< پەند-نەسىھەتلەر 5 >
ئى ئوغلۇم، دانالىقىمغا كۆڭۈل قويغىن، ئىدراكلىك سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغىن. | 1 |
My son, attend to my wisdom. And bow thine ear to my understanding;
شۇنداق قىلغىنىڭدا ئىشقا سەزگۈرلۈك بىلەن قارايدىغان بولىسەن، لەۋلىرىڭ پەم-پاراسەتتىن ئايرىلمايدۇ. | 2 |
That thou mayest keep discretion, And that thy lips may preserve knowledge!
چۈنكى بۇزۇق خوتۇننىڭ ئاغزىدىن ھەسەل تامىدۇ، لەۋلىرى زەيتۇن يېغىدىن سىلىقتۇر؛ | 3 |
Truly, the lips of a strange woman drop honey, And her mouth is smoother than oil;
لېكىن ئۇنىڭ ئاقىۋىتى كەكرىدەك ئاچچىق، ئىككى بىسلىق قىلىچتەك ئۆتكۈر. | 4 |
But her end is bitter as wormwood, Sharp as a two-edged sword.
ئۇنىڭ قەدەملىرى ئۆلۈم گىرداۋىغا ئېلىپ بارىدۇ، تۇتقان يولى گۆرگە باشلايدۇ. (Sheol ) | 5 |
Her feet go down to death; Her steps lay hold of the under-world. (Sheol )
ھاياتلىق يولىنى قىلچە بىلگۈم يوق دەپ، باسقان قەدەملىرى تۇراقسىز بولىدۇ، نەگە بارىدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەيدۇ. | 6 |
That she may not ponder the way of life, Her paths waver when she heedeth it not.
شۇڭا، ئى ئوغۇللىرىم، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار، مېنىڭ دېگەنلىرىمدىن چىقماڭلار. | 7 |
Hear me now, therefore, O children! And turn not away from the words of my mouth!
ئۇنداق خوتۇندىن يىراق قاچ! ئىشىكى ئالدىغىمۇ يېقىن يولىما! | 8 |
Remove thy way far from her. And come not nigh the door of her house:
بولمىسا، ئىززەت-ئابرۇيۇڭنى باشقىلارغا تۇتقۇزۇپ قويىسەن، [ياشلىق] يىللىرىڭنى رەھىمسىزلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىسەن! | 9 |
Lest thou give thy bloom to others, And thy years to a cruel one;
يات ئادەملەر بايلىقلىرىڭ بىلەن ئۆزىنى تولدۇرىدۇ، جاپالىق ئەجىرلىرىڭنىڭ مېۋىسى ياقا يۇرتلۇقنىڭ ئۆيىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ؛ | 10 |
Lest strangers be filled with thy wealth, And thine earnings be in the house of an alien;
ئەجىلىڭدە نالە-پەرياد كۆتۈرگىنىڭدە، ئەزايى-بەدىنىڭ يەم بولغاندا، | 11 |
And lest thou mourn in thy latter end. When thy flesh and thy body are consumed,
شۇ چاغدا سەن: ــ «ئاھ، نەسىھەتلەردىن نېمانچە نەپرەتلەنگەندىمەن! كۆڭلۈمدە تەنبىھلەرنى نېمانچە كەمسىتكەندىمەن! | 12 |
And say, “How have I hated instruction! And how hath my heart despised reproof!
نېمىشقا ئۇستازلىرىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغاندىمەن؟ ماڭا تەربىيە بەرگەنلەرگە قۇلاق سالمىغاندىمەن؟ | 13 |
I have not obeyed the voice of my teachers, Nor inclined mine ear to my instructors;
جەمئىيەتتىمۇ، جامائەت ئالدىدىمۇ ھەرخىل نومۇسقا قالغاندەك بولدۇم!» ــ دەپ قالىسەن. | 14 |
I have well-nigh fallen into utter misery; In the midst of the congregation and the assembly.”
ئۆزۈڭنىڭ كۆلچىكىڭدىكى سۇنى ئىچكىن، ئۆز بۇلىقىڭدىن ئېقىۋاتقان سۇدىن ھۇزۇرلان. | 15 |
Drink water out of thine own cistern. And running water out of thine own well:
بۇلاقلىرىڭ ئۇرغۇپ ھەر يەرگە تارقىلىپ كەتسە [بولامدۇ]؟ ئېرىقلىرىڭدىكى سۇلار كوچىلاردا ئېقىپ يۈرسە بولامدۇ؟ | 16 |
So shall thy fountains overflow in the streets, In the wide streets, as streams of water;
بۇلار ساڭىلا خاس بولسۇن، يات كىشىلەرگە تەگمىسۇن! | 17 |
They shall belong to thee alone, And not to strangers with thee;
بۇلىقىڭ بەخت-بەرىكەتلىك بولغاي! ياشلىقىڭدا ئالغان خوتۇنۇڭ بىلەن ھۇزۇرلان. | 18 |
And thy fountain shall be blessed, Yea, thou shalt have joy in the wife of thy youth.
ئۇ چىشى كېيىكتەك چىرايلىق! جەرەندەك سۆيۈملۈك! ئۇنىڭ باغرىدىن ھەمىشە قانائەتتە بولغايسەن، ئۇنىڭ قايناق مۇھەببىتىدىن دائىم خۇشاللىققا پاتقايسەن. | 19 |
A lovely hind, a graceful doe, Her breasts shall satisfy thee at all times, And thou shalt be always ravished with her love.
ئى ئوغلۇم، نېمىشقا يات ئايالغا شەيدا بولىسەن؟ نېمىشقا يات خوتۇننىڭ قوينىغا ئۆزۈڭنى ئاتىسەن؟ | 20 |
Why, then, my son, wilt thou be ravished with a wanton, And embrace the bosom of a stranger?
چۈنكى ئىنساننىڭ ھەممە قىلغانلىرى پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدا ئاشكارىدۇر، ئۇ ئۇنىڭ ھەممە ماڭغان يوللىرىنى تارازىغا سېلىپ تۇرىدۇ. | 21 |
For the ways of man are before the eyes of the LORD, And he weigheth well all his paths.
يامان ئادەمنىڭ ئۆز قەبىھلىكلىرى ئۆزىنى تۇزاققا چۈشۈرىدۇ، ئۇ ئۆز گۇناھى بىلەن سىرتماققا ئېلىنىدۇ. | 22 |
His own iniquities shall ensnare the wicked; Yea, he shall be held fast by the cords of his own sins.
ئۇ يوليورۇقتىن مەھرۇم بولغانلىقىدىن جېنىدىن ئايرىلىدۇ، چېكىدىن ئاشقان ھاماقەتلىكى تۈپەيلىدىن يولدىن ئېزىپ كېتىدۇ. | 23 |
He shall die for want of instruction; Yea, through the greatness of his folly he shall stagger.