< پەند-نەسىھەتلەر 30 >
تۆۋەندىكىلەر ياكەھنىڭ ئوغلى ئاگۇرغا ۋەھىي بىلەن كەلگەن سۆزلەردۇر: بۇ ئادەم ئىتىيەلگە، يەنى ئىتىيەل بىلەن ئۇكالغا مۇنداق سۆزلەرنى دېگەن: ــ | 1 |
Yake babarima Agur nsɛm a ɔkae a ɛyɛ nkuranhyɛ: Saa ɔbarima yi ka kyerɛɛ Itiel ne Ukal se:
مەن دەرۋەقە ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ نادىنى، ھايۋانغا ئوخشاشتۇرمەن؛ مەندە ئىنسان ئەقلى يوق. | 2 |
“Me na minnim hwee koraa wɔ nnipa mu, minni onipa ntease.
دانالىقنى ھېچ ئۆگەنمىدىم؛ ئەڭ پاك-مۇقەددەس بولغۇچى ھەققىدىمۇ ساۋاتىم يوقتۇر. | 3 |
Minsuaa nyansa, na minni Ɔkronkronni no ho nimdeɛ nso.
كىم ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن، ياكى ئەرشتىن چۈشكەن؟ كىم شامالنى قوللىرىدا تۇتقان؟ كىم سۇلارنى ئۆز تونىغا يۆگەپ قويغان؟ كىم يەر-زېمىننىڭ چېگرالىرىنى بەلگىلىگەن؟ ئۇنىڭ ئىسمى نېمە؟ ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى نېمە؟ بىلەمسەن-يوق؟ | 4 |
Hena na waforo akɔ ɔsoro na wasian aba fam? Hena na wabɔ mframa boa wɔ ne nsam? Hena na ɔde nʼatade abɔ nsu boa? Hena na ɔbɔɔ asase tamaa yi? Ne din de dɛn, na ne babarima nso din de dɛn? Sɛ wunim a ka kyerɛ me!
تەڭرىنىڭ ھەربىر سۆزى سىنىلىپ ئىسپاتلىنىپ كەلگەندۇر؛ ئۇ ئۆزىگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسىنى قوغدايدىغان قالقاندۇر. | 5 |
“Onyankopɔn asɛm biara yɛ nokware; ɔyɛ nkatabo ma wɔn a woguan toa no.
ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ھېچ نەرسە قوشما؛ ئۇنداق قىلساڭ، ئۇ سېنى ئەيىبلەيدۇ، سېنىڭ يالغانچىلىقىڭ ئاشكارىلىنىدۇ. | 6 |
Mfa biribi nka nʼasɛm ho, anyɛ saa a ɔbɛka wʼanim ama woayɛ ɔtorofo.
ئى [خۇدايىم]، سەندىن ئىككى نەرسىنى تىلەيمەن؛ مەن ئۆلگۈچە بۇلارنى مەندىن ئايىمىغايسەن: ــ | 7 |
“Awurade, nneɛma abien na mehwehwɛ afi wo nkyɛn; mfa nkame me ansa na mawu:
ساختىلىق ۋە يالغانچىلىقنى مەندىن يىراق قىلغايسەن؛ مېنى گادايمۇ قىلماي، بايمۇ قىلماي، بەلكى ئېھتىياجىمغا لايىقلا رىزىق بەرگەيسەن. | 8 |
ma me ne atoro ne nnaadaasɛm ntam nware koraa; mma mennyɛ ohiani anaa ɔdefo; nanso ma me me daa aduan nkutoo.
چۈنكى زىيادە تويۇپ كەتسەم، سەندىن يېنىپ: «پەرۋەردىگار دېگەن كىم؟» ــ دەپ قېلىشىم مۇمكىن. ياكى گاداي بولۇپ قالسام، ئوغرىلىق قىلىپ، سەن خۇدايىمنىڭ نامىغا داغ كەلتۈرۈشىم مۇمكىن. | 9 |
Anyɛ saa a, ebia minya me ho pii a ɛbɛma mapa wo na maka se, ‘Hena ne Awurade?’ Anaa mɛyɛ ohiani na mabɔ korɔn, na ama magu me Nyankopɔn din ho fi.
خوجايىنىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ قۇلى ئۈستىدىن شىكايەت قىلما، بولمىسا ئۇ سېنى قارغاپ لەنەت قىلىدۇ، ئەيىبكار بولىسەن. | 10 |
“Nsɛe ɔsomfo din nkyerɛ ne wura; sɛ woyɛ saa a, ɔbɛdome wo na wubetua so ka.
ئۆز ئاتىسىنى قارغايدىغان، ئۆز ئانىسىغا بەخت تىلىمەيدىغان بىر دەۋر بار، | 11 |
“Nnipa bi dome wɔn agyanom, na wonhyira wɔn nanom nso;
ئۆزىنى پاك چاغلايدىغان، ئەمەلىيەتتە مەينەتچىلىكىدىن ھېچ يۇيۇلمىغان بىر دەۋر بار، | 12 |
Wɔn a wɔteɛ wɔ wɔn ankasa ani so nanso wɔnhohoroo wɔn ho fi no;
بىر دەۋر بار ــ ئاھ، كىبىرلىكىدىن نەزىرى نېمىدېگەن ئۈستۈن، ھاكاۋۇرلۇقىدىن ھالى نېمىدېگەن چوڭ! | 13 |
wɔn a wɔn ani tra ntɔn, na wobu animtiaa;
ئۇنىڭ ئاجىزلار ۋە يوقسۇللارنى يالماپ يۇتۇۋېتىدىغان چىشلىرى قىلىچتەك، ئېزىق چىشلىرى پىچاقتەك بولغان بىر دەۋر بار! | 14 |
wɔn a wɔn se yɛ afoa na asekan hyehyɛ wɔn abogye mu wɔn na wɔbɛtɔre ahiafo ase afi asase so, na wɔayi ahiafo afi adesamma mu.
زۈلۈكنىڭ ئىككى قىزى بار، ئۇلار ھەردائىم: «بەرگىن، بەرگىن» دەپ توۋلىشار. ھەرگىز تويۇنمايدىغان ئۈچ نەرسە بار، ھەرگىز قانائەتلەنمەيدىغان تۆت نەرسە بار، ئۇلار بولسىمۇ: ــ | 15 |
“Amemem wɔ mmabea baanu a wɔteɛ mu se, ‘Fa ma! Fa ma!’ “Nneɛma abiɛsa na ɛmmee da anan na ɛnka da se, ‘Eye!’
گۆر، تۇغماس خوتۇننىڭ قارنى، سۇغا تويۇنمىغان قۇرغاق يەر، ۋە ھەرگىز «بولدى، تويدۇم» دېمەيدىغان ئوتتىن ئىبارەت. (Sheol ) | 16 |
Ɔda, obonin awotwaa, asase a ɛyɛ wosee daa, ne ogya a ɛnka da se, ‘Eye!’ (Sheol )
ئاتىسىنى مەسخىرە قىلىدىغان، ئانىسىنى كەمسىتىدىغان كۆزنى بولسا، قاغا-قۇزغۇنلار چوقۇلار، بۈركۈتنىڭ بالىلىرىمۇ ئۇنى يەر. | 17 |
“Ani a eyi agya ahi, na ebu ɛna animtiaa no, obon mu kwaakwaadabi betutu, na apete abedi.
مەن ئۈچۈن ئىنتايىن تىلسىمات ئۈچ نەرسە بار؛ شۇنداق، مەن چۈشىنەلمەيدىغان تۆت ئىش بار: ــ | 18 |
“Nneɛma abiɛsa na ɛyɛ me nwonwa, anan na mente ase:
بۈركۈتنىڭ ئاسماندىكى ئۇچۇش يولى، يىلاننىڭ تاشتا بېغىرلاپ ماڭىدىغان يولى، كېمىنىڭ دېڭىزدىكى يولى ۋە يىگىتنىڭ قىزغا ئاشىق بولۇشتىكى يولىدۇر. | 19 |
Ɔkwan a ɔkɔre nam so wɔ wim, sɛnea ɔwɔ nantew ɔbotan so, ɔkwan a hyɛn nam so wɔ po tamaa so, ne sɛnea ɔbarima dɔ ababaa.
زىناخور خوتۇننىڭ يولىمۇ شۇنداقتۇر؛ ئۇ بىرنېمىنى يەپ بولۇپ ئاغزىنى سۈرتىۋەتكەن كىشىدەك: «مەن ھېچقانداق يامانلىقنى قىلمىدىم!» ــ دەيدۇ. | 20 |
“Ɔbea ɔwaresɛefo kwan ni: Odidi, ɔpepa nʼano na ɔka se, ‘Menyɛɛ mfomso biara.’
يەر-زېمىن ئۈچ نەرسە ئاستىدا بىئارام بولار؛ ئۇ كۆتۈرەلمەيدىغان تۆت ئىش بار: ــ | 21 |
“Nneɛma abiɛsa na ɛma asase wosow, anan na asase ntumi nnyina ano:
پادىشاھ بولغان قۇل، تاماققا تويغان ھاماقەت، | 22 |
akoa a wabɛyɛ ɔhene, ɔkwasea a wadidi amee,
نەپرەتكە پاتقان، ئەرگە تەگكەن خوتۇن، ئۆز خانىمىنىڭ ئورنىنى باسقان دېدەك. | 23 |
ɔbea a wɔmpɛ no na waware, afenaa a otu nʼawuraa tena nʼanan mu.
يەر يۈزىدە تېنى كىچىك، لېكىن ئىنتايىن ئەقىللىق تۆت خىل جانىۋار بار: ــ | 24 |
“Nneɛma nketenkete anan na ɛwɔ asase so, nanso wɔyɛ anyansafo ankasa:
چۆمۈلىلەر كۈچلۈك خەلق بولمىسىمۇ، بىراق يازدا ئوزۇق تەييارلىۋېلىشنى بىلىدۇ؛ | 25 |
Ntɛtea yɛ abɔde nketewa a wonni ahoɔden, nanso wɔboaboa wɔn aduan ano ahuhuru bere mu;
سۇغۇرلار ئۆزى ئاجىز بىر قوۋم بولسىمۇ، خادا تاشلارنىڭ ئارىسىغا ئۇۋا سالىدۇ؛ | 26 |
Nkukuban yɛ abɔde a wonni ahoɔden, nanso wɔyɛ wɔn afi wɔ abotan mu,
چېكەتكىلەرنىڭ پادىشاھى بولمىسىمۇ، لېكىن قاتار تىزىلىپ رەتلىك ماڭىدۇ؛ | 27 |
mmoadabi nni ɔhene, nanso wɔsa so akuwakuw, kɔ wɔn anim;
كەسلەنچۈكنى قول بىلەن تۇتۇۋالغىلى بولىدۇ، لېكىن خان ئوردىلىرىدا ياشايدۇ. | 28 |
wotumi de nsa kyere ɔketew, nanso wohu no abirɛmpɔn ahemfi.
قەدەملىرى ھەيۋەتلىك ئۈچ جانىۋار بار، كىشىگە زوق بېرىپ ماڭىدىغان تۆت نەرسە بار: ــ | 29 |
“Nneɛma abiɛsa na wɔwɔ abirɛmpɔnnantew, anan na wɔkeka wɔn ho te sɛ abirɛmpɔn:
ھايۋاناتلار ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك، ھېچ نېمىدىن قورقماس شىر، | 30 |
gyata, mmoadoma hene a, biribiara mmɔ no hu;
زىلۋا بەيگە ئىتى، تېكە، ۋە پۇقرالىرى قوللايدىغان پادىشاھدۇر. | 31 |
akokɔnini a ɔretutu taataa, ɔpapo, ne ɔhene a nʼasraafo atwa no ho ahyia.
ئەگەر سەن ئەخمەقلىق قىلىپ ئۆزۈڭنى بەك يۇقىرى ئورۇنغا قويۇۋالغان بولساڭ، ۋە ياكى تەلۋە بىر ئويدا بولغان بولساڭ، قولۇڭ بىلەن ئاغزىڭنى يۇم! | 32 |
“Sɛ woayɛ ɔkwasea ama wo ho so, anaa woadwene bɔne a, ma wʼani nwu na mua wʼano!
كالا سۈتى قوچۇلسا سېرىق ماي چىقار؛ بىرىنىڭ بۇرنى مىجىلسا، قان چىقار؛ ئاداۋەت قوزغاپ ئىنتىقام ئويلىسا جېدەل-ماجىرا چىقار. | 33 |
Sɛnea wɔka nufusu nu mu a srade fi mu ba, na wokyinkyim hwene a etu mogya no, saa ara na abufuw de akasakasa ba.”