< پەند-نەسىھەتلەر 29 >
قايتا-قايتا ئەيىبلىنىپ تۇرۇپ يەنە بوينى قاتتىقلىق قىلغان كىشى، تۇيۇقسىزدىن داۋالىغۇسىز يانجىلار. | 1 |
He that being often reproved hardeneth his neck shall suddenly be broken, and that without remedy.
ھەققانىيلار گۈللەنسە، پۇقرالىرى شادلىنار، قەبىھلەر ھوقۇق تۇتسا پۇقرا نالە-پەرياد كۆتۈرەر. | 2 |
When the righteous are increased, the people rejoice: but when a wicked man beareth rule, the people sigh.
دانالىقنى سۆيگەن ئوغۇل ئاتىسىنى خۇش قىلار؛ بىراق پاھىشىلەرگە ھەمراھ بولغان ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى بۇزۇپ-چاچار. | 3 |
Whoso loveth wisdom rejoiceth his father: but he that keepeth company with harlots wasteth [his] substance.
پادىشاھ ئادالەت بىلەن يۇرتىنى تىنچ قىلار؛ بىراق باج-سېلىق سالغان بولسا، ئۇنى ۋەيران قىلار. | 4 |
The king by judgment establisheth the land: but he that exacteth gifts overthroweth it.
ئۆز يېقىنىغا خۇشامەت قىلغان كىشى، ئۇنىڭ پۇتلىرىغا تور تەييارلاپ قويغاندۇر. | 5 |
A man that flattereth his neighbour spreadeth a net for his steps.
رەزىل ئادەمنىڭ گۇناھى ئۆزىگە قاپقان ياساپ قۇرار؛ بىراق ھەققانىي كىشى ناخشىلار بىلەن شادلىنار. | 6 |
In the transgression of an evil man there is a snare: but the righteous doth sing and rejoice.
ھەققانىي كىشى مىسكىننىڭ دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈر؛ بىراق يامانلار بولسا بۇ ئىشنى چۈشەنمەس. | 7 |
The righteous taketh knowledge of the cause of the poor: the wicked hath not understanding to know [it].
ھاكاۋۇر كىشىلەر شەھەرنى قۇترىتىپ داۋالغۇتار؛ بىراق ئاقىلانىلەر ئاچچىق غەزەپلەرنى ياندۇرار. | 8 |
Scornful men set a city in a flame: but wise men turn away wrath.
دانا كىشى ئەخمەق بىلەن دەۋالاشسا، ئەخمەق ھۈرپىيىدۇ ياكى كۈلىدۇ، نەتىجىسى ھامان تىنچلىق بولماس. | 9 |
If a wise man hath a controversy with a foolish man, whether he be angry or laugh, there will be no rest.
قانخورلار پاك-دىيانەتلىكلەرگە نەپرەتلىنەر؛ دۇرۇسلارنىڭ جېنىنى بولسا، ئۇلار قەستلەر. | 10 |
The bloodthirsty hate him that is perfect: and as for the upright, they seek his life.
ئەخمەق ھەردائىم ئىچىدىكى ھەممىنى ئاشكارا قىلار؛ بىراق دانا ئۆزىنى بېسىۋالار. | 11 |
A fool uttereth all his anger: but a wise man keepeth it back and stilleth it.
ھۆكۈمدار يالغان سۆزلەرگە قۇلاق سالسا، ئۇنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرى يامان ئۆگەنمەي قالماس. | 12 |
If a ruler hearkeneth to falsehood, all his servants are wicked.
گاداي بىلەن ئۇنى ئەزگۈچى كىشى بىر زېمىندا ياشار؛ ھەر ئىككىسىنىڭ كۆزىنى نۇرلاندۇرغۇچى پەرۋەردىگاردۇر. | 13 |
The poor man and the oppressor meet together: the LORD lighteneth the eyes of them both.
يوقسۇللارنى دىيانەت بىلەن سورىغان پادىشاھنىڭ بولسا، تەختى مەڭگۈگە مەھكەم تۇرار. | 14 |
The king that faithfully judgeth the poor, his throne shall be established for ever.
تاياق بىلەن تەنبىھ-نەسىھەت بالىلارغا دانالىق يەتكۈزەر؛ بىراق ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىلگەن بالا ئانىسىنى خىجالەتكە قالدۇرار. | 15 |
The rod and reproof give wisdom: but a child left to himself causeth shame to his mother.
يامانلار گۈللىنىپ كەتسە، ناھەقلىك كۆپىيەر؛ لېكىن ھەققانىيلار ئۇلارنىڭ يىقىلغىنىنى كۆرەر. | 16 |
When the wicked are increased, transgression increaseth: but the righteous shall look upon their fall.
ئوغلۇڭنى تەربىيەلىسەڭ، ئۇ سېنى ئارام تاپقۇزار؛ ئۇ كۆڭلۈڭنى سۆيۈندۈرەر. | 17 |
Correct thy son, and he shall give thee rest; yea, he shall give delight unto thy soul.
[پەرۋەردىگارنىڭ] ۋەھىيسى بولمىغان ئەلنىڭ پۇقرالىرى يولدىن چىقىپ باشپاناھسىز قالار؛ لېكىن تەۋرات-قانۇنىغا ئەمەل قىلىدىغان كىشى بەختلىكتۇر. | 18 |
Where there is no vision, the people cast off restraint: but he that keepeth the law, happy is he.
قۇلنى سۆز بىلەنلا تۈزەتكىلى بولماس؛ ئۇ سۆزۈڭنى چۈشەنگەن بولسىمۇ، ئېتىبار قىلماس. | 19 |
A servant will not be corrected by words: for though he understand he will not give heed.
ئاغزىنى باسالمايدىغان كىشىنى كۆرگەنمۇ؟ ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتكەندىن، ئەخمەقتىن ئۈمىد كۈتۈش ئەۋزەلدۇر. | 20 |
Seest thou a man that is hasty in his words? there is more hope of a fool than of him.
كىمكى ئۆز قۇلىنى كىچىكىدىن تارتىپ ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرسە، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ بېشىغا چىقار. | 21 |
He that delicately bringeth up his servant from a child shall have him become a son at the last.
تېرىككەك كىشى جېدەل-ماجىرا قوزغاپ تۇرار؛ ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان كىشىنىڭ گۇناھلىرى كۆپتۇر. | 22 |
An angry man stirreth up strife, and a wrathful man aboundeth in transgression.
مەغرۇرلۇق كىشىنى پەس قىلار، بىراق كەمتەرلىك كىشىنى ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرەر. | 23 |
A man’s pride shall bring him low: but he that is of a lowly spirit shall obtain honour.
ئوغرى بىلەن شېرىك بولغان كىشى ئۆز جېنىغا دۈشمەندۇر؛ ئۇ سوراقچىنىڭ [گۇۋاھ بېرىشكە] ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئاڭلىسىمۇ، لېكىن راست گەپ قىلىشقا پېتىنالماس. | 24 |
Whoso is partner with a thief hateth his own soul: he heareth the adjuration and uttereth nothing.
ئىنسان بالىسىدىن قورقۇش ئادەمنى تۇزاققا چۈشۈرىدۇ؛ بىراق كىمكى پەرۋەردىگارغا تايانغان بولسا، ئۇ بىخەتەر كۆتۈرۈلەر. | 25 |
The fear of man bringeth a snare: but whoso putteth his trust in the LORD shall be safe.
كۆپ كىشىلەر ھۆكۈمداردىن ئىلتىپات ئىزدەپ يۈرەر؛ بىراق ئادەمنىڭ ھەق-رىزقى پەقەت پەرۋەردىگارنىڭلا قولىدىدۇر. | 26 |
Many seek the ruler’s favour: but a man’s judgment [cometh] from the LORD.
ناھەقلەر ھەققانىيلارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ دۇرۇس يولدا ماڭغان كىشىلەر يامانلارغا يىرگىنچلىكتۇر. | 27 |
An unjust man is an abomination to the righteous: and he that is upright in the way is an abomination to the wicked.