< پەند-نەسىھەتلەر 5 >

ئى ئوغلۇم، دانالىقىمغا كۆڭۈل قويغىن، ئىدراكلىك سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغىن. 1
I oƣlum, danaliⱪimƣa kɵngül ⱪoyƣin, Idraklik sɵzlirimgǝ ⱪulaⱪ salƣin.
شۇنداق قىلغىنىڭدا ئىشقا سەزگۈرلۈك بىلەن قارايدىغان بولىسەن، لەۋلىرىڭ پەم-پاراسەتتىن ئايرىلمايدۇ. 2
Xundaⱪ ⱪilƣiningda ixⱪa sǝzgürlük bilǝn ⱪaraydiƣan bolisǝn, Lǝwliring pǝm-parasǝttin ayrilmaydu.
چۈنكى بۇزۇق خوتۇننىڭ ئاغزىدىن ھەسەل تامىدۇ، لەۋلىرى زەيتۇن يېغىدىن سىلىقتۇر؛ 3
Qünki buzuⱪ hotunning aƣzidin ⱨǝsǝl tamidu, Lǝwliri zǝytun yeƣidin siliⱪtur;
لېكىن ئۇنىڭ ئاقىۋىتى كەكرىدەك ئاچچىق، ئىككى بىسلىق قىلىچتەك ئۆتكۈر. 4
Lekin uning aⱪiwiti kǝkridǝk aqqiⱪ, Ikki bisliⱪ ⱪiliqtǝk ɵtkür.
ئۇنىڭ قەدەملىرى ئۆلۈم گىرداۋىغا ئېلىپ بارىدۇ، تۇتقان يولى گۆرگە باشلايدۇ. (Sheol h7585) 5
Uning ⱪǝdǝmliri ɵlüm girdawiƣa elip baridu, Tutⱪan yoli gɵrgǝ baxlaydu. (Sheol h7585)
ھاياتلىق يولىنى قىلچە بىلگۈم يوق دەپ، باسقان قەدەملىرى تۇراقسىز بولىدۇ، نەگە بارىدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەيدۇ. 6
Ⱨayatliⱪ yolini ⱪilqǝ bilgüm yoⱪ dǝp, Basⱪan ⱪǝdǝmliri turaⱪsiz bolidu, Nǝgǝ baridiƣanliⱪini ⱨeq bilmǝydu.
شۇڭا، ئى ئوغۇللىرىم، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار، مېنىڭ دېگەنلىرىمدىن چىقماڭلار. 7
Xunga, i oƣullirim, sɵzlirimni kɵngül ⱪoyup anglanglar, Mening degǝnlirimdin qiⱪmanglar.
ئۇنداق خوتۇندىن يىراق قاچ! ئىشىكى ئالدىغىمۇ يېقىن يولىما! 8
Undaⱪ hotundin yiraⱪ ⱪaq! Ixiki aldiƣimu yeⱪin yolima!
بولمىسا، ئىززەت-ئابرۇيۇڭنى باشقىلارغا تۇتقۇزۇپ قويىسەن، [ياشلىق] يىللىرىڭنى رەھىمسىزلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىسەن! 9
Bolmisa, izzǝt-abruyungni baxⱪilarƣa tutⱪuzup ⱪoyisǝn, [Yaxliⱪ] yilliringni rǝⱨimsizlǝrning ⱪoliƣa tapxurisǝn!
يات ئادەملەر بايلىقلىرىڭ بىلەن ئۆزىنى تولدۇرىدۇ، جاپالىق ئەجىرلىرىڭنىڭ مېۋىسى ياقا يۇرتلۇقنىڭ ئۆيىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ؛ 10
Yat adǝmlǝr bayliⱪliring bilǝn ɵzini tolduridu, Japaliⱪ ǝjirliringning mewisi yaⱪa yurtluⱪning ɵyigǝ ɵtüp ketidu;
ئەجىلىڭدە نالە-پەرياد كۆتۈرگىنىڭدە، ئەزايى-بەدىنىڭ يەم بولغاندا، 11
Əjilingdǝ nalǝ-pǝryad kɵtürginingdǝ, Əzayi-bǝdining yǝm bolƣanda,
شۇ چاغدا سەن: ــ «ئاھ، نەسىھەتلەردىن نېمانچە نەپرەتلەنگەندىمەن! كۆڭلۈمدە تەنبىھلەرنى نېمانچە كەمسىتكەندىمەن! 12
Xu qaƣda sǝn: — «Aⱨ, nǝsiⱨǝtlǝrdin nemanqǝ nǝprǝtlǝngǝndimǝn! Kɵnglümdǝ tǝnbiⱨlǝrni nemanqǝ kǝmsitkǝndimǝn!
نېمىشقا ئۇستازلىرىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغاندىمەن؟ ماڭا تەربىيە بەرگەنلەرگە قۇلاق سالمىغاندىمەن؟ 13
Nemixⱪa ustazlirimning sɵzini anglimiƣandimǝn? Manga tǝrbiyǝ bǝrgǝnlǝrgǝ ⱪulaⱪ salmiƣandimǝn?
جەمئىيەتتىمۇ، جامائەت ئالدىدىمۇ ھەرخىل نومۇسقا قالغاندەك بولدۇم!» ــ دەپ قالىسەن. 14
jǝmiyǝttimu, jamaǝt aldidimu ⱨǝrhil nomusⱪa ⱪalƣandǝk boldum!» — dǝp ⱪalisǝn.
ئۆزۈڭنىڭ كۆلچىكىڭدىكى سۇنى ئىچكىن، ئۆز بۇلىقىڭدىن ئېقىۋاتقان سۇدىن ھۇزۇرلان. 15
Ɵzüngning kɵlqikingdiki suni iqkin, Ɵz buliⱪingdin eⱪiwatⱪan sudin ⱨuzurlan.
بۇلاقلىرىڭ ئۇرغۇپ ھەر يەرگە تارقىلىپ كەتسە [بولامدۇ]؟ ئېرىقلىرىڭدىكى سۇلار كوچىلاردا ئېقىپ يۈرسە بولامدۇ؟ 16
Bulaⱪliring urƣup ⱨǝr yǝrgǝ tarⱪilip kǝtsǝ [bolamdu]? Eriⱪliringdiki sular koqilarda eⱪip yürsǝ bolamdu?
بۇلار ساڭىلا خاس بولسۇن، يات كىشىلەرگە تەگمىسۇن! 17
Bular sangila has bolsun, Yat kixilǝrgǝ tǝgmisun!
بۇلىقىڭ بەخت-بەرىكەتلىك بولغاي! ياشلىقىڭدا ئالغان خوتۇنۇڭ بىلەن ھۇزۇرلان. 18
Buliⱪing bǝht-bǝrikǝtlik bolƣay! Yaxliⱪingda alƣan hotunung bilǝn ⱨuzurlan.
ئۇ چىشى كېيىكتەك چىرايلىق! جەرەندەك سۆيۈملۈك! ئۇنىڭ باغرىدىن ھەمىشە قانائەتتە بولغايسەن، ئۇنىڭ قايناق مۇھەببىتىدىن دائىم خۇشاللىققا پاتقايسەن. 19
U qixi keyiktǝk qirayliⱪ! Jǝrǝndǝk sɵyümlük! Uning baƣridin ⱨǝmixǝ ⱪanaǝttǝ bolƣaysǝn, Uning ⱪaynaⱪ muⱨǝbbitidin daim huxalliⱪⱪa patⱪaysǝn.
ئى ئوغلۇم، نېمىشقا يات ئايالغا شەيدا بولىسەن؟ نېمىشقا يات خوتۇننىڭ قوينىغا ئۆزۈڭنى ئاتىسەن؟ 20
I oƣlum, nemixⱪa yat ayalƣa xǝyda bolisǝn? Nemixⱪa yat hotunning ⱪoyniƣa ɵzüngni atisǝn?
چۈنكى ئىنساننىڭ ھەممە قىلغانلىرى پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدا ئاشكارىدۇر، ئۇ ئۇنىڭ ھەممە ماڭغان يوللىرىنى تارازىغا سېلىپ تۇرىدۇ. 21
Qünki insanning ⱨǝmmǝ ⱪilƣanliri Pǝrwǝrdigarning kɵz aldida axkaridur, U uning ⱨǝmmǝ mangƣan yollirini taraziƣa selip turidu.
يامان ئادەمنىڭ ئۆز قەبىھلىكلىرى ئۆزىنى تۇزاققا چۈشۈرىدۇ، ئۇ ئۆز گۇناھى بىلەن سىرتماققا ئېلىنىدۇ. 22
Yaman adǝmning ɵz ⱪǝbiⱨlikliri ɵzini tuzaⱪⱪa qüxüridu, U ɵz gunaⱨi bilǝn sirtmaⱪⱪa elinidu.
ئۇ يوليورۇقتىن مەھرۇم بولغانلىقىدىن جېنىدىن ئايرىلىدۇ، چېكىدىن ئاشقان ھاماقەتلىكى تۈپەيلىدىن يولدىن ئېزىپ كېتىدۇ. 23
U yolyoruⱪtin mǝⱨrum bolƣanliⱪidin jenidin ayrilidu, Qekidin axⱪan ⱨamaⱪǝtliki tüpǝylidin yoldin ezip ketidu.

< پەند-نەسىھەتلەر 5 >