< پەند-نەسىھەتلەر 26 >
يازدا قار يېغىش، ئورما ۋاقتىدا يامغۇر يېغىش قاملاشمىغاندەك، ئىززەت-ھۆرمەت ئەخمەققە لايىق ئەمەستۇر. | 1 |
Yazda ⱪar yeƣix, Orma waⱪtida yamƣur yeƣix ⱪamlaxmiƣandǝk, Izzǝt-ⱨɵrmǝt ǝhmǝⱪⱪǝ layiⱪ ǝmǝstur.
لەيلەپ ئۇچۇپ يۈرگەن قۇچقاچتەك، ئۇچقان قارلىغاچ يەرگە قونمىغاندەك، سەۋەبسىز قارغىش كىشىگە زىيان كەلتۈرەلمەس. | 2 |
Lǝylǝp uqup yürgǝn ⱪuqⱪaqtǝk, Uqⱪan ⱪarliƣaq yǝrgǝ ⱪonmiƣandǝk, Sǝwǝbsiz ⱪarƣix kixigǝ ziyan kǝltürǝlmǝs.
ئاتقا قامچا، ئېشەككە نوختا لازىم بولغىنىدەك، ئەخمەقنىڭ دۈمبىسىگە تاياق لايىقتۇر. | 3 |
Atⱪa ⱪamqa, exǝkkǝ nohta lazim bolƣinidǝk, Əhmǝⱪning dümbisigǝ tayaⱪ layiⱪtur.
ئەخمەقنىڭ ئەخمىقانە گېپى بويىچە ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىگىن، جاۋاب بەرسەڭ ئۆزۈڭ ئۇنىڭغا ئوخشاپ قېلىشىڭ مۇمكىن. | 4 |
Əhmǝⱪning ǝhmiⱪanǝ gepi boyiqǝ uningƣa jawab bǝrmigin, Jawab bǝrsǝng ɵzüng uningƣa ohxap ⱪelixing mumkin.
ئەخمەقنىڭ ئەخمىقانە گېپى بويىچە ئۇنىڭغا جاۋاب بەرگىن، جاۋاب بەرمىسەڭ ئۇ ئۆزىنىڭ ئەخمەقلىقىنى ئەقىللىق دەپ چاغلار. | 5 |
Əhmǝⱪning ǝhmiⱪanǝ gepi boyiqǝ uningƣa jawab bǝrgin, Jawab bǝrmisǝng u ɵzining ǝhmǝⱪliⱪini ǝⱪilliⱪ dǝp qaƣlar.
ئۆز پۇتىنى كېسىۋەتكەندەك، ئۆز بېشىغا زۇلمەت تىلىگەندەك، ئەخمەقتىن خەۋەر يوللاشمۇ شۇنداق بىر ئىشتۇر. | 6 |
Ɵz putini kesiwǝtkǝndǝk, Ɵz bexiƣa zulmǝt tiligǝndǝk, Əhmǝⱪtin hǝwǝr yollaxmu xundaⱪ bir ixtur.
توكۇرنىڭ كارغا كەلمىگەن پۇتلىرىدەك، ئەخمەقنىڭ ئاغزىغا سېلىنغان پەند-نەسىھەتمۇ بىكار بولۇر. | 7 |
Tokurning karƣa kǝlmigǝn putliridǝk, Əhmǝⱪning aƣziƣa selinƣan pǝnd-nǝsiⱨǝtmu bikar bolur.
سالغىغا تاشنى باغلاپ ئاتقاندەك، ئەخمەققە ھۆرمەت بىلدۈرۈشمۇ ئەخمىقانە ئىشتۇر. | 8 |
Salƣiƣa taxni baƣlap atⱪandǝk, Əhmǝⱪⱪǝ ⱨɵrmǝt bildürüxmu ǝhmiⱪanǝ ixtur.
ئەخمەقنىڭ ئاغزىغا سېلىنغان پەند-نەسىھەت، مەستنىڭ قولىغا سانجىلغان تىكەندەكتۇر. | 9 |
Əhmǝⱪning aƣziƣa selinƣan pǝnd-nǝsiⱨǝt, Mǝstning ⱪoliƣa sanjilƣan tikǝndǝktur.
ئۆز يېقىنلىرىنى قارىسىغا زەخىملەندۈرگەن ئوقياچىدەك، ئەخمەقنى ياكى ئۇدۇل كەلگەن ئادەمنى ياللاپ ئىشلەتكەن خوجايىنمۇ ئوخشاشلا زەخىملەندۈرگۈچىدۇر. | 10 |
Ɵz yeⱪinlirini ⱪarisiƣa zǝhimlǝndürgǝn oⱪyaqidǝk, Əhmǝⱪni yaki udul kǝlgǝn adǝmni yallap ixlǝtkǝn hojayinmu ohxaxla zǝhimlǝndürgüqidur.
ئىت ئايلىنىپ كېلىپ ئۆز قۇسۇقىنى يالىغاندەك، ئەخمەق ئەخمەقلىقىنى قايتىلار. | 11 |
It aylinip kelip ɵz ⱪusuⱪini yaliƣandǝk, Əhmǝⱪ ǝhmǝⱪliⱪini ⱪaytilar.
ئۆزىنى دانا چاغلاپ مەمنۇن بولغان كىشىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىماقتىن ئەخمەققە ئۈمىد باغلىماق ئەۋزەلدۇر. | 12 |
Ɵzini dana qaƣlap mǝmnun bolƣan kixini kɵrdüngmu? Uningƣa ümid baƣlimaⱪtin ǝhmǝⱪⱪǝ ümid baƣlimaⱪ ǝwzǝldur.
ھۇرۇن ئادەم: ــ «تاشقىرىدا دەھشەتلىك بىر شىر تۇرىدۇ، كوچىدا بىر شىر يۈرىدۇ!» ــ دەپ [ئۆيدىن چىقماس]. | 13 |
Ⱨurun adǝm: — «Taxⱪirida dǝⱨxǝtlik bir xir turidu, Koqida bir xir yüridu!» — dǝp [ɵydin qiⱪmas].
ئۆز مۇجۇقىدا ئېچىلىپ-يېپىلىپ تۇرغان ئىشىككە ئوخشاش، ھۇرۇن كارىۋاتتا يېتىپ ئۇ ياق-بۇ ياققا ئۆرۈلمەكتە. | 14 |
Ɵz mujuⱪida eqilip-yepilip turƣan ixikkǝ ohxax, Ⱨurun kariwatta yetip u yaⱪ-bu yaⱪⱪa ɵrülmǝktǝ.
ھۇرۇن قولىنى سۇنۇپ قاچىغا تىققىنى بىلەن، غىزانى ئاغزىغا سېلىشتىنمۇ ئېرىنەر. | 15 |
Ⱨurun ⱪolini sunup ⱪaqiƣa tiⱪⱪini bilǝn, Ƣizani aƣziƣa selixtinmu erinǝr.
ھۇرۇن ئۆزىنى پەم بىلەن جاۋاب بەرگۈچى يەتتە كىشىدىنمۇ دانا سانار. | 16 |
Ⱨurun ɵzini pǝm bilǝn jawab bǝrgüqi yǝttǝ kixidinmu dana sanar.
كوچىدا كېلىۋېتىپ، ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ماجىراغا ئارىلاشقان كىشى، ئىتنىڭ قۇلىقىنى تۇتۇپ سوزغانغا ئوخشاش خەتەرگە دۇچار بولار. | 17 |
Koqida keliwetip, ɵzigǝ munasiwǝtsiz majiraƣa arilaxⱪan kixi, Itning ⱪuliⱪini tutup sozƣanƣa ohxax hǝtǝrgǝ duqar bolar.
ئۆز يېقىنلىرىنى ئالداپ «پەقەت چاقچاق قىلىپ قويدۇم!» دەيدىغان كىشى، ئوتقاشلارنى، ئوقلارنى، ھەرخىل ئەجەللىك قوراللارنى ئاتقان تەلۋىگە ئوخشايدۇ. | 18 |
Ɵz yeⱪinlirini aldap «Pǝⱪǝt qaⱪqaⱪ ⱪilip ⱪoydum!» dǝydiƣan kixi, Otⱪaxlarni, oⱪlarni, ⱨǝrhil ǝjǝllik ⱪorallarni atⱪan tǝlwigǝ ohxaydu.
ئوتۇن بولمىسا ئوت ئۆچەر؛ غەيۋەت بولمىسا، جېدەل بېسىلار. | 20 |
Otun bolmisa ot ɵqǝr; Ƣǝywǝt bolmisa, jedǝl besilar.
چوغلار ئۈستىگە چاچقان كۆمۈردەك، ئوت ئۈستىگە قويغان ئوتۇندەك، جېدەلچى جېدەلنى ئۇلغايتار. | 21 |
Qoƣlar üstigǝ qaqⱪan kɵmürdǝk, Ot üstigǝ ⱪoyƣan otundǝk, jedǝlqi jedǝlni ulƣaytar.
غەيۋەتخورنىڭ سۆزلىرى ھەرخىل نازۇنېمەتلەردەك، كىشىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈلەر. | 22 |
Ƣǝywǝthorning sɵzliri ⱨǝrhil nazunemǝtlǝrdǝk, Kixining ⱪǝlbigǝ qongⱪur singdürülǝr.
يالقۇنلۇق لەۋلەر رەزىل كۆڭۈللەرگە قوشۇلغاندا، ساپال قاچىغا كۈمۈش ھەل بەرگەنگە ئوخشاشتۇر. | 23 |
Yalⱪunluⱪ lǝwlǝr rǝzil kɵngüllǝrgǝ ⱪoxulƣanda, Sapal ⱪaqiƣa kümüx ⱨǝl bǝrgǝngǝ ohxaxtur.
ئاداۋەت ساقلايدىغان ئادەم ئۆچىنى گەپلىرى بىلەن ياپسىمۇ، كۆڭلىدە قات-قات سۇيىقەست ساقلايدۇ. | 24 |
Adawǝt saⱪlaydiƣan adǝm ɵqini gǝpliri bilǝn yapsimu, Kɵnglidǝ ⱪat-ⱪat suyiⱪǝst saⱪlaydu.
ئۇنىڭ سۆزى چىرايلىق بولسىمۇ، ئىشىنىپ كەتمىگىن؛ قەلبىدە يەتتە قات ئىپلاسلىق باردۇر. | 25 |
Uning sɵzi qirayliⱪ bolsimu, ixinip kǝtmigin; Ⱪǝlbidǝ yǝttǝ ⱪat iplasliⱪ bardur.
ئۇ ئۆچمەنلىكىنى چىرايلىق گەپ بىلەن ياپسىمۇ، لېكىن رەزىللىكى جامائەتنىڭ ئالدىدا ئاشكارىلىنار. | 26 |
U ɵqmǝnlikini qirayliⱪ gǝp bilǝn yapsimu, Lekin rǝzilliki jamaǝtning aldida axkarilinar.
كىشىگە ئورا كولىغان ئۆزى چۈشەر؛ تاشنى دومىلاتقان كىشىنى تاش دۇمىلاپ قايتىپ كېلىپ ئۇنى يانجار. | 27 |
Kixigǝ ora koliƣan ɵzi qüxǝr; Taxni domilatⱪan kixini tax dumilap ⱪaytip kelip uni yanjar.
ساختا تىل ئۆزى زىيانكەشلىك قىلغان كىشىلەرگە نەپرەتلىنەر؛ خۇشامەت قىلغۇچى ئېغىز ئادەمنى ھالاكەتكە ئىتتىرەر. | 28 |
Sahta til ɵzi ziyankǝxlik ⱪilƣan kixilǝrgǝ nǝprǝtlinǝr; Huxamǝt ⱪilƣuqi eƣiz adǝmni ⱨalakǝtkǝ ittirǝr.