< پەند-نەسىھەتلەر 27 >
ئەتىكى كۈنۈڭ توغرۇلۇق ماختانما، چۈنكى بىر كۈنى نېمە بولىدىغىنىڭنىمۇ بىلمەيسەن. | 1 |
Sabahkı gününlə öyünmə, Günün nə doğacağını bilməzsən.
سېنى باشقىلار ماختىسۇن، ئۆز ئاغزىڭ مۇنداق قىلمىسۇن، يات ئادەم سېنى ماختىسۇن، ئۆز لەۋلىرىڭ ئۇنداق قىلمىسۇن. | 2 |
Qoy səni özün yox, başqaları tərifləsin, Sənə tərifi öz dilin yox, yad söyləsin.
تاش ئېغىر، قۇم خېلى جىڭ باسار، بىراق ئەخمەق كەلتۈرىدىغان خاپىچىلىق ئىككىسىدىن تېخىمۇ ئېغىردۇر. | 3 |
Daşın, qumun çəkisi ağırdır, Səfehin əsib-coşması bunların ikisindən də ağırdır.
غەزەپ رەھىمسىزدۇر، قەھر بولسا كەلكۈندەك ئادەمنى ئېقىتىپ كېتەر، بىراق كىم ھەسەتخورلۇق ئالدىدا تاقابىل تۇرالىسۇن؟ | 4 |
Hiddət amansızdır, qəzəbsə aşıb-daşar, Paxıllıq daha betərdir, ona necə dözmək olar?
ئاشكارا ئەيىبلەش يوشۇرۇن مۇھەببەتتىن ئەلادۇر. | 5 |
Aşkar irad gizli məhəbbətdən üstündür.
دوستنىڭ قولىدىن يېگەن زەخىملەر سادىقلىقتىن بولىدۇ؛ بىراق دۈشمەننىڭ سۆيۈشلىرى ھىيلىگەرلىكتۇر. | 6 |
Dostun vurduğu yara onun sədaqətinə görədir, Amma düşmən öpdükcə öpər.
توق كىشى ھەسەل كۆنىكىدىنمۇ بىزاردۇر، ئاچ كىشىگە ھەرقانداق ئاچچىق نەرسىمۇ تاتلىق بىلىنەر. | 7 |
Toxun könlü şanı balını belə, rədd edər, Lakin ac olana acı şeylər belə, şirin gələr.
يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغان كىشى، ئۇۋىسىدىن ئايرىلىپ يۈرگەن قۇشقا ئوخشار. | 8 |
Yurdundan ayrı düşən insan Bir quş kimi yuvasından ayrı düşür.
ئەتىر ۋە خۇشبۇي كۆڭۈلنى ئاچار، جان كۆيەر دوستنىڭ سەمىمىي مەسلىھەتى كىشىنى رىغبەتلەندۈرەر. جان كۆيەر دوستنىڭ سەمىمىي، خۇشخۇي مەسلىھەتى كىشىنى خۇش قىلۇر. | 9 |
Gözəl ətir və buxurun ürəyə verdiyi ləzzət kimi Dostun nəsihəti də insana xoş gələr.
ئۆز دوستۇڭنى، ئاتاڭنىڭ دوستىنىمۇ ئۇنتۇما؛ بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە قېرىندىشىڭنىڭ ئۆيىگە كىرىپ يېلىنما؛ يېقىندىكى دوست، يىراقتىكى قېرىنداشتىن ئەلا. | 10 |
Həm öz dostunu, həm də atanın dostunu tərk etmə, Dara düşəndə qardaşının evinə getmə. Yaxın qonşu uzaq qohumdan yaxşıdır.
ئى ئوغلۇم، دانا بول، كۆڭلۈمنى خۇش قىل، شۇنداق قىلغىنىڭدا مېنى مەسخىرە قىلىدىغانلارغا جاۋاب بېرەلەيمەن. | 11 |
Oğlum, hikmətli ol, qoy qəlbim sevinsin, Onda məni utandırana cavab verə bilərəm.
زېرەك كىشى بالايىقازانى ئالدىن كۆرۈپ قاچار؛ ساددىلار ئالدىغا بېرىپ زىيان تارتار. | 12 |
Uzaqgörən qabaqcadan şəri görüb ondan qaçar, Cahil isə irəli çıxar, ziyan tapar.
ياتقا كېپىل بولغان كىشىدىن قەرزگە تونىنى تۇتۇپ ئالغىن؛ يات خوتۇنغا كاپالەت بەرگەن كىشىدىن كاپالەت پۇلى ئال. | 13 |
Özgəyə zamin duranın libasını al, Onu qərib qadın üçün girov saxla.
قاق سەھەردە تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋازدا دوستىغا بەخت تىلىگەنلىك، ئۆزىنى قارغاش ھېسابلىنار. | 14 |
Kim ki qonşusunu sübh erkən ucadan salamlar, O zaman salamı söyüş sayılar.
يامغۇرلۇق كۈندىكى توختىماي چۈشكەن تامچە-تامچە يېغىن، ۋە سوقۇشقاق خوتۇن بىر-بىرىگە ئوخشاشتۇر. | 15 |
Davakar qadın yağışda daman damcıya oxşar.
ئۇنى تىزگەنلەش بوراننى توسقانغا، ياكى ياغنى ئوڭ قول بىلەن چاڭگاللىغانغا ئوخشاشتۇر. | 16 |
Onu yel kimi dayandırmaq olmaz, Zeytun yağı kimi ovucda saxlamaq olmaz.
تۆمۈرنى تۆمۈرگە بىلىسە ئۆتكۈرلەشكەندەك، دوستلارمۇ بىر-بىرىنى ئۆتكۈرلەشتۈرەر. | 17 |
Dəmir dəmiri itilər, İnsan insanın ağlını iti edər.
ئەنجۈر كۆچىتىنى پەرۋىش قىلغۇچى ئۇنىڭدىن ئەنجۈر يەيدۇ؛ خوجايىنىنى ئاسراپ كۈتكەن قۇل ئىززەت تاپىدۇ. | 18 |
Əncir becərən barını yeyər, Ağasının qayğısına qalan şərəfləndirilər.
سۇدا ئادەمنىڭ يۈزى ئەكس ئەتكەندەك، ئىنساننىڭ قەلبىنىڭ قانداقلىقى ئۆز يېنىدىكى كىشى ئارقىلىق بىلىنەر. | 19 |
Sifətin əksi suyun üzünə düşdüyü kimi İnsanın ürəyi də onu elə göstərər.
تەھتىسارا ۋە ھالاكەت ھەرگىز تويمىغاندەك، ئادەمنىڭ [ئاچ] كۆزلىرى قانائەت تاپماس. (Sheol ) | 20 |
Ölüm və Həlak yeri doymadığı kimi İnsanın da gözü doymaz. (Sheol )
ساپال قازان كۈمۈشنى، چاناق ئالتۇننى تاۋلار، ئادەم بولسا ماختالغاندا سىنىلار. | 21 |
İsti kürədə qızıl-gümüş yoxlanar, İnsan da başqalarının tərifi ilə tanınar.
ئەخمەقنى بۇغداي بىلەن بىرگە سەندەلدە تالقان قىلىپ سوقساڭمۇ، ئەخمەقلىقى يەنىلا ئۇنىڭدا تۇرار. | 22 |
Buğdanı həvəngdəstədə döysən, kəpəyi çıxar, Amma səfehi nə qədər döysən, səfehliyi çıxmaz.
پادىلىرىڭنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان بىلىپ تۇر، مال-ۋارانلىرىڭدىن ياخشى خەۋەر ئال؛ | 23 |
Sürünə yaxşı bax, naxırına nəzər yetir,
چۈنكى بايلىقنىڭ مەڭگۈ كاپالىتى بولماس، تاج-تەختمۇ دەۋردىن-دەۋرگىچە تۇرامدۇ؟ | 24 |
Nə var-dövlət əbədidir, nə də tac nəsildən-nəslə keçir.
قۇرۇغان چۆپلەر ئورۇلغاندىن كېيىن، يۇمران چۆپلەر ئۆسۈپ چىققاندا، تاغ باغرىدىنمۇ ياۋايى چۆپلەر يىغىلغاندا، | 25 |
Saman yığılandan sonra təzə ot bitəndə, Dağlarda ot biçiləndə
شۇ چاغدا قوزىلارنىڭ يۇڭلىرى قىرقىلىپ كىيىمىڭ بولار؛ ئۆچكىلەرنى ساتقان پۇلغا بىر ئېتىز كېلەر، | 26 |
Quzuların səni geyindirər, Təkələrini satıb tarla ala bilərsən.
ھەمدە ئۆچكىلەرنىڭ سۈتلىرى سېنىڭ ھەم ئائىلىدىكىلىرىڭنىڭ ئوزۇقلۇقىنى، دېدەكلىرىڭنىڭ قورسىقىنى تەمىنلەشكىمۇ يېتەر. | 27 |
Keçilər sənə yemək üçün o qədər süd verər ki, Bu, evin azuqəsinə, kənizlərinin dolanışığına çatar.