kadar spiš, te bo obvarovala in kadar se zbudiš, se bo pogovarjala s teboj.
چۈنكى [خۇدانىڭ] پەرمانى يورۇق چىراغ، ئۇنىڭ مۇقەددەس قانۇنى نۇردۇر؛ تەربىيەنىڭ تەنبىھلىرى بولسا ھاياتلىق يولىدۇر. | 23 |
Kajti zapoved je svetilka; in postava je svetloba in graje poučevanja so pot življenja,
ئۇلار سېنى بۇزۇق خوتۇندىن ساقلىغۇچى، يات خوتۇننىڭ شېرىن سۆزلىرىدىن يىراق قىلغۇچىدۇر. | 24 |
da te obvarujejo pred zlo žensko, pred priliznjenim jezikom tuje ženske.
ئۇنىڭ گۇزەللىكىگە كۆڭلۈڭنى باغلىمىغىن، ئۇنىڭ قاش-كۆز ئوينىتىشى سېنى ئەسىرگە ئالمىسۇن. | 25 |
V svojem srcu si ne požêli njene lepote niti naj te ona ne ujame s svojimi vekami.
چۈنكى بۇزۇق ئاياللار تۈپەيلىدىن ئادەملەر بىر پارچە نانغىمۇ زار بولىدۇ، يات ئادەمنىڭ [زىناخور] ئايالى بولسا كىشىنىڭ قىممەتلىك جېنىنى ئۆزىگە ئوۋ قىلىۋالىدۇ. | 26 |
Kajti s pomočjo vlačugarske ženske je mož priveden do koščka kruha in zakonolomka bo lovila dragoceno življenje.
ئوتنى قوينۇڭغا سالساڭ، ئۆز كىيىمىڭنى كۆيدۈرمەمسەن؟ | 27 |
Mar lahko človek vzame ogenj v svoje naročje in njegova oblačila ne bodo ožgana?
چوغنىڭ ئۈستىدە دەسسەپ ماڭساڭ پۇتۇڭنى كۆيدۈرمەمسەن؟ | 28 |
Mar lahko kdo hodi po žerjavici in njegova stopala ne bodo opečena?
باشقىلارنىڭ ئايالى بىلەن بىر ئورۇندا ياتىدىغان كىشى شۇنداق بولىدۇ؛ كىم ئۇنىڭغا تېگىپ كەتسە ئاقىۋىتىدىن قۇتۇلالمايدۇ. | 29 |
Tako kdor hodi k ženi svojega soseda, kdorkoli se je dotika, ne bo nedolžen.
ئاچ قالغاندا قورسىقىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن ئوغرىلىق قىلغان كىشىنى باشقىلار كەمسىتمەيدۇ؛ | 30 |
Ljudje ne prezirajo tatu, če krade, da zadovolji svojo dušo, kadar je lačen,
شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ تۇتۇلۇپ قالسا، ئىگىسىگە يەتتىنى تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ؛ ئۇ ئۆز ئۆيىدىكى ھەممە نەرسىسىنى تاپشۇرىدۇ. | 31 |
toda če je najden, naj povrne sedemkratno; izročil bo vse imetje svoje hiše.
ھالبۇكى، باشقىلارنىڭ خوتۇنى بىلەن زىنا قىلغۇچى ئۇنىڭدىنمۇ [بەتتەر بولۇپ]، تولىمۇ غەپلەتلىكتۇر؛ ئۇنداق قىلغۇچى ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ. | 32 |
Toda kdorkoli z žensko zagreši zakonolomstvo, nima razumevanja. Tisti, ki to počne, uničuje svojo lastno dušo.
ئۇ زەخمەت يەيدۇ، شەرمەندە بولىدۇ، ئۇنىڭ رەسۋاسى ھېچ ئۆچۈرۈلمەيدۇ. | 33 |
Prejel bo rano in nečast in njegova graja ne bo izbrisana.
چۈنكى كۈنلەش ئوتى ئەرنى دەرغەزەپكە كەلتۈرىدۇ، ئىنتىقام ئالغان كۈنىدە ئۇ ھېچ رەھىم قىلمايدۇ. | 34 |
Kajti ljubosumje je bes moškega, zato ne bo prizanesel na dan maščevanja.
تۆلەم پۇلى بېرەي دېسەڭمۇ ئۇ قوبۇل قىلمايدۇ، ھەرقانچە سوۋغا-سالام بەرسەڭمۇ ئۇنى بېسىقتۇرغىلى بولمايدۇ. | 35 |
Ne bo se ozrl na kakršnokoli odkupnino niti ne bo zadovoljen počival, čeprav mu daješ mnogo daril.