< پەند-نەسىھەتلەر 24 >
يامانلارغا رەشك قىلما، ئۇلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىشنى ئارزۇ قىلما؛ | 1 |
Seek not to be like evil men, neither desire to be with them:
چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭلى زوراۋانلىقنىلا ئويلار؛ ئۇلارنىڭ ئاغزى ئازار يەتكۈزۈشنى سۆزلەر. | 2 |
Because their mind studieth robberies, and their lips speak deceits.
ئائىلە بولسا دانالىق ئاساسىدا بەرپا قىلىنار؛ چۈشىنىش بىلەن مۇستەھكەملىنەر. | 3 |
By wisdom the house shall be built, and by prudence it shall be strengthened.
بىلىم بىلەن ئۆينىڭ خانىلىرى ھەرخىل قىممەتلىك، ئېسىل گۆھەرلەرگە تولدۇرۇلار. | 4 |
By instruction the storerooms shall be filled with all precious and most beautiful wealth.
دانا ئادەم زور كۈچكە ئىگىدۇر؛ بىلىمى بار ئادەم قۇدرىتىنى ئاشۇرار. | 5 |
A wise man is strong: and a knowing man, stout and valiant.
پۇختا نەسىھەتلەر بىلەن جەڭ قىلغىن؛ غەلىبە بولسا بىردىنبىر ئۇلۇغ مەسلىھەتچى بىلەن بولار. | 6 |
Because war is managed by due ordering: and there shall be safety where there are many counsels.
دانالىق ئەقىلسىز ئادەمگە نىسبەتەن تولىمۇ ئېگىز، چۈشىنىكسىزدۇر؛ [چوڭلار] شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا يىغىلغاندا ئۇ زۇۋان ئاچالماس. | 7 |
Wisdom is too high for a fool, in the gate he shall not open his mouth.
ئەسكىلىكنى نىيەتلىگەن ئادەم «سۇيىقەستچى» ئاتىلار. | 8 |
He that deviseth to do evils, shall be called a fool.
ئەخمەقلىقتىن بولغان نىيەت گۇناھدۇر؛ ھاكاۋۇر كىشى ئادەملەرگە يىرگىنچلىكتۇر. | 9 |
The thought of a fool is sin: and the detracter is the abomination of men.
بېشىڭغا ئېغىر كۈن چۈشكەندە جاسارەتسىز بولساڭ، كۈچسىز ھېسابلىنىسەن. | 10 |
If thou lose hope being weary in the day of distress, thy strength shall be diminished.
[سەۋەبسىز] ئۆلۈمگە تارتىلغانلارنى قۇتقۇزغىن؛ بوغۇزلىنىش خەۋپىدە تۇرغانلاردىن ياردەم قولۇڭنى تارتما؛ | 11 |
Deliver them that are led to death: and those that are drawn to death forbear not to deliver.
ئەگەر سەن: «بۇ ئىشتىن خەۋىرىمىز يوقتۇر» دېسەڭ، ھەر ئادەمنىڭ كۆڭلىنى تارازىغا سالغۇچى بۇنى كۆرمەسمۇ؟ جېنىڭنى ھايات ساقلىغۇچى ئۇنى بىلمەسمۇ؟ ئۇ ھەربىر ئىنسان بالسىنىڭ ئۆز قىلغانلىرى بويىچە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ياندۇرماسمۇ؟ | 12 |
If thou say: I have not strength enough: he that seeth into the heart, he understandeth, and nothing deceiveth the keeper of thy soul, and he shall render to a man according to his works.
ئى ئوغلۇم، ھەسەل [تاپساڭ] ئىستىمال قىل، ئۇ ياخشىدۇر. ھەرە كۆنىكىدىن ئالغان ھەسەل بولسا تاتلىق تېتىيدۇ؛ | 13 |
Fat honey, my son, because it is good, and the honeycomb most sweet to thy throat:
دانالىق بىلەن تونۇشساڭ، ئۇمۇ كۆڭلۈڭگە شۇنىڭدەك بولار؛ ئۇنى تاپقىنىڭدا جەزمەن ياخشى كۆرىدىغان كۈنۈڭ بولىدۇ، ئارزۇ-ئۈمىدىڭ بىكارغا كەتمەس. | 14 |
So also is the doctrine of wisdom to thy soul: which when thou hast found, thou shalt have hope in the end, and thy hope shall not perish.
ئى رەزىل ئادەم، ھەققانىينىڭ ئۆيىگە يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلىشنى كۈتمە، ئۇنىڭ تۇرالغۇسىنى بۇلىغۇچى بولما! | 15 |
Lie not in wait, nor seek after wickedness in the house of the just, nor spoil his rest.
چۈنكى ھەققانىي يەتتە قېتىم يىقىلىپ چۈشەر، بىراق ئاخىرى يەنە ئورنىدىن تۇرار. لېكىن رەزىل كىشى كۈلپەت ئىچىگە پۇتلىشىپ چۈشەر. | 16 |
For a just mall shall fall seven times and shall rise again: but the wicked shall fall down into evil.
رەقىبىڭ يىقىلىپ كەتسە خۇش بولۇپ كەتمە، دۈشمىنىڭ پۇتلىشىپ چۈشسە شادلانما؛ | 17 |
When thy enemy shall fall, be not glad, and in his ruin let not thy heart rejoice:
پەرۋەردىگار بۇنى كۆرگەندە، بۇ قىلىقىڭنى ياخشى كۆرمەي، بەلكىم غەزىپىنى رەقىبىڭگە چۈشۈرمەسلىكى مۇمكىن. | 18 |
Lest the Lord see, and it displease him, and he turn away his wrath from him.
يامانلار [راۋاج تاپسا]، بىئارام بولۇپ كەتمە؛ رەزىللەرگە رەشك قىلما. | 19 |
Contend not with the wicked, nor seek to be like the ungodly:
چۈنكى يامانلارنىڭ كېلەچىكى يوقتۇر، ئۇنىڭ چىرىغىمۇ ئۆچۈرۈلەر. | 20 |
For evil men have no hope of things to come, and the lamp of the wicked shall be put out.
ئى ئوغلۇم، پەرۋەردىگاردىن قورققىن، پادىشاھنىمۇ ھۆرمەت قىل. قۇتراتقۇچىلار بىلەن ئارىلاشما. | 21 |
My son, fear the Lord and the king: and have nothing to do with detracters.
بۇنداق كىشىلەرگە كېلىدىغان بالايىئاپەت ئۇشتۇمتۇت بولار، [پەرۋەردىگار بىلەن پادىشاھنىڭ] ئۇلارنى قانداق يوقىتىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ | 22 |
For their destruction shall rise suddenly: and who knoweth the ruin of both?
بۇلارمۇ ئاقىلانىلەرنىڭ سۆزلىرىدۇر: ــ سوت قىلغاندا بىر تەرەپكە يان بېسىش قەتئىي بولماس. | 23 |
These things also to the wise: It is not good to have respect to persons in judgment.
جىنايەتچىگە: «ئەيىبسىز سەن» دەپ ھۆكۈم چىقارغان كىشىگە، خەلقلەر لەنەت ئېيتار؛ ئەل-يۇرتلار ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنەر. | 24 |
They that say to the wicked man: Thou art just: shall be cursed by the people, and the tribes shall abhor them.
بىراق ئۇلار جىنايەتچىنىڭ گۇناھىنى ئېچىپ تاشلىغان كىشىدىن خۇرسەن بولار، ئۇلار ئۇنىڭغا بەخت-سائادەت تىلىشەر. | 25 |
They that rebuke him, shall be praised: and a blessing shall come upon them.
دۇرۇس جاۋاب بەرگۈچى، گوياكى كىشىنىڭ لەۋلىرىگە سۆيگۈچىدۇر. | 26 |
He shall kiss the lips, who answereth right words.
ئاۋۋال سىرتتا ئىشلىرىڭنىڭ يولىنى ھازىرلاپ، ئېتىز-ئېرىقلىرىڭنى تەييارلا، ئاندىن ئۆيۈڭنى سالغىن. | 27 |
Prepare thy work without, and diligently till thy ground: that afterward thou mayst build thy house.
يېقىنىڭغا قارشى ئاساسسىز گۇۋاھلىق قىلما؛ ئاغزىڭدىن ھېچ يالغانچىلىق چىقارما. | 28 |
Be not witness without cause against thy neighbour: and deceive not any man with thy lips.
«ئۇ ماڭا قانداق قىلغان بولسا، مەنمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىمەن، ئۇنىڭ ماڭا قىلغىنىنى ئۆزىگە ياندۇرىمەن»، دېگۈچى بولما. | 29 |
Say not: I will do to him as he hath done to me: I will render to every one according to his work.
مەن ھۇرۇننىڭ ئېتىزلىقىدىن ئۆتتىم، ئەقىلسىزنىڭ ئۈزۈمزارلىقى يېنىدىن ماڭدىم، | 30 |
I passed by the field of the slothful man, and by the vineyard of the foolish man:
مانا، ھەر يېرىدىن تىكەنلەر ئۆسۈپ چىققان، خوخىلار يەر يۈزىنى بېسىپ كەتكەن، قورۇق تېمى ئۆرۈلۈپ كەتكەن! | 31 |
And behold it was all filled with nettles, and thorns had covered the face thereof, and the stone wall was broken down.
ئۇلارنى كۆرگەچ، ئوبدان ئويلاندىم؛ كۆرگىنىمدىن ساۋاق ئالدىم: ــ | 32 |
Which when I had seen, I laid it up in my heart, and by the example I received instruction.
سەن: «يەنە بىردەم كۆزۈمنى يۇمۇۋالاي، يەنە بىردەم ئۇخلىۋالاي، يەنە بىردەم پۇت-قولۇمنى ئالماپ يېتىۋالاي» ــ دېسەڭ، | 33 |
Thou wilt sleep a little, said I, thou wilt slumber a little, thou wilt fold thy hands a little to rest:
نامراتلىق بۇلاڭچىدەك سېنى بېسىپ كېلەر، ھاجەتمەنلىك قالقانلىق ئەسكەردەك ساڭا ھۇجۇم قىلار. | 34 |
And poverty shall come to thee as a runner, and beggary as an armed man.