< پەند-نەسىھەتلەر 25 >
تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغانلىرىمۇ سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى؛ بۇلارنى يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ ئوردىسىدىكىلەر كۆچۈرۈپ خاتىرىلىگەن: ــ | 1 |
Tɵwǝndǝ bayan ⱪilinidiƣanlirimu Sulaymanning pǝnd-nǝsiⱨǝtliri; bularni Yǝⱨudaning padixaⱨi Ⱨǝzǝkiyaning ordisidikilǝr kɵqürüp hatiriligǝn: —
پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ــ ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنى ئاشكارىلىمىغىنىدا؛ پادىشاھلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ــ بىر ئىشنىڭ سىرىنى يېشەلىگىنىدە. | 2 |
Pǝrwǝrdigarning uluƣluⱪi — Ɵzining ⱪilƣan ixini axkarilimiƣinida; Padixaⱨlarning uluƣluⱪi — bir ixning sirini yexǝliginidǝ.
ئەرشنىڭ ئېگىزلىكىنى، زېمىننىڭ چوڭقۇرلۇقىنى، ۋە پادىشاھلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى مۆلچەرلەپ بىلگىلى بولماس. | 3 |
Ərxning egizlikini, Zeminning qongⱪurluⱪini, Wǝ padixaⱨlarning kɵnglidikini mɵlqǝrlǝp bilgili bolmas.
ئاۋۋال كۈمۈشنىڭ پوقى ئايرىلىپ تاۋلانسا، ئاندىن زەرگەر نەپىس بىر قاچا ياساپ چىقار. | 4 |
Awwal kümüxning poⱪi ayrilip tawlansa, Andin zǝrgǝr nǝpis bir ⱪaqa yasap qiⱪar.
ئاۋۋال پادىشاھنىڭ ئالدىدىكى رەزىل خىزمەتكارلىرى قوغلىۋېتىلسە، ئاندىن ئۇنىڭ تەختى ئادالەت ئۈستىگە قۇرۇلار. | 5 |
Awwal padixaⱨning aldidiki rǝzil hizmǝtkarliri ⱪoƣliwetilsǝ, Andin uning tǝhti adalǝt üstigǝ ⱪurular.
پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى ھەممىنىڭ ئالدى قىلىپ كۆرسەتمە، [ئۇنىڭ ئالدىدىكى] ئەربابلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇۋالما؛ | 6 |
Padixaⱨning aldida ɵzüngni ⱨǝmmining aldi ⱪilip kɵrsǝtmǝ, [Uning aldidiki] ǝrbablarning ornida turuwalma;
ئورنۇڭنى ئۆزۈڭدىن يۇقىرى جانابقا بېرىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا پەگاھقا چۈشۈرۈلگىنىڭدىن كۆرە، ئۆزگىلەرنىڭ سېنى تۆرگە تەكلىپ قىلغىنى ياخشىدۇر. | 7 |
Ornungni ɵzüngdin yuⱪiri janabⱪa berip, uning aldida pǝgaⱨⱪa qüxürülginingdin kɵrǝ, Ɵzgilǝrning seni tɵrgǝ tǝklip ⱪilƣini yahxidur.
ئالدىراپ دەۋاغا بارمىغىن، مۇبادا بېرىپ، يېقىنىڭ [ئۈستۈن چىقىپ] سېنى لەت قىلسا، قانداق قىلىسەن؟ | 8 |
Aldirap dǝwaƣa barmiƣin, Mubada berip, yeⱪining [üstün qiⱪip] seni lǝt ⱪilsa, ⱪandaⱪ ⱪilisǝn?
يېقىنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشسەڭ، باشقىلارنىڭ سىرىنى ئاچما. | 9 |
Yeⱪining bilǝn munazirilǝxsǝng, Baxⱪilarning sirini aqma.
بولمىسا، بۇنى بىلگۈچىلەر سېنى ئەيىبلەيدۇ، سېسىق نامدىن قۇتۇلالمايسەن. | 10 |
Bolmisa, buni bilgüqilǝr seni ǝyiblǝydu, Sesiⱪ namdin ⱪutulalmaysǝn.
ۋاقتى-جايىدا قىلىنغان سۆز، كۈمۈش رامكىلارغا تىزىلغان ئالتۇن ئالمىلاردۇر. | 11 |
Waⱪti-jayida ⱪilinƣan sɵz, Kümüx ramkilarƣa tizilƣan altun almilardur.
[قۇلاققا] ئالتۇن ھالقا، نەپىس ئالتۇندىن ياسالغان زىننەت بۇيۇمى ياراشقاندەك، ئاقىلانىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى كۆڭۈل قويغاننىڭ قۇلىقىغا يارىشار. | 12 |
[Ⱪulaⱪⱪa] altun ⱨalⱪa, nǝpis altundin yasalƣan zinnǝt buyumi yaraxⱪandǝk, Aⱪilanining agaⱨlanduruxi kɵngül ⱪoyƣanning ⱪuliⱪiƣa yarixar.
خۇددى ئورما ۋاقتىدىكى تومۇزدا [ئىچكەن] قار سۈيىدەك، ئىشەنچلىك ئەلچى ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىلەرگە شۇنداق بولار؛ ئۇ خوجايىنلىرىنىڭ كۆكسى-قارنىنى ياشارتار. | 13 |
Huddi orma waⱪtidiki tomuzda [iqkǝn] ⱪar süyidǝk, Ixǝnqlik ǝlqi ɵzini ǝwǝtküqilǝrgǝ xundaⱪ bolar; U hojayinlirining kɵksi-ⱪarnini yaxartar.
يامغۇرى يوق بۇلۇت-شامال، يالغان سوۋغاتنى ۋەدە قىلىپ ماختانغۇچىغا ئوخشاشتۇر. | 14 |
Yamƣuri yoⱪ bulut-xamal, Yalƣan sowƣatni wǝdǝ ⱪilip mahtanƣuqiƣa ohxaxtur.
ئۇزۇنغىچە سەۋر-تاقەت قىلىنسا، ھۆكۈمدارمۇ قايىل قىلىنار، يۇمشاق تىل سۆڭەكلەردىنمۇ ئۆتەر. | 15 |
Uzunƣiqǝ sǝwr-taⱪǝt ⱪilinsa, ⱨɵkümdarmu ⱪayil ⱪilinar, Yumxaⱪ til sɵngǝklǝrdinmu ɵtǝr.
سەن ھەسەل تېپىۋالدىڭمۇ؟ ئۇنى پەقەت تويغۇچىلا يە، كۆپ يېسەڭ ياندۇرۇۋېتىسەن. | 16 |
Sǝn ⱨǝsǝl tepiwaldingmu? Uni pǝⱪǝt toyƣuqila yǝ, Kɵp yesǝng yanduruwetisǝn.
قوشناڭنىڭ بوسۇغىسىغا ئاز دەسسە، ئۇلار سەندىن تويۇپ، ئۆچ بولۇپ قالمىسۇن. | 17 |
Ⱪoxnangning bosuƣisiƣa az dǝssǝ, Ular sǝndin toyup, ɵq bolup ⱪalmisun.
يالغان گۇۋاھلىق بىلەن يېقىنىغا قارا چاپلىغۇچى، خۇددى گۈرزە، قىلىچ ۋە ئۆتكۈر ئوققا ئوخشاشتۇر. | 18 |
Yalƣan guwaⱨliⱪ bilǝn yeⱪiniƣa ⱪara qapliƣuqi, Huddi gürzǝ, ⱪiliq wǝ ɵtkür oⱪⱪa ohxaxtur.
سۇنۇق چىش بىلەن چايناش، توكۇر پۇت [بىلەن مېڭىش]، كۈلپەت كۈنىدە ۋاپاسىز كىشىگە ئۈمىد باغلىغاندەكتۇر. | 19 |
Sunuⱪ qix bilǝn qaynax, Tokur put [bilǝn mengix], Külpǝt künidǝ wapasiz kixigǝ ümid baƣliƣandǝktur.
قىش كۈنىدە كىشىلەرنىڭ كىيىمىنى سالدۇرۇۋېتىش، ياكى سۇدا ئۈستىگە ئاچچىق سۇ قۇيۇش، قايغۇلۇق كىشىنىڭ ئالدىدا ناخشا ئېيتقاندەكتۇر. | 20 |
Ⱪix künidǝ kixilǝrning kiyimini salduruwetix, Yaki suda üstigǝ aqqiⱪ su ⱪuyux, Ⱪayƣuluⱪ kixining aldida nahxa eytⱪandǝktur.
دۈشمىنىڭنىڭ قورسىقى ئاچ بولسا، نان بەر؛ ئۇسسىغان بولسا سۇ بەر؛ | 21 |
Düxminingning ⱪorsiⱪi aq bolsa, Nan bǝr; Ussiƣan bolsa su bǝr;
شۇنداق قىلساڭ، بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن، ۋە پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى ساڭا ياندۇرىدۇ. | 22 |
Xundaⱪ ⱪilsang, bexiƣa kɵmür qoƣini toplap salƣan bolisǝn, Wǝ Pǝrwǝrdigar bu ixni sanga yanduridu.
شىمال تەرەپتىن چىققان شامال قاتتىق يامغۇر ئېلىپ كەلگەندەك، چېقىمچى شۇم چىراينى كەلتۈرەر. | 23 |
Ximal tǝrǝptin qiⱪⱪan xamal ⱪattiⱪ yamƣur elip kǝlgǝndǝk, Qeⱪimqi xum qirayni kǝltürǝr.
سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن [ئازادە] ئۆيدە بىللە تۇرغاندىن كۆرە، ئۆگزىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا [يالغۇز] يېتىپ-قوپقان ياخشى. | 24 |
Soⱪuxⱪaⱪ hotun bilǝn [azadǝ] ɵydǝ billǝ turƣandin kɵrǝ, Ɵgzining bir bulungida [yalƣuz] yetip-ⱪopⱪan yahxi.
ئۇسساپ كەتكەن كىشىگە مۇزدەك سۇ بېرىلگەندەك، يىراق يۇرتتىن كەلگەن خۇش خەۋەرمۇ ئەنە شۇنداق بولار. | 25 |
Ussap kǝtkǝn kixigǝ muzdǝk su berilgǝndǝk, Yiraⱪ yurttin kǝlgǝn hux hǝwǝrmu ǝnǝ xundaⱪ bolar.
پېتىقدىلىپ سۈيى لېيىپ كەتكەن بۇلاق، سۈيى بۇلغىۋېتىلگەن قۇدۇق، رەزىللەرگە يول قويغان ھەققانىي ئادەمگە ئوخشاشتۇر. | 26 |
Petiⱪdilip süyi leyip kǝtkǝn bulaⱪ, Süyi bulƣiwetilgǝn ⱪuduⱪ, Rǝzillǝrgǝ yol ⱪoyƣan ⱨǝⱪⱪaniy adǝmgǝ ohxaxtur.
ھەسەلنى ھەددىدىن زىيادە يېيىش ياخشى بولماس؛ بىراق ئۇلۇغلۇقنى ئىزدەشنىڭ ئۆزى ئۇلۇغ ئىشتۇر. | 27 |
Ⱨǝsǝlni ⱨǝddidin ziyadǝ yeyix yahxi bolmas; Biraⱪ uluƣluⱪni izdǝxning ɵzi uluƣ ixtur.
ئۆزىنى تۇتالمايدىغان كىشى، ۋەيران بولغان، سېپىلسىز قالغان شەھەرگە ئوخشايدۇ. | 28 |
Ɵzini tutalmaydiƣan kixi, Wǝyran bolƣan, sepilsiz ⱪalƣan xǝⱨǝrgǝ ohxaydu.