< پەند-نەسىھەتلەر 3 >
ئى ئوغلۇم، تەلىمىمنى ئۇنتۇما، دېگەنلىرىمنى ھەمىشە كۆڭلۈڭدە چىڭ تۇت. | 1 |
I oghlum, telimimni untuma, Dégenlirimni hemishe könglüngde ching tut.
چۈنكى ئۇ ساڭا بەرىكەتلىك كۈنلەر، ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە خاتىرجەملىك قوشۇپ بېرىدۇ. | 2 |
Chünki u sanga beriketlik künler, uzun ömür we xatirjemlik qoshup béridu.
مېھرىبان ۋە ھەق-سەمىمىي بولۇشتىن ۋاز كەچمە، بۇلارنى بوينۇڭغا ئېسىۋال، قەلبىڭگە پۈتىۋال. | 3 |
Méhriban we heq-semimiy bolushtin waz kechme, Bularni boynunggha ésiwal, Qelbingge pütiwal.
شۇنداق قىلغاندا خۇدا ۋە بەندىلەرنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپاتقا لايىق بولىسەن، دانىشمەن ھېسابلىنىسەن. | 4 |
Shundaq qilghanda Xuda we bendilerning neziride iltipatqa layiq bolisen, danishmen hésablinisen.
ئۆز ئەقلىڭگە تايانماي، پەرۋەردىگارغا چىن قەلبىڭ بىلەن تايانغىن؛ | 5 |
Öz eqlingge tayanmay, Perwerdigargha chin qelbing bilen tayan’ghin;
قانداقلا ئىش قىلساڭ، پەرۋەردىگارنى تونۇشقا ئىنتىل؛ ئۇ ساڭا توغرا يوللارنى كۆرسىتىدۇ. | 6 |
Qandaqla ish qilsang, Perwerdigarni tonushqa intil; U sanga toghra yollarni körsitidu.
ئۆزۈڭنى ئەقىللىق سانىما؛ پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، يامانلىقتىن يىراق بول. | 7 |
Özüngni eqilliq sanima; Perwerdigardin eyminip, yamanliqtin yiraq bol.
شۇنداق قىلغىنىڭدا، بۇ ئىشلار دەردىڭگە دەرمان، ئۇستىخانلىرىڭغا يىلىك بولىدۇ. | 8 |
Shundaq qilghiningda, bu ishlar derdingge derman, Ustixanliringgha yilik bolidu.
پەرۋەردىگارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ مال-دۇنيايىڭدىن ھەدىيەلەرنى سۇنغىن، ئېتىزىڭدىن تۇنجى چىققان مەھسۇلاتلىرىڭدىن ئۇنىڭغا ئاتىغىن؛ | 9 |
Perwerdigarning hörmitini qilip mal-dunyayingdin hediyelerni sun’ghin, Étizingdin tunji chiqqan mehsulatliringdin Uninggha atighin;
شۇنداق قىلغىنىڭدا، ئامبارلىرىڭ ئاشلىققا تولۇپ تاشىدۇ، شاراب كۆلچەكلىرىڭدە يېڭى شاراب ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدۇ. | 10 |
Shundaq qilghiningda, ambarliring ashliqqa tolup tashidu, Sharab kölchekliringde yéngi sharab éship-téship turidu.
ئى ئوغلۇم، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىگە بىپەرۋالىق قىلما، ئۇنىڭ تەنبىھىدىن بەزمە. | 11 |
I oghlum, Perwerdigarning terbiyisige biperwaliq qilma, Uning tenbihidin bezme.
چۈنكى، ئاتا ئەزىز كۆرگەن ئوغلىغا تەنبىھ-تەربىيە بەرگەندەك، پەرۋەردىگار كىمنى سۆيگەن بولسا ئۇنىڭغا تەنبىھ-تەربىيە بېرىدۇ. | 12 |
Chünki, ata eziz körgen oghligha tenbih-terbiye bergendek, Perwerdigar kimni söygen bolsa uninggha tenbih-terbiye béridu.
دانالىققا مۇيەسسەر بولغان كىشى، يورۇقلۇققا ئىگە بولغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! | 13 |
Danaliqqa muyesser bolghan kishi, Yoruqluqqa ige bolghan kishi némidégen bextlik-he!
چۈنكى دانالىقنىڭ پايدىسى كۈمۈشنىڭ پايدىسىدىن كۆپتۇر، قىممىتى ساپ ئالتۇننىڭكىدىنمۇ زىيادىدۇر. | 14 |
Chünki danaliqning paydisi kümüshning paydisidin köptur, Qimmiti sap altunningkidinmu ziyadidur.
ئۇ لەئەل-ياقۇتلاردىن قىممەتلىكتۇر، ئىنتىزار بولغان ھەرقانداق نەرسەڭدىن ھېچبىرىمۇ ئۇنىڭغا تەڭ كەلمەستۇر. | 15 |
U leel-yaqutlardin qimmetliktur, Intizar bolghan herqandaq nersengdin héchbirimu uninggha teng kelmestur.
دانالىقنىڭ ئوڭ قولىدا ئۇزۇن ئۆمۈر، سول قولىدا بايلىق ۋە شۆھرەت باردۇر. | 16 |
Danaliqning ong qolida uzun ömür, Sol qolida bayliq we shöhret bardur.
ئۇنىڭ يوللىرى ساڭا خۇش پۇراق تۇيۇلۇر، ئۇنىڭ بارلىق تەرىقىلىرى سېنى ئارام تاپقۇزۇر. | 17 |
Uning yolliri sanga xush puraq tuyulur, Uning barliq teriqiliri séni aram tapquzur.
ئۇ ئۆزىنى تاپقان ئادەمگە «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر، ئۇنى چىڭ تۇتقان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك! | 18 |
U özini tapqan ademge «hayatliq derixi»dur, Uni ching tutqan kishi némidégen bextlik!
پەرۋەردىگار دانالىق بىلەن يەر-زېمىننى بەرپا قىلدى، ھېكمەت بىلەن ئاسماننى ئورناتتى. | 19 |
Perwerdigar danaliq bilen yer-zéminni berpa qildi, Hékmet bilen asmanni ornatti.
ئۇنىڭ بىلىمى بىلەن يەرنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرى يېرىلدى، ھەمدە بۇلۇتلاردىن شەبنەم چۈشتى. | 20 |
Uning bilimi bilen yerning chongqur qatlamliri yérildi, Hemde bulutlardin shebnem chüshti.
ئى ئوغلۇم! [دانالىق بىلەن بىلىمنى] كۆزۈڭدىن چىقارما، پىشقان ھېكمەت ۋە پەم-پاراسەتنى چىڭ تۇت. | 21 |
I oghlum! [Danaliq bilen bilimni] közüngdin chiqarma, Pishqan hékmet we pem-parasetni ching tut.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جېنىڭغا جان قوشىدۇ، بوينۇڭغا ئېسىلغان ئېسىل مارجاندەك ساڭا گۈزەللىك قوشىدۇ. | 22 |
Shuning bilen ular jéninggha jan qoshidu, Boynunggha ésilghan ésil marjandek sanga güzellik qoshidu.
شۇ چاغدا يولۇڭدا ئامان-ئېسەن ماڭالايسەن، يولدا پۇتلاشمايسەن. | 23 |
Shu chaghda yolungda aman-ésen mangalaysen, Yolda putlashmaysen.
ياتقاندا ھېچ نېمىدىن قورقمايسەن، يېتىشىڭ بىلەنلا تاتلىق ئۇخلايسەن. | 24 |
Yatqanda héch némidin qorqmaysen, Yétishing bilenla tatliq uxlaysen.
بېشىڭغا دەھشەتلىك ۋەھىمە چۈشكەندە قورقمىغىن، رەزىللەرنىڭ ۋەيرانچىلىقىدىن غەم قىلمىغىن! | 25 |
Béshinggha dehshetlik wehime chüshkende qorqmighin, Rezillerning weyranchiliqidin ghem qilmighin!
چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ تايانچىڭدۇر، ئۇ پۇتۇڭنى قاپقانلاردىن نېرى قىلىدۇ. | 26 |
Chünki Perwerdigar séning tayanchingdur, U putungni qapqanlardin néri qilidu.
پەقەت قولۇڭدىن كەلسىلا، ھاجەتمەنلەردىن ياخشىلىقنى ئايىمىغىن. | 27 |
Peqet qolungdin kelsila, hajetmenlerdin yaxshiliqni ayimighin.
قولۇم-قوشنىلىرىڭ سېنىڭدىن ئۆتنە سوراپ كىرسە، «قايتىپ كېتىپ، ئەتە كەلگىن، ئەتە بېرەي» ــ دېمىگىن. | 28 |
Qolum-qoshniliring séningdin ötne sorap kirse, «Qaytip kétip, ete kelgin, ete bérey» — démigin.
قوشناڭغا زىيانكەشلىك نىيىتىدە بولما، چۈنكى ئۇ ساڭا ئىشىنىپ يېنىڭدا خاتىرجەم ياشايدۇ. | 29 |
Qoshnanggha ziyankeshlik niyitide bolma, Chünki u sanga ishinip yéningda xatirjem yashaydu.
بىرسى ساڭا زىيان يەتكۈزمىگەن بولسا، ئۇنىڭ بىلەن سەۋەبسىز ماجىرالاشما. | 30 |
Birsi sanga ziyan yetküzmigen bolsa, Uning bilen sewebsiz majiralashma.
زۇلۇمخور كىشىگە ھەسەت قىلما، ئۇنىڭ يول-تەدبىرلىرىدىن ھېچنېمىنى تاللىما. | 31 |
Zulumxor kishige heset qilma, Uning yol-tedbirliridin héchnémini tallima.
چۈنكى قىڭغىر يوللارنى ماڭىدىغانلار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىكتۇر، لېكىن ئۇنىڭ سىرداش دوستلۇقى دۇرۇس ياشاۋاتقان ئادەمگە تەئەللۇقتۇر. | 32 |
Chünki qingghir yollarni mangidighanlar Perwerdigarning neziride yirginchliktur, Lékin Uning sirdash dostluqi durus yashawatqan ademge teelluqtur.
پەرۋەردىگارنىڭ لەنىتى رەزىللىك قىلغۇچىنىڭ ئۆيىدىدۇر، لېكىن ئۇ ھەققانىي ئادەمنىڭ ئۆيىگە بەخت ئاتا قىلۇر. | 33 |
Perwerdigarning leniti rezillik qilghuchining öyididur, Lékin U heqqaniy ademning öyige bext ata qilur.
بەرھەق، مەسخىرە قىلغۇچىلارنى ئۇ مەسخىرە قىلىدۇ، لېكىن كىچىك پېئىل كىشىلەرگە شەپقەت كۆرسىتىدۇ. | 34 |
Berheq, mesxire qilghuchilarni U mesxire qilidu, Lékin kichik péil kishilerge shepqet körsitidu.
دانالار شۆھرەتكە ۋارىسلىق قىلىدۇ، لېكىن ھاماقەتلەر رەسۋا قىلىنىدۇ. | 35 |
Danalar shöhretke warisliq qilidu, Lékin hamaqetler reswa qilinidu.